ئانا تىلىنى خارلىدى تورچى
ئاپتورى : سەزگۈر
نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
تور بەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.
<<مىللەت ئۈچۈن> > دېيىشتى لېكىن،
ئىناۋىتىڭ قالدى دالدىدا.
<<ئاق >> ئىدىڭغۇ <<ئاھ >> دەپ ئاتالدىڭ،
<<ئۇيان>> چىلار <<ئۇيۇن>> غا ماڭدى.
<<غەزىنە>> لەر <<گەزىنە >> بولۇپ،
<<يۇل>> لاردىكى <<قۇيۇن>> دا قالدى .
<<يېڭىسار>> ىم <<يىگىسار >> بولدى ،
<<قۇمۇل>> ئەمدى <<قومۇل>> ئاتالدى.
<<بۆشۈك>> لىرىم <<بۇشۇك>>،<<بۈشۈك>> بوپ
<<چوغلۇق>> لىقىڭ <<چوگلۇق>> تا قالدى .
<< كۇرىۋال >>دىم << ئۇززار >>، << لولەن >>نى،
<<ئىلقۇت>> لاردا << ئاھ كەپتەر >> بېقىپ.
<<ئۇيغۇر>> بولدى <<ئۇي- كالا>>،
<<باخۋەن>> بىزنى <<ش ج>> <<فان>> قىلدى.
ۋاراقلاشنى بىلمەمدۇ تورچى،
<<دىۋان>> لاردىن <<بىلىگ>> ئىزدەشنى .
مۇشتلىغاندەك سەن ئۈچۈن يۈرەك ،
بىر ئاقچىنى ئارتۇق خەجلەشنى.
قوينۇڭ تىلغا بايتىغۇ شۇنچە،
ئۇزوقلىغى ھەم موللىقى بىلەن.
يۈزلىرىڭگە سۈرۈلدى قارا،
پىخسىق تورچى ئۆتكۈزۈپ سەۋەن.
شۇ ئېلانچى- تورچى ئالدىدا ،
ئاھ ئانا تىل كەتتى سۇسلىشىپ.
ئانا تىلنىڭ قىسمەت قەدرىنى،
قويارمىدى بىر كۈن ئويلىشىپ.
2010.7.02 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-4 12:29
|