ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مۇھەببەت لىرىكىلىرى دادا سىنى تولىمۇ سىغىندىم !!!
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 18
go

دادا سىنى تولىمۇ سىغىندىم !!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
212سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
39 
يازما
417 
تېما
33 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 19:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


دادا سىنى تولىمۇ سىغىندىم




كۆڭلىم بەك يىرىم قانداق قىلىمەن،
دەردىمنى كىمگە دەپ كىمگە ئىيتىمەن.
دەتلىرىم تاشماقتا كۆز ياشلىرىم بىلەن،
چىدىمىدىم بۇ دەتكە قانداق قىلىمەن.



ناھايىتى شەپقەتلىك ھەم مىھرىبان اللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!!!
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دادا . سىنى تولىمۇ سىغىندىم . كۇنلىرىم سىنى ئەسلەش ، سىنى سىغىنىش بىلەن ئۇمۇتلىنىپ تۇرۇپتىمەن.جىنىم دادا سىنى خىيالىمدىن بىر مىنۇت ھەتتاكى بىر سىكىنوتمۇ نىرى قىلمايمەن. كۆز ئالدىمدا سىنىڭ بەردەم قىياپىتىڭ . كۆز ئالدىمدا ھىلىلا< قىزىم> دەپ توۋلاپ باغرىغا باسدىغاندەكلا كۆرنىدىغان سىمايىڭ .
كاللامدا ئويلايدىغىنىم ، سىنىڭ بىز پەرزەنتلىرىڭىگە بەرگەن مىھرى-شەپقىتىڭ ، كۆيۇم ، ھىمايەڭ ....مەن قەيەرگىلا بارماي سىنىڭ ئىزلىرىڭنى ئىزدەيمەن. ئەسلەيمەن. ئاياغلىرىڭ تەگكەن توپىلارنى كۆلزىرىمگە سۇركىمەن. جان دادا سىــــــنـــى سىغىندىم ........
مانا بۇگۇن سىنىڭ ۋاپاتىڭغا بىر يىل بولغان كۇن . ۋاقىتسىز بىمەھەل بىزنى تاشلاپ كەتكەن كۇنىڭ .بىر يىل بۇرۇن قان -قان يىغلىغان كۇنىمىز . بىز 4 پەرزەنىتنى تاشلاپ ، رەھىمسىز رىئاللىققا يۇزلىنىپ ، بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدىڭ . مەن بىر يىل بۇرۇن تولىمۇ كىچىككەنمەن . بۇ بىر يىل مىنى ھەقىقەتەن چوڭ قىلدى. بىلمىگەننى بىلدۇردى ، دادا....

دادا ئىكەن بەردەم سۇۋادان،
ئائىلىنىڭ تۇۋرىكى شانى.
ئۇندا غۇلاپ چۇشسە سۇۋادان،
بولارئىكەن خانى ۋەيرانى.



بۇگۇن تۇپراق بىشىڭغا چىقتىم . راستىنلا چىدىمىدىم دادا .... قەبرەڭگە ئىسىلىپ ئۆكسىپ-ئۆكسىپ ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم . سەن ئۇچۇن دۇئالارنى قىلدىم . يىنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغىم يوق جىنىم دادا ...
دادا ... قارغىنە مۇنچاقتەك تۆت پەرزەنتىڭ ، سىنىڭ دەردىڭدە تۇگىشىپلا كەتكەن مىھرىبان ئانام سىنى يوقلاپ كەلدۇق . جىنىم دادا بىزنى كۆرۋاتامسەن ... بىزنىڭ نالىلىرىمىز قۇلىقىڭغا يىتىۋاتامدۇ . بالىنىڭ چوڭى بولماق تولىمۇ تەسكەن دادا ... سەن ھايات ۋاقتىڭدا بەزى گەپلىرىڭنى ئىلىك ئالماي بويۇن تولغىغان نادان پەرزەنىتلىرىڭ مانا قەبىرە بىشىڭدا نالە پەريات قىلماقتىمىز .



مەن ئۇچۇن ئەك قەدىرلىك بولغان كۆيۇمچان دادا ، بىزگە ئىشەنگىن . ئۇمۇدىڭنى چوقۇم ئاقلايمىز . بىچچارە ئانام قانچە قىينالسىمۇ ، بىزنى ئالىي مەكتەپتە چوقۇم تولۇق ئوقىتىدۇ . بىزمۇ ھەم سىنىڭ ئۇمۇدىڭ بويىنچە ، سىنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئوقۇيمىز . دادا مەن سىنىڭ تەلىپىڭ بويىنچە چوقۇم ياخشى <دوختۇر> بولىمەن. سىنىڭ كىسەل ئازابىدا ئاھ-زار چەككىنىڭنى ئۆز كۆزىم بىلەن كۇرگەنمەن. مەن ئەشۇ ئاغرىق ئازابىدىن قىيلىنۋاتقان بىمارلار ئۇچۇن جان پىدالىمىنى كۆرسىتىمەن. يەنە بىزگە ئوخشاس نارسىدىلەرنىڭ بىزدەك ئاچچىق كۆز ياش قىلىپ قىلشىنى ئازراق بولسىمۇ تۇگىتمەن .
خاتىرجەم ياتقىن دادا... بىزگە بەرگەن مىھنىتىڭگە رازى بولغىن !!!








شاتئاي يازمىسى ........
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللا يىغىش سەۋەبى
LOVE8 + 5 ئىجادىي يازم ..

ھەممە باھا نومۇرى : تىللا + 5 باھا خاتىرىسى

دىل ئازار ، خۇدا بىزار

توردا
181سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
156 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 19:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلبىڭزنى تولقى بىلەن ئچىپ بىرپسىز تىرشىڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
894سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2028 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 19:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىۋىتىپسىزغۇ ، ئاللا ،ئاللا ما قىزلانى......
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
1463سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 19:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ناھايىتى شەپقەتلىك ھەم مىھرىبان اللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!!!
(مەرھۇم دادامنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي)!!!!

مەرھۇم دادىمىز شۇنداق ئىدى بىزلەرنى باققان،
بىزدەك سەبى قەلىپلەرگە مەشئەللەر ياققان.
بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن كۆيۈپ ھارسىمۇ،
ھاردىم دىمەي دەرت ئەلەمنى ئىچىگە يۈتقان.

مەشرىقچى خەيئىر دادا ئەسلىدىم ھەر كۈن،
ھازا ئىيتىپ يىغلاپ ئۆتتى مانا ھەر كۈنۈم.
كۈنلەر ئەمەس يىغلىدىغۇ ئۇلاپ تاڭغا تۈن،
دۇئا قىلىپ تۇرۇپتىىمەن جەننىتىڭ ئۈچۈن،

بارلىق دادىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن تېنى ئامان بولسۇن، ئۆمرى ئۈزۈن بولسۇن، بەخىت، سائادەت، ئىمان ئۇلارغا ھەر ۋاقىتت ھەمراھ بولسۇن!
ئامىن!


شاتئاي بۈگۈن سىزنىڭ بۇنداق ئەسەر يىزىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
52 
يازما
1180 
تېما
69 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 20:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاھ ، دادا بۇ خەتنى كۆرۇپ سىزنى ھەجەپ سېغىندىم ! گەرچە سىز مەن بىلەن نەچچە كۈنلۇكلا خوشلاشقان بولسىڭىزمۇ ! ئاتا-ئانا مېھرى ھەقىقەتەن ئۇلۇغكەن.. ! ئاتىسىزدىن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشقان دوسلۇرۇم ئۈچۈن ئۈكىنىمەن ! قايغۇرماڭلار ! دۇنيا شۇنداق رەھىمسىز !

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 21:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىنى كۆرەي دىسەم
مىھىرىڭگە قاناي دىسەم
قەپبىرەڭگە كىرىۋالاي دىسەم
ئىتىكلىك ئىكەن تۇرۇپ قالدىم

قەپرەڭ بىشىدىكى يانتاقلانى باغرىمغا باسسام
مىھىرىڭگە قانارمەنمۇ جان دادا
ۋاخىتسىز ئايرىلدىم سەندىن
مىھىرىڭگە تىخى قانماي تۇرۇپلا

ئانا بەرسىمۇ مىھىرنى پۇتۇنلەي
دادا مىھىرگە يەتمەيدىكەن
ئۈگەي دادا بەرسىمۇ مىھىرنى
ئۆز دادىسقا يەتمەيدىكەن
كۆكلەم ئوغلى

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 21:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەپمۇ ئىسىمگە سىلىپ قويدىڭىز يا
ئاران دىگەندە ئۇنتۇغان ئىدىم ئەمەسمۇ
كۆكلەم ئوغلى

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاھ ! سۆيۇملۈك دادا...............سەن مۇ بىزنى ۋاقتىسىز تاشلاپ كەتكەنتىڭغۇ ،مانا قىزىڭمۇ چوڭ بولدى ،كۆرۋاتامسەن .

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1400 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 21:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دادىسىنى قەدىرلىمىگەن مەنلا يالغۇزمۇ نىمە ، ۋاي خۇدا .

ھازىر قەدرىنى بىلمەيمەن ، چۇقۇم كىيىنچە ۇنىڭدىن ئايرىلغاندا مەنمۇ مۇشۇنداق مۇڭ تۇكەمەنمۇ ؟؟؟

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-9 22:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
http://bbs.iz.la/viewthread.php?tid=6293#41956
دوستانە پىكىرىم ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىم ھەرگىزمۇ خگقنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋاغىنىم ئەمەس باش سۈرئىتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېتىڭ
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.