ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سۇزۇك سەھەردىكى سېغىنىش
كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 4
go

سۇزۇك سەھەردىكى سېغىنىش

توردا
160سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
371 
تېما
77 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
( سۇزۇك سەھەردە يىغلاپ قاپتىمەن)


غېرىپلىقنىڭ ئۈنى ياڭرىغان،
شىۋاڭ يولدا تەنھا بىر قەدەم.
خىياللىرىم قوينىدا بىغەم،
ئەجەپ تاتلىق كۇلگەنتىم ئەركەم.

كەڭ دالىدا ئۇچۇرسام لەگلەك،
قايان كەتتى يىپى ئۇزۇلۇپ.
كۆزلۇرۇمدىن يەنە ياش تۆكتۇم،
قاپتۇ بۇگۇن چۇشۇم بۇزۇلۇپ.

قۇلقۇمدا يېقىملىق ئاھاڭ،
شىلدەرلايدۇ بۇلاق سۇيدەك.
مەن چۇچۇيمەن ھەر بىر تىۋىشتىن،
ئاڭلىغىنىم سىنىڭ ئۇنۇڭدەك.

گۇلزارلىققا يىتىم بوپ گۇللەر،
بەرگىلىرى تۇزۇدى بىردىن.
بۇلبۇل ئۇنى ئاڭلانماس بولدى،
بارچە تۆكسە تارام ياش كۆزدىن.

"خەيىر"دىگەن سۆزنى دىيەلمەي،
تىل قاتىدۇ چۇكا مۇز كەبى.
سۇزۇك سەھەر يەنە يىغلىدىم،
ئايرىلغاچقا سەندىن ئەبەدى.



بەخىتلىك ئۇزتۇش


تىنىقىمدا ھىدىلىرىڭ قالدى،
يىراقلارغا كەتسەڭمۇ گەر يار.
جۇپ قەدەمگە كەلسىمۇ باغاق،
تەنھالىقنى قىلدىم ئىختىيار.

ئۇزاپ كەتكەن جىسمڭنى سۇيۇپ،
تۇمانلاشتى كۆزلىرىم خىرە.
"خەيىر بولغىن بەخىتلىك "دىدىم،
زىنىقىمدا قاتتى جۇپ قەترە.

كىچە چىقىپ يۇلتۇزلار ئارا،
چېچىۋەتتىم سۆيگۇم ئۇنچىسنى.
چاقناپ كەتتى يۇلتۇز بۇلەكچە،
تاماشا قىل جىمىرلىشنى.

غەمكىن كۇلگەي ئاي يۇزدە داغ،
دىدى سەنلا بەخىتسىز ئەمەس.
شىرىن سۆيگۇ ماڭىمۇ بىر چاغ،
قارا مانا قالدۇرغان داغ _ئىز.

ھاياتلىقنىڭ يۇلىدا ھېچكىم،
تۇسالغۇسىز داغدام ماڭمىغان.
مۇھەببەتلىك تىترەك ئالدىدا،
قايسى بەندە باركىن ئازمىغان.

مۇڭدىشىشتا ئاينى ئۇزتۇپ،
كۇتىۋالدىم ئوتلۇق قۇياشنى.
شەپەق جۇلا يايغان ئۇپۇقتا،
بىلۋالدىم قانداق ياشاشنى.

خەيىر بەخىت تىلەيمەن ساڭا،
يىغلىمايمەن شورلۇق قىسمەتتىن.
بەلكىم كۇلۇپ قارايمەن بىر كۇن،
دۇنيا تامان سۆيگۇ كۆزنەكتىن.


مەنبە قەلمىم

دوسلا مەن نەچچە كۇنگىچە ئىزلاغا كىرەلمەيمەن شۇڭا تىمىنى جىقراق يوللاپ قويدۇم .ھەممىنى ياقتۇرشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.ھەممىسى 2008 يىلدىكى يازمام .سىلەرگە سۇندۇم .

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
30 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە. شىئىر يىزىشقا ئۇستىكەنسىز جۇمۇ

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
50 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ساقلىۋالدىم :

Rank: 8Rank: 8

توردا
186سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
175 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىئىرڭىز لىرىك شۇنداق مۇڭلۇق يېزىلىپتۇ .ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
160سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
371 
تېما
77 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
fatima يوللانغان ۋاقتى 2010-12-27 18:16
شىئىرڭىز لىرىك شۇنداق مۇڭلۇق يېزىلىپتۇ .ئىجادىيتىڭىز ...

رەھمەت بۇندىن كىيىن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى شىئېرلارنى يېزىپ سىلەرگە سۇنىمەن مىنى قۇللاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2010-12-30 23:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.