ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار ئامانشاھنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشكە تىلىفۇن قىل ...
كۆرۈش: 404|ئىنكاس: 9
go

ئامانشاھنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشكە تىلىفۇن قىلىشى

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1516 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 23:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
10086مۇلازىمەتچى قىزچاق: ئەپەندىم،كەچلىكىڭىز ياخشىمۇ؟سىزگە بىرەر ياردىمىم لازىممۇ؟
ئامانشاھ: يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قالدى،سىزدىن سائەتنىڭ نەچچە بولغىنىنى سورىماقچىدىم.
قىزچاق: ئەپەندىم،يانفۇنىڭىزنىڭ توكى تۈگەپ قالغان بولسا ماڭا قانداق تىلىفۇن قىلىۋاتىسىز؟
ئامانشاھ: يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئىتىلىپ قالسىمۇ،تىلىفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ،شۇ سائىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
قىزچاق: (ئاھ، خۇدا)ئەپەندىم،ھازىر سائەت2:34مىنۇت ئۆتتى،باشقا ياردىمىم لازىممۇ؟
ئامانشاھ: ھە،ئۇنداقتا بۇ كىچىدە نىمىشقا ئۇخلىمايسىز؟
قىزچاق: (قانداق قىلارمەن)ئەپەندىم،بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىز،باشقا ئىشىڭىز بارمۇ؟
ئامانشاھ: باشقا ئىشىم بولمىسا تىلىفۇن قىلسام بولمامدىكەن؟
قىزچاق: كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن.
ئامانشاھ: نىمىشقا سىلەرگە تىلىفۇن قىلساق ھەقسىز،باشقىلارغا قىلساق ھەق ئالىسىلەر؟
قىزچاق: ئەپەندىم،بۇ بىزنىڭ خىرىدارلارغا بولغان ئالى مۇلازىمىتىمىز،خىرىداردىگەن تەڭرى دىگەن
كۆزقاراش مۇلازىمەت قىلغاچقا ھەق ئالمايمىز.
ئامانشاھ: خىرىدارنى تەڭرى دەپ مۇلازىمەت قىلىسىز،ئۇنداقتا ھازىر مىنىڭ قورسىقىم ئىچىپ كەتتى،ئۆيۇمگە
كىلىپ ماڭا تاماق قىلىپ بىرىڭ.
قىزچاق: كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،بىزنىڭ تاماق قىلىپ بىرىدىغان مۇلازىمىتىمىز يوق.
ئامانشاھ: سىز تەڭرىنىڭ مۇلازىمىتىگىمۇ ئۇنداق-بۇنداق دىمەكچىمۇ؟
قىزچاق: ئەپەندىم ، بىز پەقەت خىرىدارلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىدىكى ئىشلارغا مۇلازىمەت قىلىمىز،باشقا
ئىشىڭىز بارمۇ؟
ئامانشاھ: مەنمۇ يولسىز ئادەم ئەمەس،بوپتۇ،مەنمۇ 3سۇئال سوراي،توغراجاۋاب بىرەلىسىڭىز سىزنى ئاۋارەقىلماي.
قىزچاق: (ۋاي،قان قۇساي)قىنى سۆزلەڭ.
ئامانشاھ: قىزىل ئارمىيە ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى زادى قانچىلىك ماڭغان؟
قىزچاق:25مىڭ چاقىرىمغۇ دەيمەن.
ئامانشاھ:ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان ئادەم سانى قانچە؟
قىزچاق: سەكسەن ئالتە مىڭ ئەتراپىدا.
ئامانشاھ: ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئىيتىپ بىرىڭ.
قىزچاق: ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،؟
ئامانشاھ: ئەگەر تەڭرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمىسىڭىز ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن.
قىزچاق: كەچۈرۈڭ ئەپەندىم،مەن راستىنلا بىلمەيمەن.
ئامانشاھ: مۇشۇنداق ئاددى سۇئالغىمۇ جاۋاب بىرەلمەمسىز؟سىزدە خىزمەتكە بولغان ئەستايىدىللىق
دەيدىغان نەرسە بارمۇ؟
قىزچاق: بۇ......بۇ.....(يىغا ئاۋازى)بۇ سۇئالمۇ ئاددىمۇ؟ئەپەندىم، مەنمۇ ئۈچ سۇئال سوراپ باقاي،جاۋاب بىرىپ بىقىشنى خالامسىز؟
ئامانشاھ: قىنى دەپ بىقىڭ؟
قىزچاق: 2008-يىلى ئولىمپىك قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەن؟
ئامانشاھ: بىيجىڭدا.
قىزچاق: ئىچىلىش مۇراسىمى قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەن؟
ئامانشاھ: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى،ئەگەر ئاخىرقى سۇئالىڭىز،مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىسمى بولسا يەنىلا
ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن.
قىزچاق : (قاتتىق يىغا ئاۋازى)ئەپەندىم،ئەپەندىم،ئادىرسىڭىزنى دەپ بىرىڭ،سىزگە تاماق قىلىپ بىرەي.

سىلەرمۇ سىناب يۈرمەڭلا يەنە،ھە..

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatjan005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-6 23:42

قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 00:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق كەچلىك كۈلدۈرگە بولۇپتۇ ...
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
538 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 00:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق كەچلىك كۈلدۈرگە بولۇپتۇ .....

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
255 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 03:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا! ھا! ھا! ئۇ قىزنى كاللىغىمۇ كەلمەيدىغان سۇئاللارنى سوراپ بەك قىينىۋىتىپسىلە ئەمەسمۇ ! . نەدىمۇ ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرىغا تاماق قىپ بىرىدىغان كەسپى بار . بۇ كۈلدۈگىنى ئەمەلىيەتتە بولغان ئىشتەكلا قاملاشتۇرۋىتىپسىلىغۇ ! . بەك قاملىشىپتۇ . :

توردا
228سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
235 
تېما
33 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چاقچاق ئارقىلىق شىركىتىڭلارنى ئالاھىيدە ئېلان قىلىپسىلەن مانا . دېمىسىمۇ ئۇ بىچارىلىگە بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ ، تاڭ ئاتاي دىگەندە تېلىفۇن قىلسىمۇ ئىرىنمەي سۆزلەۋاتقان .

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
14 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 14:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا كارامەت ئېشلار بولۇپ كېتىپتىغۇ نېمىدېگەن قېزىققارلىق ھە رەھمەت

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
230 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 22:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئامانشاھ كۆرۈپ ئۆلىۋالىدىغان بولدىدە.

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
173 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە دىگەن قىزىقارلىق ھە، ئەجەپمۇ بىر ئىش دەيمەن ھەممە ئادەم كىچىدە دەم ئالىدىغان تۇرسا ئەمما مۇشۇ 10086 داۋاملىق 24 سائەت ئىشلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇيقىسىى كەلمەمدىكىنە،
مەنمۇ بەزىدە ئۇيقۇم كەلمىسە 10086، 10010 تىلفۇن قىلىپ، ئۇلارنى گەپكە سىلىپ قويىمەن،.، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇلار ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ، سورىغان سۇئاللىرىمغا، ئۇلاردەك جاپالىق ئىشلىسەم ئۆلەرمەننا،

توردا
47سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
173 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە دىگەن قىزىقارلىق ھە، ئەجەپمۇ بىر ئىش دەيمەن ھەممە ئادەم كىچىدە دەم ئالىدىغان تۇرسا ئەمما مۇشۇ 10086 داۋاملىق 24 سائەت ئىشلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇيقىسىى كەلمەمدىكىنە،
مەنمۇ بەزىدە ئۇيقۇم كەلمىسە 10086، 10010 تىلفۇن قىلىپ، ئۇلارنى گەپكە سىلىپ قويىمەن،.، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇلار ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ، سورىغان سۇئاللىرىمغا، ئۇلاردەك جاپالىق ئىشلىسەم ئۆلەرمەننا،

توردا
11سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
10 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 16:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستىنلا ئۇلارنىڭ خىزمىتى جاپالىق ، لېكىن بۇ تىمىمۇ بەك قاملىشىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 14:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.