يىڭى يىل ئىزلەش 
تەبرىكلەيدۇ غۇلجام يېڭى يىل ،
قايناپ بېرەر قەشقەردە ساما .
خوتەن دىيار سۇنار قاشتېشى ،
ئاتۇش قويار ئۇنىڭغا باھا .

كۇچا خوشال دۇتتارچى چوكان ،
ئاقسۇ بەردى شېرىن مىۋىسى .
داۋانچىڭلىق قەمبەرخان ئايىم ،
ئۇرۇمچىنىڭ ئوتلۇق جىلۋىسى .

تۇرپان كىشمىش ساقلىدى بەلكىم ،
ساۋەن بېرەر بىر لىگەن لەغمەن .
سايرام كۆلى كۇتمەكتە سىزنى ،
نارىن ،قىزا ،سوقۇملارمۇ ھەم .

ئىزدەپ كەلدىم يەنە يۇرتۇمغا،
قىشلىق سوۋغام گۇزەل يېڭى يىل .
ھارارىتىڭ يەرشارى ئارا ،
ھەر ماكاندا تەمىڭمۇ ھەرخىل .

زۇلپىقار ئەلى :ئىجادىيىتىم
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-2 14:54
|