ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن قەشقەردىن يۆتكەپ كىلىنگەن سېسىق گەپلەر توپ ...
كۆرۈش: 1445|ئىنكاس: 20
go

قەشقەردىن يۆتكەپ كىلىنگەن سېسىق گەپلەر توپلىمى 4  

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
482 
تېما
129 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 17:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر كۈنى يىزىدىن كىرگەن بىر نەچچە ياش بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىشكە كىرىپتۇ، ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا شەھەرلىك ياشلاردىن بىر نەچچىسى كىرىپتۇ. ئاۋال يىزىلىق بالىلارتاماق بۇيرۇتۇپتۇ پۇتۇندىن 4 ئاش.(لەغەن دىمەكچى) كۈتكۈچى شەھەرلىك بالىلاردىن سوراپتۇ سىلەرگە ئاشنى پۈتۈن ئەكىلەمدىم؟ يېرىممۇ؟ يېرىمدىن ئەكەل بىز يا سەھرالىق بولمىساق كالىدەك پۈتۈن ئاش يەيدىغان دەپتۇ........ يىزىدىن كىرگەن بالىلار بۇ گەپنى كۆڭلىگە سىپ قويۇپ ئوتۇرۇپتۇ.بىر كەمدە كۈتكۈچى كىلىپ يىزىلىق بالىلاردىن سوراپتۇ ئاش سۈيى ئەكىلەيمۇ؟ ياق، بىز يا شەھەرلىك بولمىساق يېرىم ئاش يەپ تويمىغىنىغا ئاش سۈيى ئىچىدىغان دەپتۇ.
*********************************************************************************************************
تىببىي ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئاشخانىسى دەيدىغان بىر ئاشخانا بولىدىغان، غۇشلۇكى ئادەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىغان.. بىر چۇشتە بىر قەشقەرلىك بالا پولۇ يىگىلى كىرىپتۇ .پولۇمۇ بەكلا تەستە چىقىپتۇ، ئەمما قوشۇق يوق، تاڭجاڭدىن ئىككى ئۇچ قېتىم قوشۇق سوراپتۇ، قوشۇق كەلمەپتۇ .ئاخىرى ئۇ بالا چىدىماي: ئۇستوووووم، قوشۇق بولمىسا تىشاڭ بولسىمۇ مەيلىتى ئۇسسۇپ يىگىلى... بى ئەككىلىۋىتىڭلا! دەپتۇ.
*********************************************************************************************************
بىرسى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە توققان يوقلاپ بېرىپتۇ، قارىسا بۇ قەشقەردە <كىرىڭ> دىگەننىڭ ئورنىغا< چىرىڭ>. <كىم> دىگەننىڭ ئورنىغا <چىما> دىگەننى ئىشلىتىدىكەندە،شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھېلقى كىشى ،تۇققىنىغا دەپتۇ، سىللەر داۋاملىق<ك> نىڭ ئورنىغا <چ> نى ئالماشتۇرۋالدىكەنسىلەر ،<كىرىڭ> دىگەننى <چىرىڭ> ،<كىم> دىگەننى <چىما> دىگەندەك، <چ> نىڭ ئورنىغا <ك> نىلا ئالماشتۇرساڭلا توغرا بولىدىكەنغۇ. دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىللە ئۇرۇمچىگە مېڭىپتۇ ئۈرۈمچىدە بېكەتتىن چىقىپلا ھېلقى قەشقەرلىق تۇققىنى ياپيېشىل چىملىقنى كۆرۈپ < ۋۇييۇ ماۋۇ كىملەرنى>. دىگۈدەك.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
بىژكۈنى بى ئاغىنەم بىلەن بى ئاشخانىغا چىرىپ قالدۇق ،بۇئاغىنەم يامان سېسىق گەپ قىلاتتى دە.
ئاشىانىغا چىرىپ تاماق بۇرۇپ قوياپ خېلى ئوتتاساق يا تاماق يا چاي ئەكەممەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھېلقى ئاغىنەم تاڭجاڭنى تولاپ:<قايسسا ئې چاي پىشقان بوسا بى ئەكىلۋەتمەملا !> دىسە ھېلىقى تاڭجاڭ ماندا!!!!ئالىيىپ قوياپ :<ما!!مىمانغا!!!چاي!!!!!!>دەپ چاينى ئەكىلشىگە ،ھېلىقى ئاغىنىمىز قوپاپ :<ما! تاماقنىمۇ خېلى بولدى بۇرۇپ قويغىلى!>
-نېمى بۇرىغان!!؟دېدى ھېلىقى تاڭجاڭ! بوممىسا تاماقنى ئاشۇ تاڭجاڭغا بۇرىغان.
-ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن!!
-سەل تەستىراق چىقىدىغان تاماق بۇيرۇپ قاپلا! بوممىسا قورىماي موما يىمەملا ئىشتتكرەك چىقىدىغان!؟
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىژكۈنى بى قىز ساۋاقدىشىم بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولاپ قالدۇق ،ئەمدە كەچتە ئازراق يەي سەمرىپ كىتىدىكەنمە دەپتى،ماقا،دەپ گۆش ناندىن ئككىنى سۇيقاشتىن ئككىنى بۇيرىسام ،ھېلىقى تاڭجاڭ -كاۋاپ !؟
-ئككى زىخ قوياپ قويسا !؟ دىسەم.
ھېلقى تاڭجاڭ-ھې!!!!!!قو!!!!!!!قماي قويە،ما! مىمانغا كاۋاپتىن .ئىشككىنى!!!!!!!!!! دىمەسما!
ئاشخانىدا لىق ئەدەم باكىن يامان نۇمۇس قىپ كەتتىم!

$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$ **********************$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
بىر ساۋاقدىشىمىز باتى دادىسى ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئۇ يامان ئاقسا تى دە !
تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغ ،خمىيە دەرىستە مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتسا پاراڭ قىپ ئولتۇرۇپتىكەن،داسكىغا چىقىرىپ سۇنىڭ خېميلىك فورمۇلاسىنى كۆرسىتىپ :
-بۇ!،نىمىنىڭ فورمۇلاسى دىسە دىيەلمەي قاراپ تۇدى دە-بۇ!،شۇنىڭ بىلەن مۇئەللم ھېي!
-سەن 12ژىلنىڭيا قى مەكتەپتە ئوقۇپ مۇشنىمۇ،ئۇقمامسە-ھە!؟ دەپ ئاچچىغلاپ پەستىكى بىر چىلەك سۇنى ئېلىپ جاڭتەيگە تاققىدە ! قوياپ ھې! نىمماۋۇ !؟-دىسە، ھېلىقې ئاغىنىمىز تۇرۇپ كىتىپ :
چىلەك!!!!!!! دىمەسما !
#########################################################################################################
بىر كۇنى بىر قانچەيلەن بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى چىگەنتۇق ،تاڭجاڭ كىلىپ نىمە تاماق يەيسىلەر دەپتى بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن چاينى بەلەنرەك دەملەپ كىلەسىلە جۇما دىدۇق،بىر دەمدىن كىيىن چاينى ئەكلىپتى بىر ئاغىنمىز چاينى شۇنداق قۇيۇپتى چاينىڭ تەمى ئانچا چىقماپتىكىن ھېلقى ئاغىنىمىز تاڭجاڭنى قىشقىرىپ ماڭا قايلىسا بۇ چاينى بىرە قېتىم چاقىۋىتىپ دەملىگەنمۇ يا ، بۇدا چاقىۋەتمەيرەك بى دەملەپ ئەكەلسىلە دەپتى تاڭجاڭ تۇرۇپ كېتىپ بىر دەمدىن كىيىن چاينى قېنىغراق قىلىپ دەملەپ كەپتا .بىزلە شۇنداق كۇلۇشۇپ كەتتۇق. شۇندىن كىيىن بىز شۇ ئاشخانغا چىسەل تاڭجاڭغا چاينى چاقىۋەتمەيرەك دەملەپ كىلەلا جۇما دەپ چاخچاق قىلىپ قويدىغان بولدۇق .
@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@
بىر كۇ نى قەشقەردىكى بىر ئاغىنمېزنىڭ ئويگە كېر گەن ئوي ئېگېسى سۇ بېرەي دەپ تۇرسا بېرىنجى كېرگەن ئاغىنېمىز ئوي ئېگىسېگە ساڭا قول تەڭلېسەم سەت تۇرا مېكى دىيشېگە ئائاغېنىمز :ئۇنداق بولسا دا دامنى چاقېرايمۇ دەپتى ، ھەممېز جېم ئولتۇرغان.
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بىر كۈنى 47~~48 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايال قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپتۇ.
دوختۇر ھېلىقى ئايالدىن خېنىم قانچە ياش دەپ سورىسا، 39 ياش دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئاداش ھېلىقى ئايالنىڭ چىرايىغا بىر سەپسېلىۋىتىپ:''شەنبە يەكشەنبە ، ھېيت-بايرامنى چىقىرىۋىتىپما~~~''-دىگىدەك....
*********************************************************************************************************
بىر كۇنى بىر ئادەم قەشقەرگە كېلىپ بازار ئايلىنىپتۇ،ئۇئادەم بازار ئايلانغاچ بىر بېلىق كاۋىپى ساتىدىغان
يەرگە كېلىپ قاپتۇ.ھەم بېلىق كاۋىپى يىگىسى كېلىپ كاۋاپچىنىڭ قېشىغا كەپتۇ،ھەم بېلىقچىغا-:
بىر زىخ بېلىق كاۋىپى نەچچە پۇل ؟-دەپ سوراپتۇ.
بېلىقچى:-
بىر زىخى 4كوي-دەپتۇ .
ئۇ ئادەم :-
مەن 5نى ئالىمەن 2كويدەن بېرەملا -دەپتۇ.
كاۋاپ ساتىدىغان ئادەم:-
2كويدىن ئېرىقتىن تۇتۇپ يىسىلە -دەپتۇ .
*********************************************************************************************************
ھېيىت كۈنى بىر ئايال بازارغا بادام ئالغىلى چىقىپتۇ .ئايلىنىپ بادام بازىرىغا كەپتۇ .1-دۇكانغا كىرىپ دۇكانچىغا « ئۈكەم بادامنى نەچچىدىن ساتتىىلا » دەپ سوراپتۇ .دۇكانچى « 45سوم » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .ھېلىقى ئايال ئارتۇق گەپ قىلماي بىر تال بادامنى ئېلىپ بىر چىشلەپتىكەن ، بادام شۇئان چېقىلىپتۇ .ئايال دۇكانچىغا چاندۇرماستىن « ئۇكەم قاتتتىقراق بادام يوقما » دەپلا چىقىپ كېتىپتۇ . 2-دۇكاندىمۇ 1-دۇكاندىكىگە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ . 3-4-دۇكانلاردىمۇ شۇنداق بوپتۇ . 5-دۇكانغا كەلگەندە دۇكاندار ئالدىدا بولغان ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرغانكەن .ھېلىقى ئايال كىرىپ بىر تال بادامنى ئېلىپ چېقىپ بولۇپلا دۇكانداردىن يەنە « ئۇكەم قاتتىقراق بادام يوقما ؟ » دەپ سوراپتىكەن ، .........
بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان دۇكاندار ئايالغا........:
خېنېم ئالدىلىرىغا قايلاپ ئۇدۇل ماڭسىلا ،ياغاچ بازىرى بار ،ئاشۇ يەردە سىلىگە ئوياپ بەرسۇن دەپتۇ ......
*********************************************************************************************************

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
52 
يازما
1180 
تېما
69 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 21:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەجەپ قىززىق گەپلەكەنغۇ بۇ ، مىنىڭمۇ بىرنى يېزىپ بەرگىم كىلىۋاتىدۇ .

بىر كۇنى بىر قەشقەلىك بالا ئۇرۇمچىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتاسا ، تاڭجاڭ كىلىپ : نىمە تاماق يەيلا دەپ سۇرىسا ؟ لەغمەن . دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ 5~6 مىنىۇتتۇن كىيىن ئۇرۇمچىلىك بىرى كىرىپ ئۇمۇ لەغمەن بۇيرۇتۇپتۇ . بىردەمدىن كىيىن ئۇرۇمچىلىك بالىنىڭ تامىقى چىقىپتۇ . لىكىن قەشقەرلىك بالىنىڭ تامىقى چىقماپتۇ . بۇنى كۆرگەن قەشقەرلىك بالىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، تاڭجاڭغا : قارېمممممممم . مىنىڭ تامىقىمنى يازغانمۇ يا ؟ دەپ سۇرىسا . تاڭجاڭ يازغان دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قەشقەلىك بالا : ئەمسە يېنىغا يېزىپ قويسا ، بۇگەن يەيدىكەن دەپ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا herep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-31 21:42

Rank: 8Rank: 8

توردا
894سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2029 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 10:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىسىق گەپ ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسەتىلكى ھەم ھازىر جاۋابلقى، مۇشۇ سەۋەبدىن باشقىلارغا سىسىق گەپتەك بىلىنىشى مۈمكىن ئەمما قەشقەردىكىلەرئۇنداق ئويلىمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 12:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن كىشىنى ئاجايىپ ھىسسياتقا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
764سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1475 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 12:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەشقەرنىڭ يۇمرىستىك پاراڭلىرى ھەقىقەتەن بەك قىزقارلىق جۇمۇ؟ بۇنى سېسىق گەپ دىمەي يۇمرىستىك دېسەك بولغۇدەك.

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
795 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-3 13:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاھاھا،بەك قىزقارلىقكەن.بۇنى سېسېق گەپ ئەمەس قەشقەر شىۋىسى دىسە بولغۇدەك .مەنمۇ بېر بېشىمدىن ئۆتكەن بېر ئىشنى يېزىپ قوياي ھە؟
**********************************┈━═☆✪
ياز مەزگىلى ئىدى ،مەن ۋەئاپام ئىككىمىز قەشقەرگە تۇققان يوقلاپ بارغانتۇق ،مومام دوختۇرخاندا بولغاشقا ئاپام مومامغا قارايتتى مەنمۇ ئاپامدىن ئايرىلمايتتىم .
بېركۈنى كەشتە مەن بالدۇرراق يېتىۋالدىم بىراق يېنىمدىكى ‹ئاپاش›نىڭ تارتقان خورەك ئاۋازىدىن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىندە ئاپامغا،
-ئاپا،ماۋۇ ئاپاي كەشكىچەخورەك تارتىپ ئۇخلاتمىدى ،-دەپتىمەن ئاپامغا ئەركىلەپ سۆزلەپ .كىم بىلسۇن ياتاقتىكى يەنەبېر ‹ئاپاش›سۆز قوشۇپ خورەكنىچا ئۇكام كۇچى با ئادەم تاتىدۇ،-دمەسمۇ؟
مەنمۇ ئۇلاپلا ؛
-كۈچى بارئادەم تارتىدۇدەپ مېتېرلاپ ساتامدىكىنە ئۇنى دەپتىمەن.

بۇگەپلەرغۇخېلى بېر-بېرسىگە كېپ قالدى بىراق شۇيېرى ئاپامدىن تىل ئاڭلىۋالدىم .
چوڭلارغا ئۇنداق گەپ قىلمايدىغان دەپ سۆزلەپ كەتتى .

توردا
87سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
344 
تېما
17 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-4 14:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكلا قىزىق ئىكەن ~ مەن بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم~! رەھمەت سزگە جوما!

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
17 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-5 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ سىسىق گەپ ئەمەس باللا ،،، بەزى بىر ئادەملەرگە ئاشۇنداق تىگى بار گەپنى قىلساق ئاندىن
تۈزىلىدۇ،،،ئەمەسمۇ ،،، لىكىن بەزى بىر باللا بەك ئاشۇرىۋىتىپ باردۇ ...

توردا
29سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
28 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 21:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن mamatjan005 نىڭ دېگىنىگە قوشۇلىمەن!

توردا
1463سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-6 22:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاشۇنداق داۋخو ئادەملەرگە ئاشۇنداق گەپ دورا،
قەشقەرنىڭ ئادەملىرىمۇ بىر دىن بىكارغا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىلى بىشىنى ھەرە چىقۋالمىغاندۇ،
ئەمدى مەنمۇ دەيمۇ؟
قەشقەرلىكنىڭ گىپى بەك سىسىق بولسا گىپىگە ئەتتىر چىچۋىتىپ ياكى ماسكا تاقىۋىلىپ ئاڭلاڭلار!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 10:17

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.