ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر يولدا مەن ئويلاردامەن(دىلداش)
كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 5
go

يولدا مەن ئويلاردامەن(دىلداش)

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 17:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

خۇددى مەن« مەشرەپ» كەبى ئىشقىم بىلەن،
يولدامەن ئويلاردىمەن مەنزىل تامان.
بىر ئۈمۈد دەملەردە ھەمرادۇر ماڭا ،
يار ئۈچۈن كۆيگەچكە قەلبىم ھەر قاچان.
(1)

خەيرىيەت بۇ كۆڭۈل چۈشۈپتۇ ساڭا،
ھىجراننىڭ دەشتىدە نەچچە يىل يۈرۈپ.
مۇھەببەت ئوتلىرى كۈل قىلدى مېنى،
يۈرەكنى شەپقەتسىز ئوتتا كۆيدۈرۈپ.

تارتىنما، ئەي لىۋەن چۆككىن باغرىمغا،
سۇمبۇلدەك چىچىڭنى سىلىسۇن قۇلۇم.
ئۆتمۈشۈم ئۇنتۇلسۇن سۇغۇق چۈش بۇلۇپ،
يۇرۇسۇن سۆيگۈدىن بۇ ھايات يولۇم.

ساداقەت پەخىردە ئۇلۇقلاپ سېنى،
ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ سۆيەي ئېچىرقاپ.
ئۆمرۈمنى يىرىمى ئۆتتى ئارماندا،
بولدى بەس يۈرمىگىن ئەمدى يىتىرقاپ.
(2)

سۆيگۈڭدىن لاتاپەت تاپقاچ ياشلىغىم،
ئۆزەمنى بەختىيار سەزدىم ھەر قاچان.
ۋىسالىڭ جەننەتنىڭ بەرگەچ بەھرىنى،
گۈل كەبى پورەكلەپ بارماقتا ئارمان.

زوقلاندىم شەربەتتەك پاك ئەقىدەڭدىن،
تەلمۈرگەن ئاشىققا قىلمىدىم پەرۋا.
مېھرىڭدىن ئالەمچە سەزگەچ ھاياجان،
بۇلىمەن ھەر قاچان بىر ساڭا شەيدا.

مەمنۇنمەن سۆيگۈڭدىن تاپقاچ بەختىمنى،
پەخرىمدۇر ھەر قاچان سېنى سۆيگۈنۈم.
جۇدالىق تەشۋىشى يىراق قەلبىمدىن ،
رىغبىتىم بولغاچ سەن،ئاسان مۈشكۈلۈم.

( 3)
ھايات يولى شۇنداق ئۇزاق يول،
گاھى داۋان ، گاھىدا راۋان ،
تۇرمۇش بەرسە بەزىدە كۆز ياش.
شادلىقنىمۇ بىرىدۇ ھامان .

ھايات پەسلى ھەر بىر جان ئۈچۈن،
سۆيگۈ ئارمان قوزغاپ ئۆتىدۇ.
جانا ئۈچۈن زارىقسا بىرى ،
بىرى ھامان كۈلۈپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق يۇسۇن دەۋرىيلكىدە،
سېنىڭ ئۈچۈن ناخشا پۈتىمەن.
ئۈنسىز كۈتۈش، ھالسىز سۈكۈتتە،
بىر سېنىلا ھامان كۈتىمەن.


سېنىڭ ئۈچۈن ئاتالغا كۆڭلۈم،
سەن قەلبىمدە ھامان بىر قۇياش.
ئارمىنىم شۇ جۈپلەشسە يۈرەك،
تۈگەپ كەتسە بىزدە يادسىراش.


ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 18:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز.....

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 19:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ . نىمە دېىگەن ئېسل شېئر بۇ ؟ ئىلھام دېىگەن تۆكۈلۈپىلا تۇردىكەن سىزىدىن . بۇنىدن كيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . مەن بەك ياخىتۇرۇپ ئوقىدۇم . رەخىمەت سىزىگە .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1569 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 22:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەك ياختۇردۇم ،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ...............رەخمەت سىزگە............

توردا
99سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
180 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 00:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىلھامنىڭ ھەممىسى سزدە باركەنغۇ ئەپەندى.

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 12:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەرداشلارنىڭ ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرۇشى مەن ئۈچۈن مەدەت.رەھمەت سىزلەرگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.