ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە خەتەرلىك پەيىتلە ...
كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 2
go

ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە خەتەرلىك پەيىتلەر

توردا
160سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
371 
تېما
77 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تاڭ سەھەر- بىر كۈن ئىچىدە، تاڭ سەھەر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك پەيىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تاڭ سەھەردە كىشىلەرنىڭ قان بىسىمى، بەدەن تېمپۇراتۇرىسى تۆۋەنلەش، قان سۇيۇقلىقى ئاستا ئىقىش، قان سۇيۇقلۇقى بىر ئاز قويۇق يىپىشقاق بولۇش، مۇسكۇللىرى بوشىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قان كەمچىللىك خاراكتىرلىق مىڭە سەكتىسى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسان يۈز بىرىدىكەن، تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، تاڭ سەھەردە ئۆلۈپ كىتىدىغانلار پۈتۈن بىر كۈن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئاي ئوتتۇرىسى- دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر ئاي ئىچىدە ھاياتلىققا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان كۈنى ئاي ئوتتۇرىسى بولۇپ، بۇ ئاسترونومىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ بارلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، ئۇ دېڭىز سۈيىنى تارتقىنىغا ئوخشاش، ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇقلىقنىمۇ تارتىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ئاي يورۇپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلىقىنىڭ بىسىمى تۆۋەنلەپ، قان-تومۇرنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بىسىم ناچالىشىپ، بىسىمنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق پەرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يۈرەك، مىڭە قان-تومۇرلىرىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر ئاسانلا يۈز بىرىدۇ.

يىل ئاخىرى- ھاياتلىققا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر يىل ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك ئاي ئاي 12-ئاي بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ ئايدا ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى پۈتۈن بىر يىلدىكى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 10.4 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ھاۋانىڭ سوۋۇشى، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى، ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ روھى-كەيپىياتنىڭ جىددىيلىشىشى، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، مىتابولىزىمنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئاستا خاراكتىرلىق كېسەللىكلەر ئېغىرلىشىپ كېتىش ياكى كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدىكەن.

شۇڭا، ياشانغانلار بۇ ۋاقىتلاردا كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە دىھقەت قىلىپ، نۇرمال روھى-كەيپىياتنى ساقلاپ، ياخشى ئارام ئېلىشى كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى: رەھمۇتۇللا ھەسەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-27 09:26

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
29 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
633 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . رەھمەت سىزگە . جاپا چەكتىڭىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2010-12-30 23:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.