ئىملا خاتالىقى مەندەا، سىزدە،ھەممىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە.مۇنبىرىمىزدىكى ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ، يېتىلىۋاتقان يازغۇچى، شائىرلارنىڭ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئانا تىلنى پىششىق ئىگەللەش، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتىمىز. شۇنداقلا ئەقەللى تەلەپ.ئەلۋەتتە. مەن ئىملا قائىدىسىنى تولۇق بىلمەيدىغان دوسلارنىڭ ئىملاسىنى توغۇرلىۋىلىشىغا ياردىمى تىگەر دەپ"ئوتتېگىن" ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى يوللۇدۇم.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، مۇندىن كىېيىن يازمىلىرىدا پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1. ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئىسىملارنىڭ ئىملاسى
« ئا،ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق ئىسىملارغا ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا شۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى « ئې » سوزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
ئاش + ىم = ئېشىم
باش + ى = بېشى
بەل + ىمىز = بېلىمىز
ئەل + ىم = ئېلىم
ئات + ى = ئېتى باغ + ى = بېغى
...
« ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق ئىسىملارغا ئىگىلىك قوشۇمچىلى ئۇلانغاندا شۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى « ئى » سوزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
ئانا + سى = ئانىسى
مەكتەپ + ىم = مەكتىپىم چاپان + ـىڭلار = چاپىنىڭلار [كۆڭلەك + ىم = كۆڭلىكىم
ياتاق + ى = ياتىقى
قەلەم + ـىمىز = قەلىمىمىز
...
بەزى سۆزلەرنى ئوقۇغاندا ، ئۇ سۆزلەر سوزۇپراق ئوقۇلغاچقا، ئۇنداق سۆزلەرگە ئىگىلىك قوشۇمچىسى ئۇلانسىمۇ ، ئەمما ئۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشماي ، يەنىلا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىلمەي يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: نام + ى = نامى [
تەر + ى = تەرى
تەم + ى = تەمى قارار + ىم = قارارىم
بىنا + سى = بىناسى
ئەخلاق + ى = ئەخلاقى ئېلىپبە + سى = ئېلىپبەسى
يار + ى = يارى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى
- 2
« ق، ك، پ » تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا سۆز ئاخىرىدىكى « ق، ك، پ » تاۋۇشلىرى « غ، گ، ۋ » تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن يازغاندا « غ، گ، ۋ » تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، يەنىلا « ق، ك، پ » ھالىتىدە يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
تاۋاق ـــــــ تاۋىقىم، تاۋىقىڭ، تاۋىقى(تاۋىغىم، تاۋىغىڭ، تاۋىغى ئەمەس) پىچاق ــــــ پىچىقىمىز، پىچىقىڭلار، پىچىقى (پىچىغىمىز، پىچىغىڭلار، پىچىغى ئەمەس)
بىلەك ــــــ بىلىكىم، بىلىكىڭ، بىلىكى(بىلىگىم، بىلىگىڭ، بىلىگى ئەمەس)
>
يۈرەك ــــــ يۈرىكىم، يۈرىكى، يۈرىكىڭ (يۈرىگىم، يۈرىگى، يۈرىگىڭ ئەمەس)
ئۆتۈك ـــــ ئۆتۈكىمىز، ئۆتۈكۈڭلار، ئۆتۈكى (ئۆتۈگىمىز، ئۆتۈگۈڭلار، ئۆتۈگى ئەمەس)
مەكتەپ ــــــ مەكتىپىم، مەكتىپىڭ، مەكتىپى (مەكتىۋىم، مەكتىۋىڭ، مەكتىۋى ئەمەس)
ئاخىرى « غ، گ » تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە شۇ « غ، گ » تاۋۇشلىرى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا، « ق، ك » بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مۇنداق قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا سۆز ئاخىرىدىكى « غ، گ » تاۋۇشلىرى « ق، ك » تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، يېزىقتا يەنىلا « غ، گ » بويىچە يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
باغ + قا = باغقا (باققا، باغغا ئەمەس)
(ساغ + قان = ساغقان ( ساققان، ساغغان ئەمەس
ئەگ + كەن = ئەگكەن ( ئەگگەن، ئەككەن ئەمەس)
چىغ + قا = چىغقا ( چىققا، چىغغا ئەمەس)
تۈگ + كەن = تۈگكەن (تۈككەن، تۈگگەن ئەمەس)
(چىگ + كىلى چىگ+كىلى= ( چىككىلى، چىگگىلى ئەمەس
<< ب، د >> تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلىغاندا، تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا، جاراڭسىز تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن:كىتاب ـــــ كىتابقا، كىتابتا، كىتابتىن
جاۋاب ـــــ جاۋابقا، جاۋابتا، جاۋابتىن
ھېساب ـــــ ھېسابقا، ھېسابتا، ھېسابتىن
ئىقتىساد ــــــ ئىقتىسادقا، ئىقتىسادتا، ئىقتىسادتىن
تەنقىد ــــــ تەنقىدكە، تەنقىدتە، تەنقىدتىن ئەۋلاد ــــــ ئەۋلادقا، ئەۋلادتا، ئەۋلادتىن
ئۈمىد ـــــ ئۈمىدكە، ئۈمىدتە، ئۈمىدتىن
بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى « د، ب » تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا « ت، پ » ئېيتىلسىمۇ، ئەمما ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا يەنىلا « د، ب » غا ئايلانسا، « د، ب » بويىچە يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:
( ھېساب ـــــ ھېسابىم، ھېسابىڭ، ھېسابى ( ھېساپىم، ھېساپىڭ، ھېساپى ئەمەس
( كىتاب ـــــ كىتابىم، كىتابىڭ، كىتابى ( كىتاپىم، كىتاپىڭ، كىتاپى ئەمەس
ئىقتىساد ـــــ ئىقتىسادىم، ئىقتىسادىڭ، ئىقتىسادى ( ئىقتىساتىم، ئىقتىساتىڭ، ئىقتىساتى ئەمەس)
ئۈمىد ـــــ ئۈمىدىمىز، ئۈمىدىڭلار، ئۈمىدى (ئۈمىتىمىز، ئۈمىتىڭلار، ئۈمىتى ئەمەس
ئوچۇق بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرگە I ۋە II شەخس قوشۇمچىلىرىنى ئۇلىغاندا، شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا « ي » قوشۇپ يېزىلىدۇ. Ⅲ
شەخستە « سى » قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن:
بىنا ــــ بىنايىم، بىنايىڭ، بىناسى ئىملاــــ ئىملايىڭىز، ئىملايىڭلار، ئىملاسى
ماتاــــ ماتايىم، ماتايىڭ، ماتاسى
توخۇ ــــ توخۇيۇم، توخۇيۇڭ، توخۇسى
پەقەت « سۇ » سۆزىگىلا III شەخستە « سى » قوشۇمچىسى قوشۇلماي، « ي » قوشۇلىدۇ.
مەسىلەن:
سۇ ــــ سۈيۈم، سۈيۈڭ، سۈيى
.3بەزى قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
قوشۇمچىلار سۆز تومۇرىغا قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:چىرايلىق، كىتابخانا، مەكتەپتىن، ئۇيغۇرچە، ئوقۇغۇچىلاردىن...
: قوش تىرناق ۋە يالاڭ تىرناقنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلارنىڭ سىرتىغا يېزىلىدۇ.
مەسىلەن:بىز بۈگۈن ئەدەبىيات دەرسىدە « نۇزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى » نى ئۆتتۇق.
مەن « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » گە يېزىلدىم.
بىر قېتىم، لېنىن يولداشلارغا يازغان خېتىدە ئىنتايىن قىزىقچىلىق قىلىپ: « بۈگۈن ئىش ئوڭىغا تارتمىغاچقا، ئۇدا ئالتە ‹سىياھ قۇتىسى ›نى يەۋەتتىم » دېگەن.
رىم رەقەملىرىدىن كېيىن «نچى، ىنچى» ياكى سىزىقچە قويۇلماي يېزىلىدۇ، ئوقۇغاندا «نچى، ىنچى» قوشۇپ ئوقۇلىدۇ.
مەسىلەن: ئەسىر (يىگىرمىنچى ئەسىر) ‑
باب (توققۇزىنچى باب)
. ) ئوي-پىكىرنىڭ رەت- تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار ئېيتىلىشتا، «نچى، ىنچى» قوشۇپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمما يازغاندا، قاتار سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلماي، چېكىت قويۇلىدۇ. ئوقۇغاندا ئوخشاشلا «نچى، ىنچى» قوشۇپ ئوقۇلىدۇ.
مەسىلەن:تىنىش بەلگىلىرى مۇنۇلار: 1. چېكىت، 2. پەش، 3. سوئال بەلگىسى، 4. ئۈندەش بەلگىسى.بىزنىڭ ئۆگىنىش ئىنتىزامىمىز:
مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىغا رىئايە قىلىش؛1.
دەرسكە كېچىكمەسلىك؛ 2.
دەرسخانا ئىنتىزامىنى ساقلاش؛
. 3
قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
.4
تىلىمىزدىكى قىسقارتىلما سۆزلەر، ئاساسەن، سۆزلەرنىڭ باش ھەرپىنى ياكى باش بوغۇمىنى ئېلىش يولى بىلەن ياسىلىدۇ. ھەرپ بويىچە
قىسقارتىلغان سۆزلەر ھەرپلەرنىڭ يەككە شەكلى بىلەن يېزىلىدۇ، ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.
مەسىلەن: ش ئۇ ئا ر ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى )
ج خ ج ( جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى )
ك م ( كىلو مېتىر )
بوغۇم بىلەن قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: پارتىكوم ( پارتىيە كومىتېتى ) ( ئوبكوم ( ئوبلاستلىق كومىتېت
كىشى ئىسىم، فامىلىلىرىنى قىسقارتقاندا بىرىنچى ھەرپى ئېلىنىپ، يالغۇز ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: ك. ماركس ( كارل ماركس )
(ز. قادىر ( زۇنۇن قادىر
مەنبە::ھەۋەسكارلار تورى
|