- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-30
- تىزىملاش
- 2010-4-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 260سائەت
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 482
- تېما
- 106
- توردا
- 260سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 5
- يازما
- 482
- تېما
- 106
|
ياپونىيە ۋە ئامېرىدىكى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ
«ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ يىللىق جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ۋە ئامېرىدىكى كۆپلىگەن خەلق ئاممىسى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بەشتىن بىر قىسىم ئامېرىكىلىق جۇڭگو ياپونىيەدىن مۇھىم دەپ قارايدىكەن، ئالتىدىن بىر قىسىم ياپونىيەلىك ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشنى خالىمايدىكەن.
خەلق گېزىتىنىڭ 26-دېكابىر توكيودىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» 24-چېسلا ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئاھالىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. «ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى ئويلاشقاندا، جۇڭگوغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دېگەن سوئال سورىلىپ، ئىككى خىل بېرىلگەن، بىرىنچى جاۋاب «ياپونىيە-ئامېرىكا بىرلەشمىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش»، ئىككىنچى جاۋاب «ياپونىيە-ئامېرىكا-جۇڭگودىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش». زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلاردىن پەقەت %31 ياپونىيەلىك بىلەن %18 ئامېرىكىلىق بىرىنچى جاۋابنى، %64 ياپونىيەلىك بىلەن %70 ئامېرىكىلىق ئىككىنچى جاۋابنى تاللىغان. خەلقئارالىق سىياسىينى تەتقىق قىلىدىغان ياپونىيە پىككيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېروففىسورى لى جۇڭيۈەن مۇنداق قارىغان، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقئار مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى ئەندىزە تېپىپ چىقىپ، ياپونىيە-ئامېرىكا-جۇڭگو ماسلاشما تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشىمىز لازىم، دەپ قارىماقتا، بۇ خەلقنىڭ ئومۇمىي پىكىرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.(يۈ چىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
كورېيە يېقىن دېڭىز تەۋەسىدە ئوققا تۇتۇش مانېۋرى ئۆتكۈزىدۇ
خەلق گېزىتىنىڭ 26-دېكابىر سېئولدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە قوماندانلىق باش شىتابى 26-چېسلا، 27-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق جايدا دېڭىزدا رەسمىي ئوق ئىشلىتىپ ئوققا تۇتۇش مانېۋرى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.كورېيە دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈش ئىدارىسى 26-چېسلا ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلغان قاتناش ئاگاھلاندۇرۇشىدا، راسىت ئوق ئىشلىتىلىدىغان مانېۋر پەقەت شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى دېڭىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، چاۋشيەن بىلەن كورېيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان «شىمالىي قىسىم چېگرا سىزىقى»غا يېقىن دېڭىز تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دېيىلگەن.(ماۋ جيۇچېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
|
|