ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلەر يەنە بىر يىزىقىمىز
كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 12
go

يەنە بىر يىزىقىمىز  

Rank: 8Rank: 8

توردا
210سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
275 
تېما
37 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۈچ يىل ئىلگىرى قايسىدۇر بىر ئۇيغۇر بىلوگىدا بىر تىما كۆردۈم، ئۇ تىمىدا مو دەۋرى،مۇقام، ئەتلەس،ۋە ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىغا ئايىت گەپلەر بار ئىدى،مەن شۇ تىمىنى ساقلىۋىلىپ بىر مەزگىل قايتا قايتا كۆردۈم ئۇ تىمىدا ‹‹ مو دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان،كۈچلۈك، كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان مىللەت ئىكەنلىكى،يەر شارىدا غايەت زور بىر ئاپەت بولغانلقى ھەم نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ شۇ ئاپەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى،ئۆز قىرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان ھەم ئاپەتكە ئۇچۇرغان خەلىق قايغۇرۇش،دەرت ئەلەم ئىچىدە كەچلىرى گۈلخان يىقىپ ھازا تارتىپ يىغلايدىغانلىقى،كىينچە ساز چىلىپ،قايغۇلۇق ناخشا ئىيتىپ ئۆز دەرت ئەلەملىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى دىيىلگەن، ھەم مۇقام شەك شۈبھىسىزكى بۇ دەۋىرنىڭ مەھسۇلى ئەمەس،بەلكى ئالدىنقى 4-يارالمىش دەۋىرنىڭ ئوتتورلىرىدا پەيدا بولغان،ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تىكىستلىرى ئاپەت،دەرت تۆكۈش،مۇناجات،تەسەللىي ئىچىش،ھاياجان،تەسەددۇق،جۇشقۇنات بۆلەكلىرى بويىچە ئىجات قىلىنغان ۋە ئوروندالغان،كىيىن دەۋرىمىزگە كەلگەندە دىنىي،سىياسى،مەھەللىي تىكىستلەرگە ئالماشتۇرۇلغان.
ئەتلەس شۇ 4-دەۋىر ھالاكىتىنىڭ ئاخىرلىرىدا توقوپ چىقىلغان،مەھسۇلات،ئۇنىڭ گۈللىرىدە ئىپادە قىلىنغىنى مو قۇرۇقلىقى ۋۇلقان ئوت ئىچىگە شۇڭغىغاندىكى ئوت يالقۇن چاچراندىلىرىنىڭ بەلگۈسى،شۇنداقلا قۇرۇقلۇق بىلەن بىللە چۆككەن،ھالاك بولغان 64 مىلىيون ئىنساننىڭ روھى نامايەندىسى،ئوچوقراق ئىيتقاندا مو قۇرۇقلىقىنىڭ مەرسىيە بايرىغى. ھەم ھازىر پۈتۈن دۇنيادا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان لاتىن يىزىقىمۇ شۇ دەۋىرنىڭ مەھسۇلى، يەنى ئۇلار گۈلخان ياققاندا چىققان ئىسنى ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىگەن...(ھەر بىر ھەرىپنى خىلى تەپسىلى تونوشتۇرغان بولسىمۇئىسىمدە قالماپتۇ،شۇڭا بۇ توغرىسدا جىق توختىلىشنى بىئەپ كۆردۈم).يىغىپ ئىيتقاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادا كەڭ قوللىنىۋاتقان لاتىن يىزىقىمۇ شۇ دەۋىردە شۇ كىشىلەر تەرپىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەيىت قىلغىنى ئىنىق ئىسىمدە.
بىز تارىخى ماتىرىيالدا ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ بىر ئاپقۇر قىمىزنى بىر تىنىقتىلا ئىچىۋىتىدىغان،ئۇچقاندەك كىتىۋاتقان ئات ئۈستىدە يا ئوقىنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدىغان، ئىنتايىن باتۇر،جەڭگىۋار،ئەقىللىق ئىكەنلىكى،ھەم يىزىق دەۋرىگە بۇرۇن كىرىپلا قالماستىن نۇرغۇنلىغان يىزىقنى ئىشلەتكەنلىكى،ھەم قوشنا مىللەت خەلىقلىرىگىمۇ يىزىق ئىجاد قىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ يازما تارىخ قالدۇرىشىغا تۆھپە قوشقانلىقى دىگەندەك گەپ سۆزلەر بار...
ئەمما ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ دەۋرنىڭ ھەر قايسى ساھەسىگە ماسلىشالىغۇدەك بىر يىزىقىمىزمۇ يوق،بىچارىلەرمىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.ئويلاپ كۆرۈك ئەڭ ئاددىيسى بىز ئوموملاشقان موڭداشقۇ يەنى چ چ دا قايسى يىزىقتا پاراڭلىشىمىز؟بىز تىلىفۇندا ئۇچۇر يوللىغان ھەم قۇبۇل قىلغاندا قايسى يىزىقنى ئىشلىتىمىز ؟تور ناملىرىدا قايسى يىزىقنى ئىشلىتىمىز؟بىزنىڭ توردىكى چوڭ بىكىتىمىز ئۇلىنىشنىڭ يىزىلىشىغا قاراڭ،ئانا تۇپراق تورىنىڭ يىزىلىشىغا قاراڭ،سىرلىق تورىنىڭ يىزىلىشىغا قاراڭ(ئەپۇ قىلغايسىلەر،مەخسىتىم ھەرگىزمۇ تەنقىدلەش ئەمەس) بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى يىزىقىمىز قىنى؟مەن بىزنىڭ شۈنچە كۆپ يىزىق قوللانغان بىلەنمۇ ھالا بۈگۈنكى كۈندە دەۋىرگە ماسلاشقۇدەك يىزىقىمىزنىڭ بولماسلىقى ياكى يزىقىمىزنىڭ دەۋىرگە تازا ماسلىشالمىغانلىقىغا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن.
...
ئويلاپ باقتىم،بار ،ھەقىقەتەن بار،بىزنىڭ يىزىقلىرىمىز بىزنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى بارلىق ئىھتىياجىمزىدىن تولوق چىقالايدىكەن...بىرسى،چىقالمىسا يەنە بىرىنى قوشومچە ئىشلىتىشمۇ تامامەن بولىدىغۇ،بۇ خاتا ئەمەسقۇ،بۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ يىزىقى تۇرسا...يەنى دىمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدۇر،بۇمۇ ئۆزىمىزنىڭ يىزىقى،يەنى كۆپىنچىمىزنىڭ ئانىمزى بىلەن دادىمىز قوللانغان يىزىق.بىز ئۈچۈن ئۈگىنىش تەخىرسىز بولىۋاتقان خەنزۇتىلى پىيىن ھەرىپلىرىگە ئاساسەن ئوخشاش بولغان.دۇنيادىكى قىرى جاھانگىر دۆلەت ئەنگىلىيە،دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ ئاتىلىدىغان ئامرىكا،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل دەپ ئاتىلىدىغان كانادا،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال دۆلىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئاۋستىرالىيە،دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت رۇسيە ،دۇنيادا تىلى ئەڭ گۈزەل دەپ تەرىپلىنىدىغان فىرانسىيە قاتارلىق ھەتتا بىزنىڭ قىرىندىشىمىز بولغا تۈركلەرمۇ،ئۆزبىكلەرمۇ قوللىنىۋاتقان يىزىقلارغا يىقىن كىلىدىغان بىز كۆڭۈل قويوپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاختىمىزنى چىقارساقلا تامامەن ئۈگىنىپ ئىشلىتىپ كىتەلەيدىغان ئۆزىمىزنىڭ يىزقىمىز بارغۇ؟ھالبۇكى بۇ قىيىن بولسىكەن كاشكى...
مەن تولوقسىزدا ئوقوۋاتقىنىمدا ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى،ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىغا ئالماشتۇرىدىكەن دىگەن مىش،مىش گەپلەر تارقىلىپ كەتتى،كىيىن ئاڭلىشىمىزچە يىزىق ئالماشتۇرۇشنىڭ مىللەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلمىغانلىقى قاتارلىق مىش مىش گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم.
يىغىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنى ھەممەيلەن ئازراقلا ۋاقىت چىقىرىپ كۆرەپ قويساق،بۇ يىزىقىمىز تازا يىتىشىپ بولالمىغۇدەك بولسا ئۇنى ئىشلىتىشمۇ بولىدىغان ئىش،يەنى كىلىپ مەيلى تور ناملىرى،ياكى موڭداشقۇ،ۋە ياكى تىلفۇن ئۇچۇرى بولامدۇ ياكى تىلىمىز يىقىن ئۆزبىكلەرنىڭ تورلىرىدىن مۇۋاپپىق پايدىلىنىش بولامدۇ،ئىشقىلىپ ھەر قايسى تەرەپلەردە،ئىنتايىن ياخشى قولايلىق بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئىلگىرىمۇ بۇ خىلدىكى تىمىلار خىلى كۆپ يوللاندى،ئەمما دوسلارنىڭ ئۇلارنى دەشنام بىلەن يولغا سالغانلىقىنى ياكى ئىپادىسىز قارىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.
مومكىن بولسا قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-2 23:59

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
338سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
586 
تېما
29 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت ...........................

توردا
43سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
250 
تېما
27 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت

توردا
29سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
211 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dilram نىڭ يازمىسى

رەھمەت .كۆپ ئەجىرقىلىپسىز.

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
34 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
MSN QQ كوت-كوت .......لاردا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكىلى بولىدۇ،شۇ باللارغا يىزىشقا خوشياقمايۋاتقان گەپ ياكى ئىككى كومپىيوتىردىكى خەت نۇسقىسى ئوخشىمىغانلىقتىن خەتلەر نورمال كۆرۇنمىگەچكە ئىشلەتمەيۋاتقاندو(ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى زادى بىرخللاشتۇرۋەتسە بۇلاتتى) .يا بولمىسا QQ ئەڭ دەسلەپتە چىقىپ ھەممە ئادەم شۇنىڭغا كۆنگەچكە ئىزچىل ئىشلىتىپ كىلۋاتقان يىڭى يىزىققا ئادەتلىنىپ قالغاندو.(خۇددى قايسى كۈنىدىكى ‹‹قائىدە=ئادەت›› دىگەن تىمىدەك كۆنۈپ قالغاندوئىككى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىرەيلەن‹‹ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنى ئىشلەتمەسلىككە باھانىڭىز بارمۇ ››دىگەن ماۋزۇدا تىما يۇللىغان تىخى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرنىمۇ تۇنۇشتۇرۇپتىكەن ،(بۇ يىزىقنى ئىشلەتكەندە بارلىق سىلاۋىيان يىزىقى قوللىندىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا پاراڭلىشالايدىغانلىقى ........دىگەندەك) تىل يىزىق دىگەن بىر مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ........ئىپادىلەيدو.ئىشقىلىپ بۇ نازۇك مەسىلە ئالدىراپلا ئۇنداق بۇنداق دىسەك بولمايدۇ،بۇنىڭغا ھە دىسەك كىيىن بىرسى تىلمىزنى ئۆزگەرتەيلى دىسە،يەنە بىرسى مىللىتمىزنى ئۆزگەرتەيلى دىسە .......قانداق بولىدو.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
30 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ismayiljan998 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-3 01:44
MSN QQ كوت-كوت .......لاردا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكىلى بو ...

دېمىسىمۇ دىگەنلىرىڭىزنىڭ سەۋەبى باركەن ، بىراق نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قالدىم .............

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
30 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرىڭىزگە رەخمەت ، بۇرۇن ماۋۇ ش ھەرىپىنى خاتا ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن .

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
594 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە كۆپ ئەجىرلەرىنى سىڭىدۈرۈپسىز، بۇ تىمىنى كۆرۈپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىلىرىم يادىمىغا كېلىپ قالدى

توردا
190سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
670 
تېما
41 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن............

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
20 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-6 08:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.