ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن دوختۇرخانىدا(دەرتمەن يېگىت119)
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 1
go

دوختۇرخانىدا(دەرتمەن يېگىت119)

توردا
579سائەت 
نادىر تېما
دوست
56 
يازما
1300 
تېما
229 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 14:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دوختۇرخانىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرىۋالدىم


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : بارلىق تورداشلار......

قايسى كۈنى سالامەتلىك تەكشۈرەتكىلى شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرخانىغا كىرگەنتىم.پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدا ئۇزۇن ئۆچىرەت بار ئىكەن .مەنمۇ ئۆچىرەتتە تۇردۇم .قارىسام بىر دېھقان ئايال خەنزۇچىدا قىينىلىپ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماي تۇرۇپتۇ .
باشقىلارمۇ ساقلاۋىرىپ سەۋرىسى تۇشاي دەپ قالغان چېغى ئۇ ئايالغا ئالىيىپ تۇرۇپتۇ .مەن ئايالغا ياردەم قىلماق بولۇپ
يېنىغا باردىم .قارىسام ھەق تاپشۇرۇش ئورنىدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن !!!بۇنى كۆرۈپ قەھرىم قىرىق گەز ئۇچتى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا ياردەم قىلماي رەتكە قايتىپ كەلدىم .چۇنكى ھەق تاپشۇرۇش ئورنىدىكىلەرمۇ بىر قىينىلىپ باقسۇن دىدىم .بىردەمدىن كېيىن زالدىكى مۇلازىمەتچى ئۇيغۇر قىز كېلىپ ئۇ ئايالغا ياردەم قىلدى .ئالدىمدىكى بىر ئاچىمىز .
--ئۇف ماڭا كەلگەندە يەنە ئاشۇ قىزىمىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ .بۇ يەردە ئۇيغۇر ئىشلىمەمدىغاندۇ .
دىدى .
--ئاچا ئۆزلەمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىسلە .قومۇللۇقلار خەنزۇچىنى ئانچە مۇنچە بىلىدىغاندىكىن ئىش بىجىرسەك خەنزۇچە سۆزلەيمىز .شۇنىڭ بىلەن ئىش ئورۇنلىرىغا ئۇيغۇرنى ئېلىش ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ .دىدىم
--توغرا ئەسلى مەنمۇ خەنزۇچە سۆزلەي ئاۋۇ قىزىمنى ئاۋارە قىلماي دىگەن. ئەمدى بىلدىم بۇندىن كېيىن مەن ھەرقەنداق ئىش بىجىرسەم ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسەم خەپ .
نۆۋەت مېنىڭغا كەلدى .مەنمۇ جاھىللىق بىلەن
--نومۇر قەغىزىدىن بىرنى .دىدىم .
كۆزنەكتىكى خادىم ماڭا ئىشەنمىگەندەك
--نىشو شېنما شو خەنيۇ ما .دىدى
ھە شۇ تاشقى كىسەللىكلەر بۆلىمىگە بىرنى دىدىم بىلمىگەن بولۇپ .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز ھېلىقى چوڭ زالدىكى مۇلازىمەتچى قىزچاقنى چاقىردى .
مەن ھەممە ئىشلارنى ئۇيغۇرچە بىجىرىپ ماڭدىم .
مۇشۇ ئىشتىن كېيىن سىرىتتا ھەرقانداق ئىش قىلسام ئامالبار ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن دىدىم ئىچىمدە ..
كېيىن ئۇقسام ئاشۇ كۆزنەكتە ئاران بىر ئۇيغۇر خىزمەتچى ئىشلەيدىكەن . شۇ كۈنى ئۇ ئۇيغۇر ئايال ئىنتايىن ئالدىراشكەن .بەلكىم قومۇللۇقلار ئازراق خەنزۇ چىراي بولغاچقا ئۇ قىزنى كۆرمىگەندىمەن .ھازىر خادىم كۆپەيىتتىمۇ بىلمەيمەن .
لېكىن ھەممىمىز شۇنداق قىلساق بىر كۈنلەردە ئۇيغۇر خادىم كۆپەيتىشكە ئىھتىياج چۈشىدۇ دەپ ئويلايمەن .
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مېنىڭ بۇ تېمامدىن قۇسۇر ئىزدىمەي بەلكى ياخشى ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .


مەنبە :bbs12تورى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-30 16:47

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 17:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاھاھاھا مۇنداق قىلىش منىڭچە خاتا ئەمەس . بۇلسا ئىش بىجىرىش ئۇرۇنلىرىدا مىللارمۇ بۇلسا قۇلايلىق دە

باھا سۆز

aldinix بۇ ئۇسۇل بەك ياخشىكەن ،مەنمۇ بىر سىناپ باقمىسام خەپ. يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 21:04
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 22:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.