
ھىجرانلىق مۇھەببەت 
ئارزۇ ئىستەكلىرىم قالدى خوراپ، كۆڭلىم تولدى ئازاپلارغا قىيناپ. سۆيگۈ ئۈچۈن قاغىجىرغان قەلبىم، ھەسرەتتە قالدى سەندىن يىراقلاپ. 
بەخىت قاچتى مەندىن يىراقلاپ، تۇرمۇشۇمدا قالمىدى نە ،ئارمانلار. ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتكەن كۈنلىرىم، قالدۇردىغۇ ھىجراندا مىنى شۇنداقلا. 
تۇمان ئىچىدە تۇرىمەن گاڭگىراپ، پۇت-قۇلۇمدا ھېچبىر مادار يوق. پىنھان قەلبىم ئىستىراپ چىكىپ، مۇھەببەت ئۈچۈن كۈل بولغۇم يوق. 
دىلخانەم گۈمران بولدى مىنىڭ، ئۈمۈتلىرىم ياتار ھالسىز قانسىراپ. غۇلاپ چۈشكەن كۆڭۈل ئابدەم، ۋاپاسىز يار ئۈچۈن ياتار ۋايساپ. 
كۆمدۈم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا، قەلبىمدىكى مۇھەببەتنى گۈلگە ئوراپ. ئەسلىمىلەر مەندىن يىراق تۇرسۇن، ھىجرانلىق مۇھەببەتكە خاتىمەبىرىپ. 
مەنبە قەلمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-2 01:38
|