ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلەر داڭلىق تور يازغۇچىسى ئەزىر ئىمىر يانغىن بىل ...
كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 11
go

داڭلىق تور يازغۇچىسى ئەزىر ئىمىر يانغىن بىلەن سۆھبەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
297سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
318 
تېما
171 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

داڭلىق تور يازغۇچىسى ئەزىز ئىمىرنىڭ قسقىچە تەرجىمھالى







تالانتلىق تور يازغۇچىمىز ئەزىز ئىمىر يانغىن 1985- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاقسۇ ۋېلايىتىنىڭ ئاۋات ناھيىسىدە تۇغۇلغان . كىچىگىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «پەخرىم ئانا تىل» ناملىق نەسىر بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ھەر قايسى ژورناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2004- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى بولغان. 5 پارچە ئەسىرى تارىم غۇنچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى تەرپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولغانلىرى: شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاقىۋەت» ،«دادا، قايتىپ كەل !»، «سېھىرلىك مەخلۇق»... پەرۋاز ژورنىلىدا «چەتئەللىك دوستۇم خاررىي پوتتىر» (4-قىسىم)، «بىزنىڭ ئائىلە » ... تارىم غۇنچىلىرىدا «قايتا تىرىلگەن قىز»، ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا«نىگار»، «نىگارغا مەكتۈپ»، «قەلبىمدىكى ئۇيغۇر قىزى»، ئاقسۇ گېزىتىدە«يوقالغان دۇنيا»، «رەزىل سۆيگۈ»، «ئۆكسىگەن سۆيگۈ»، بىڭتۈەن گېزىتىدە «جەڭچى ئاكامغا» .... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا«بىزنىڭ ئائىلە»، «چەتئەللىك دوستۇم خاررىي پوتتىر»، «دادا، قايتىپ كەل !» ... قاتارلىق ئەسەرلىرى شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىدا ئېلان قىلىنغان. توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز»، « چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت» ناملىق داڭلىق ئەسەرلىرى باس باس تورى ئاۋازغا ئېلىش ئىشخانىسى تەرپىدىن ئاۋازلىق ئىشلەنگەن، ھەمدە تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. 2010-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.



داڭلىق تور يازغۇچىسى ئەزىر ئىمىر يانغىن بىلەن سۆھبەت



نەزەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يانغىن ئەپەندىم، سىز ھازىر تور دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، ئەسەرلىرىڭىز نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىغا ھەم ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى. ئالدى بىلەن سۆھبەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قانداق قەدەم باسقانلىقىڭىز توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟
يانغىن: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئەلۋەتتە بولىدۇ .
مەن ئاقسۇ ئاۋات ناھىيسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدىلا كىتاب ئوقۇشقا بەك قىزىقاتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، بىرەر چۆچەك كىتابلارنى تېپىۋالسام قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كىتەتتىم. ئۆيدىكىلەرمۇ كىتاب ئوقۇشۇمنى بەك قوللايتتى، ئاپام دائىم ماڭا رەسىملىك چۆچەك كىتابلارنى ئېلىپ بىرەتتى . كىيىن قىسقا ھەجىمدىكى ھىكايىلارنى ئوقۇيدىغان بولدۇم، ئىشقىلىپ كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم . ھېلىمۇ ئىسىمدە ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىغۇ دەيمەن ، بىر دەرس ۋاقتى مەرھۇم مەخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قونغان تال» دىگەن ھىكايىلار توپلىمىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام، ئوقۇتقۇچىمىز كىچىك تۇرۇپ مۇھەببەت ئەسەرلىرى ئوقۇمسەن، دەپ ئەيىبلەپ كەتكەنىدى. كىيىن مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقتىم، ھەم شۇ يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزۈم بەك ياخشى چىقتى دەپ قارىغان بىر پارچە نەسىرىمنى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىغا ئەۋەتتىم. مېنى بەكمۇ خۇشال قىلغىنى ئەسىرىمنى ئەۋەتىپ ئىككى ھەپتە بولمايلا ئېلان قىلىنغىنى بولدى. تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلغىنىم بولغاچ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتكەنىدىم، ئەسىرىمنى قايتا- قايتا، يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇيتتۇم. كىيىن يەنە داۋاملىق ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ تۇردۇم، بەزى ئەسەرلەر ئېلان قىلىنمايتتى، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم مېنى يازغۇچى دەپ بەك ھۆرمىتىمنى قىلاتتى ... كىيىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقتىم ، ئەمدى يېشىمنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ مۇھەببەت ئەسەرلىرىنىمۇ يازىدىغان بولدۇم، ئۇ ۋاقىتلاردا شېئىرلارنى كۆپ يازاتتىم. يازغان شېئىرلىرىمنى بىر خاتىرىگە يېزىپ توپلاپ ماڭغان ئىدىم ، ئەپسۇس ئۇ خاتىرەم كىيىن يوقاپ كەتتى.
ئەدەبىياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغاچ ، ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەردىم . ئىمتىھان بىرىپ بولۇپ ئەسلى ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تىل -ئەدىبىيات كەسپىنى تاللىماقچى ئىدىم . لىكىن ئۆيدىكىلەر پەقەت قۇشۇلمىدى، ئەدەبىياتتا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ يازغۇچى بولغانلار جىققۇ ، باشقا كەسىپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانساڭ بۇلىدۇ ،دىيىشتى . شۇنىڭ بىلەن دوڭنەن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىنى تاللىدىم . كىيىن ئارزۇ تولدۇرۇش جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق يۈز بىرىپ ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش كەسپىدىن چاقىرىق كىلىپ قالدى. مەن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بولغاچقا، ئالدى بىلەن غەربى جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇيدىكەنمىز. ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى تېپىش تەس بولغاچ يېزىقچىلىقنى تاشلاپلا قويدۇم. بىر نەرسە يازاي دەيتتىميۇ، ھۇرۇنلۇق قىلىپ يېزىش خوشياقمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇپ، بۇرۇنقى ئۆزۈمگە زادىلا ئوخشىماي قالدىم. كۈندە تورغا كىرىپ ئۇيۇن ئوينايتتىم، ھەتتا كىچە - كىچىلەپ تورخانىدىن چىقماي ئۇيۇن ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. بىر ۋاقىتتا مەن ئوينايدىغان ئۇيۇن زادىلا ئېچىلماي ئىچىمنى پۇشۇردى. شۇنىڭ بىلەن تور بەتلەردىكى مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم. بۇرۇنمۇ كۆپ كىرەتتىم، لىكىن ئىچىدىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان تېمىلارنى ئوقۇپلا چىقىپ كىتەتتىم. شۇ ۋاقىتتا قاشتېشى مۇنبىرىدىكى بىر تېما مىنى بەك جەلپ قىلىۋالدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرى تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغان بولۇپ، كۈندە ئاز –ئازدىن ئېلان قىلىنىدىكەن . مەن بۇرۇن كۈندە تورخانىغا ئۇيۇن ئويناش ئۈچۈن كىرسەم ،ئەمدى ئاشۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن كىرىدىغان بولدۇم . ئەسەر پۈتۈنلەي يېزىلىپ بولۇنغاندا كاللامدا نۇرغۇنلىغان ئوي-خىياللار پەيدا بولدى، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى مەنمۇ يېزىپ باقماقچى بولدۇم . لىكىن تىزىملىتىپ ئەزا بولمىسا ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يانغىن دىگەن ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىردىم. مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ھاياتىم ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان ئىدى، كىيىن مەنمۇ تېما يېزىپ ئېلان قىلدۇردۇم، ئەسىرىم چىقىپ تورداشلارنىڭ يۈرەككە بارىدىغان ئىنكاسلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى ئەسەرنى يېزىپ بولغىچە كەتكەن ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك سىزەتتىم .

نەزەر: سىزنىڭ يانغىن دىگەن ئىسمنى قوللىنىشىڭىزدا مەلۇم سەۋەب بارمۇ ياكى قانداق قىلىپ بۇ ئىسىمنى قوللىنىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟

يانغىن: مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىغا چىققاندا بىر پارچە ئەسىرىم «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ماقالە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجە بۇلۇپ باھالاندى . شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىگە بېرىپ يىغىنغا قاتىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىپ قالدىم . مەن بارغاندا ئۆزۈم ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان «داغ» ، «تۈندىكى چاقماق» ... قاتارلىق ئېسىل رومانلارنىڭ ئاپتۇرى بولغان ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئاكىمۇ شۇ يىغىنغا قاتناشقان ئىكەن. مەن يىغىن ئارلىقىدا ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشتۈم . ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتقا بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىمنى ، قانداق بولغاندا ياخشى بىر يازغۇچى بولۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ماڭا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بەردى. ھەم ئۆزىنىڭ مېنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرىمنى كۆرگەنلىكىنى،ئۆزۈمدىكى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرسام چوقۇم ياخشى بىر يازغۇچى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى. مەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمغا بىر تەخەللۇس قۇيۇپ بىرىشنى ئېيتتىم، ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئويلىنىپ ماڭا ھازىر مەن ئىشلىتىۋاتقان يانغىن دىگەن ئىسىمنى تېپىپ بەردى. يانغىن دىگەن ئىسىمنى تېخىمۇ يېنىپ تۇر، تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقار دىگەن مەنىدە قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەيلى گېزىت - ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلاي ياكى توردا ئەسەر يازاي مۇشۇ يانغىن دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىمەن. يانغىن دىگەن ئىسىمنى مېنىڭ تەخەللۇسۇم دىسەممۇ بولىدۇ .

نەزەر: سىز گېزىت- ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلدىم دىدىڭىز، ھازىرغىچە قانچە پارچە ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىندى. ئەسىرىڭىز ئاساسلىقى قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ ؟

يانغىن: مەن ھازىرغىچە 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم. بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا يېزىلغان بولغاچقا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «پەرۋاز» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ گېزىتى»، «بىڭتۇن گېزىتى»، «ھاياتلىق» ... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىنغان. يېقىندا ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 2010 -يىللىق 2- سانىدا «مۇھەببەت مەكتۇپلىرى» ماۋزۇسىدىكى ئەسىرىم ئېلان قىلىندى.

نەزەر: سىز ئەسەرلىرىڭىزنى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنشتىن سىرت، تور دۇنياسىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى. سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزچە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى ۋە تور ئوقۇرمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟

يانغىن: يېقىندا باس باس تورىدا ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئاكىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى كۆردۈم. ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئاكىمىز دەل مۇشۇ سۇئالغا تور مەتبۇئاتقا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن، مەتبۇئات، نەشرىيات دېگەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ بىر ئادەمنىڭ يازغانلىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش، بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش. تورنىڭ تارقىتىش رولى ھازىر مەتبۇئاتتىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دائىرىسىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى مەتبۇئاتقا قارىغاندا تېز. بۇ ئەۋزەللىك ھازىر بارغانچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. مېنىڭچە، ھازىر مەتبۇئات ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئوقۇيدىغانلار تورغا كىرسىمۇ ئەسەر ئوقۇيدۇ. دەپ جاۋاب بىرىپتۇ . مېنىڭچىمۇ ئەنۋەركامنىڭ جاۋابى بۇ سۇئالغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ .

نەزەر: سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سىز ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەر قايسى ؟ نىمىشقا ؟

يانغىن: ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىم «چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت»، «پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت»، «مۇز تۇتقان يۈرەك» (ئالىم قۇربان ھىسلىرىم بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق ئەسەرلىرىم. بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسى توردا ئاز - ئازدىن يېزىلىپ ئېلان قىلىندى ھەم تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. كىيىن باس باس تورى بۇ ئەسەرلەرلەرنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەپ نۇرغۇن تورداشلارنى خېلى جەلپ قىلدى. چۈنكى بۇ ئەسەرلىرىمگە مېنىڭ نۇرغۇن ھىسىياتلىرىم، تەپەككۈرلىرىم سىڭگەن. بولۇپمۇ چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت ناملىق ئەسىرىمدە ھىسىيات، تەسۋىر ۋە ئەدەبىياتنىڭ باشقا ئامىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى تەسىۋىرلەپ بەردىم دەپ ئويلايمەن.

نەزەر: سىز يۇقۇردا «چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت» دىگەن ئەسىرىڭىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز ؟ ئۇ ئەسەرنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشىلەر ۋەقەلىكلەرنى راستمىكىن دەپ قالىدىكەن ھەم شۇ ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان باش پىرسۇناژ يادىكارنى سىزمىكىن دەپ قالىدىكەن، بۇ ئەسەر ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

يانغىن: بولىدۇ. «چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت» دىگەن بۇ ئەسىرىم مېنڭچە باشقا ئەسەرلىرىمگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى چىقتى. چۈنكى بۇ ئەسىرىمدە ئەدەبىياتقا بىزەك بولىدىغان ئامىللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق باش پىرسۇناژ يادىكار ھەم قۇشۇمچە باش پىرسۇناژ بولغان گۈلزىبا ھەم نەفىسەنىڭ روھىي ھالەت، پىسخىك تەسۋىرلىرىنى ئىپادىلەپ ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى روشەن ئېچىپ بەردىم. ئەسەردە ئۆزۈمگە تونۇش بولغان چىڭدۇ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتىنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ھىسىياتىنى سىڭدۈرۈپ تەپەككۈرۈمنى ئەركىن قانات يايدۇردۇم. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يادىكار مەن ئەمەس ...

نەزەر: «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز» دىگەن ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭغا ياخشى باھالارنى بەردى، ھەم ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ شۇ ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىچكىردىكى تۇرمۇشنى ھەقىقىي،ئەينەن ئىپادىلەپ بىرىپتۇ دەپ قاراشتى. بۇ ئەسەردىكى ئوغرى يىگىت مۇرات ھەم ئايگۈللەر تۇرمۇشتا بار ھەقىقىي پىرسۇناژلارمۇ؟ نىمە ئۈچۈن شۇ مۇھىتنى تەسۋىرلەشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟

يانغىن: مەن ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئىچكىردە ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم ئاڭلىدىم. بەزىدە كوچا ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنىمىزدا نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر نەچچە چوڭ بالىلارنىڭ ئەگىشىپ مېڭىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئاددىيسى ئۇلارنىڭ بىرقىسىم ناچار ئىشى تۈپەيلىدىن خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر بولغانلىكى كىشىلەر ئوغرى دەپ قارىلىدىغان ئىشلارمۇ بار. مەن كېيىن مەكتىپىمىز ئالدىدا كاۋاپ سېتىپ يۈرگەن بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم، بەزىدە شۇ يەردە كاۋاپ يىگەچ پاراڭلىشىپ تۇرغىنىمىزدا ئۇ بىزگە ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان بىرقىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتى. مەن كىيىن بۇ ئىشلارنى بىر ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقماقچى بولدۇم. شۇ ۋاقتى بىر دوستۇم ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق قىزنىڭ ئەسەردىكى ئايگۈل ئۇچرىغان قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ ماڭا تېخىمۇ ئىلھام بولۇپ «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز» ناملىق ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى .

نەزەر: سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتتا ئەسەر يازىسىز ؟

يانغىن: مەن ئادەتتە كەچ ۋاقىتلىرى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئەسەر يازىمەن، ئەمدى ئۇخلاي دەپ ياتسام كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كىلىدۇ. شۇ ۋاقتىدا مەن دەرھال ئورنۇمدا تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى خاتىرلىۋالىمەن. مېنى بىلىدىغان دوستلىرىم بەزىدە مېنى مۈشۈكياپىلاق دەپمۇ قويىشىدۇ. سەۋەبى مەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىچىسى ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەندە ئەسەر يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن. تېنىچ مۇھىت ئىلھامىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .

نەزەر: سىز ياخشى كۆرىدىغان ھىكمەتلىك سۆز قايسى ؟

يانغىن :
دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ، داستىخان ئۈستىدە ھەممە ئادەم دوست كۆرۈنىدۇ.
ياخشىلىقنى ئۆگىنىش تاغقا چىقاندەك قىيىن ۋە ئاستا، يامانلىقنى ئۆگىنىش سۇغا سەكرىگەندەك ئوڭاي ۋە تېز بولىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچ ھەمراھى بولىدۇ: جېنى، سۆيگىنى ۋە تۇرمۇش يولى.
ھەددىدىن ئارتۇق مېھىر مۇھەببەتمۇ ئادەمنى بوشاڭ، ئىرادىسىز قىلىپ قويىدۇ.

نەزەر: قايسى يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇيسىز ؟

يانغىن: مەن ئادەتتە جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى بەكراق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ئەسەر ئورۇنلاشتۇرۇش، پىرسۇناژلار خارەكتىرىنى يارىتىش، تۇرمۇشىمىزدىكى تىپىك ۋەقەلىكنى روشەن ئېچىپ بىرىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى ماڭا بەك يارايدۇ...

نەزەر: سىز بىر تور يازغۇچىسى ، سىزگە ئوخشاش توردا ئەسەر يازىدىغان باشقا ئاپتۇرلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟

يانغىن: بىزنىڭ تور ئەدەبىياتىمىز بارغانسىرى يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ گۈللىنىۋاتىدۇ. توردا ئەسەر ئوقۇيدىغانلارمۇ، ئەسەر يازىدىغانلارمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭ باشقا تور يازغۇچىلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم : ئاز يازايلى، ساز يازايلى !
ئىشىنىمەنكى تور ئەدەبىياتىمىز يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە تېخىمۇ روناق تاپىدۇ !!

نەزەر: يېقىندا «ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز» نىڭ 2- بۆلىكىنى يېزىۋىتىپسىز ، نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاخىرىنى يېزىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟

يانغىن: ئەسلى ئۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى مەنمۇ يېزىشنى ئويلىمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەسەرنى باشلاپ قويغىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى، لىكىن ھازىر ئويلىسام ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى يېزىش زۆرۈر ئىكەن. نىمە ئۈچۈن ئاخىرنى يېزىشىنى ئويلاپ قالغانلىقىمنى كىيىن ئەسەر پۈتكەندە ئاندىن بايان قىلسام دەپ ئويلايمەن .

نەزەر : بۇنىڭدىن كىيىن ئىجادىيەتتە قانداق پىلانلىرىڭىز بار ؟

يانغىن: يېقىندا «قوشكىزەكلەر» دەپ بىر پوۋىستنى باشلىۋالدىم. ئامال بار بۇ ئەسەرنى پات يېقىندا ئاخىرلاشتۇرۇپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن. كاللامدا بىر روماننىڭ ۋەقەلىكى بار، ئەگەر ۋاقتىم يار بەرسە شۇ روماننىمۇ باشلاپ بىر رومان يېزىش پىلانىم بار.

نەزەر: رەھمەت، يانغىن ئەپەندى، سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە تېخىمۇ بەرىكەت، ئۇتۇق تىلەيمەن .
(

بۇ سۆھبەتتىكى نەزەر دىگەن تورداش باس-باس تورىدىكى باشقۇرغۇچى)



مەنبە: http://www.yanghin.com تورى

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
297سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
318 
تېما
171 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تور يازغۇچىسى ئەزىر ئىمىر يانغىن ئىجادىيەتلىرىدىن(ھېكايە)--- قىز قەلبى


Rank: 8Rank: 8

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
187 
تېما
37 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىمنىڭ يازغۇچىلىق ساھاسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
297سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
318 
تېما
171 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تور يازغۇچىسى ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىنىڭ <ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز> نامىلىق ئەسىرى


Rank: 8Rank: 8

توردا
297سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
318 
تېما
171 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تور يازغۇچىسى ئەزىر ئىمىر يانغىن ئىجادىيەتلىرىدىن--- <چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت>


توردا
338سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
586 
تېما
29 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىسى شۇنداق ياخشى تەربىيۋى ئەھمىيتى يۇقىرى ئەسەرلەر ، ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىمنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەتلىرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
43سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
250 
تېما
27 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىسى شۇنداق ياخشى تەربىيۋى ئەھمىيتى يۇقىرى ئەسەرلەر ، ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىمنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەتلىرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
594 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەزىر ئىمىر ئەپەندىمىنىڭ بىر قانچە ھىكايلىرىنى ئوقۇپتىكەنمەن رەخمەت سىزگە بۇ ھىكايللىرىمۇ شۇنداق ياخشىكەن رەخمەت سىزگە

توردا
684سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
1195 
تېما
54 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايتى خۇرسەن بولدۇم،نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن،(ئوغرى يىگىت ۋە پاھىشە قىز) ناملىق ئەسىرنى بەك ياقتۇراتتم،ئۆزىمۇ ياش شۇنداق قاملاشقان ئاكاشكەن،تىخىمۇ نادىر تىمىلارنى يىزىشىغا تىلەكداشمەن.

توردا
99سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
200 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-6 08:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.