- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 42سائەت
- جۇغلانما
- 1612
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 204
- تېما
- 111
- توردا
- 42سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 204
- تېما
- 111
|
قۇۋلۇق بىر خىل ئوسال پاراسەت،گەرچە قوۋلۇق بىلەن پاراسەت كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ،ئەمما سەمىمىيلىك جەھەتتىلا ئەمەس، ئەقىل-پاراسەت جەھەتتىمۇ بىر-بىرىدن پەرقلىنىدۇ.مەسىلەن؛گەرچە بەزىلەرنىڭ قاتار ئويناش تېخنىكىسى ئانچە ئۈستۈن بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇلار قارتىنى قۇۋلۇق بىلەن جۈپلەش ئارقلىق ئۇتىدۇ.يەنە بەزىلەر گۇرۇھ توپلاشقان ناھايىتى ئۇستا،لېكىن ھەقىقىي بىر ئىش قىلىشىتا ھېچقانداق تېخنىكىسى يوق.
شۇنى بىلىش كېرەككى،ئادەمگەرچىلىكىنى بىلىش بىلەن ئادەمنىڭ تەبئىيتىنى چۈشىنىش ھەرگىز بىر ئىش ئەمەس.يۇمىلاق تاۋۇز.ئادەملەرنىڭ جۇلق-مىجەزىنى چۈشىنىشىكە ماھىر نۇرغۇن ئادەملەر بار،لېكىن ئۇلار ھەرگىز ھەقىقىي بىلىمىلىك ئادەملەر ئەمەس.بۇ خىل ئادەملەر تەتقىقاتقا ئەمەس،سۈيىقەستكە ئۇستا،ئۇلار بىر-نەچچە خىل ئادەمنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ،لېكىن يېكى ئادەملەرگە ئۇچرسىلا،كونا ئاماللىرى ئىشلىمەي قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلارنىڭ (ئۇنى ناتونۇش ئادەمنىڭ ئالدىدا سىنا)دەيدىغان ئادەم سىناش ئۇسۇلى ئۇلارغا ماس كەلمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە قۇۋ ئادەم ئۇشىشاق-چۈشىشەكنى ئېلىپ-ساتىدىغان ھۆپىگەرگە ئوخشايدۇ.بۇ يەردە بىز ئۇلانرڭى ئەپت-بەشىرسىنى ئېچىپ كۆرەيلى.
بىر خىل قۇۋ ئادەملەر باركى،ئۇلار پاراڭلاشقاندا خاسلا كىشىنىڭ چىراينى كۆزىتىدۇ،چۈنكى بۇ دۇنيادىلى نۇرغۇن راستىچىل كىشىلەردە چوڭقۇر مۇھەببەتلىك يۈرەك ۋە ئوچۇق-يورۇق،ھېچنىمىنى يوشۇرمايدىغان چىراي بار.قۇۋ ئادەم سىزگە ئۇچرىغاندا،ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىپ يەرگە قاراپ تۇرغاندەك بولۇۋالىدۇ.(ئىسا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرى)دەل شۇنداق كىشىلەردۇر.
شۇنداق بىر خىل قۇۋلۇق ئۇسۇلى باركى،ئۇ ھەقىقىي كۆزلىگەن مەقسەتنى تاغدىن-باغدىن قىلىنىغان سۆزنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇىدۇ.مەسىلەن؛مەن بىر ئەمەلدارنى كۆرگەن،ئۇ مەلۇم بىر ھۆججەتنى ئايال پادىشاھقا تەستىقلاتماقچى بولغاندا،ھەر قېتىم ئالدى بىلەن باشقا ئىشىلار ئۈستىدە سۆزلەيتتى،بۇ ئارقىلىق ئايال پادىشاھنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققان يۆتكەيتتى.نەتىجىدە ئايال پادىشاھ قول قويماقچى بولۇۋاتقان ھۆججەتكە ئېتىبار قىلىمايتتى.
يەنە بىر خىل ئۇسۇل باركى،ئۇ سىزدە قىلىچە ئىدىيە تەييارلىقى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇشتۇمتۇتلا بىر تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ-دە،چوڭقۇر ئويلىغىلى قويمايلا،سىزنى ھاپىلا-شاپىلا ماقۇلغا كەلتۈرىدۇ.
كىشى باشقا بىرىنىڭ بىر ياخشى ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولسا،ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،لېكىن ئوتتۇرىغا قويغاندا،ئۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان قىلىپ سۆزلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەيدۇ.
بىر ئېغىز سۆز قىلىماقچى بولغاندەك بولۇپ،ئۇشتۇمتۇت سۆزدىن توختىۋېلىش، گويا ئۆزى بۇ سۆزنى قىلىماسلىققا مەجبۇرلانغاندەك بولۇۋېلىشىمۇ قۇۋلۇقنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.بۇنىڭدا باشقىلارنى ھېلىقى سۆزلىمەكچى بولغان نەرسىنى ئۇقمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىز بىرەر كىشىدە بىر ئىشىنى ھەرگىز ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەمەس،سۈرۈشتۈرۈشى بىلەن ئېيىتىپ بەرگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلالىسىڭىز،بۇ ئىشىقا ئۇ تېخىمۇ بەك ئىشىنىدۇ...
ئەگەر سىز مەلۇم بىر خىل سۆزگە مەسئۇل بولمايمەن دېگىنىڭىزدە،باشقىلارنىڭ نامىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن؛(مېنىڭ ئاڭلىشىمچە)ياكى(باشقىلارنىڭ ئېيتىشچە)دېگەن سۆزلەرنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
مەن بىر ئادەمنى تونۇيتتىم،ئۇ بىرەر ئىشىنى باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرىشىگە تاپشۇرماقچى بولسا، ھامان خەتنىڭ قوشۇمچە يېرىگە يېزىپ قوياتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ خۇددى تاسادىپي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالغان كىچىك ئىشتەك تويغۇ بىرەتتى.
مەن يەنە بى ئەپەندىنى تونۇيتتىم.ئۇ كۆرۈشىكە كېلىشىپ قويغان جايغا بېرىپ تۇراتتى،لېكىن كۆرۈشمەكچى بولغان ھېلىقى كىشى پەيدا بولغان ھامان،قەستەن تەمتىرەپ كەتكەندەك،بىر يەرگە مۆكۈۋالماقچى بولغاندەك،ھېلىقى ئادەم بىلىپ قالسا بولمايدىغان بىر ئىش قىلىۋاتقاندەك قىياپەتتە بولۇۋالاتتى.ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىتىكى ئاساسىي مەقستى،ھېلىقى ئادەمدەك گۇمان ۋە سوئال تۇغدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئاغزىدىن چىقىرالمىغان گەپنى قىلىۋېلىش ئىدى.
كىشىنى ئالدام خالتىغا چۈشۈرىدىغان يەنە بىر خىل قۇۋلۇق بار.مەن بىر ئەپەندىنى بىلەتتىم.ئۇ يەنە بىر ئەپەندى بىلەن يۇشۇرۇن ھالدا مىنسىتىرلىق ئورنىنى تالىشىپ قالغانىدى،شۇڭا ئۇ ھېلىقى ئەپەندىگە؛(پادىشاھللىق زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى بۇ زاماندا مىنسىتىر بولۇش ئەھمىيتى يوق بىر ئىش)دېگەنىدى.
ھەقىقەتەن مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىش ئېھتىمالى بار بولغان ھېلىقى ئەپەندى نادانلىق قىلىپ،ئۇنىڭ كۆشز قارىشىغ قۇشۇلغان ھەمدە باشقىلارغىمۇ ئۇنىڭ دېگەن ھېلىقى گېپىنى تەكرارلاپ دەپ يۈرگەن،نەتىجىدە بۇ گەپنىڭ ئەسلىي ئىگىسى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى دەستەك قىلىپ،ئۇنى ئايال پادىشاھقا چاققان.ئايال پادىشاھ غەزپلەنگەنلىكىدىن،گەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇ ئەپەندىنى مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەن.
(قوتۇرماچ ئۆرۈش)دەيدىغان يەنە بىر خىل قوۋلۇق بار،بۇنىڭ مەنىسى،سىز باشقىلارغا ئېيتىقان سۆزنى تەتۈرىگە ئۆرۈپ،باشقىسى سىزگە ئېيتىقان دەپ تۇرۇۋېلىش،ئومۇمەن،ئىككىيلەننىڭ يېنىدا ئىسپات بولىدىغان ئۈچىنىچى بىرى بولمىغاچقا،بۇ ئىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە زادى قانداقلىقىنى ھېچكىم ئۇقمايدۇ.
دارىتمىلايدىغان يەنە بىر خىل قۇۋلۇق بار.مەسىلەن؛مەلۇم بىرىنىڭ ئالدىدا قەستەن بىر كىشىگە(مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشىنى قىلمايمەن،ئۇنداق ئىشىنى ھېلىقى كىشىلا قىلىدۇ)دەپ دارىتمىلاش.
بەزىلەر نۇرغۇن غەلىتە خەۋەر ۋە قىزىقارلىق ئىشىلارنى توپلايدۇ.ئۇ سىزگە مەلۇم بىر نەرسىنى پۈراتماقچى بولغاندا،ھامان بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەم ئۆزىنى قوغدىغىلى،ھەم سۆزنى باشقىلارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق تارقاتقىلى بولىدۇ.
بەزىلەر پاراڭ سالغاندا قەستەن ئۆزى سوراپ ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ.بۇنىمۇ بىر خىل قۇۋلۇق دېيىشكە بولىدۇ.ئۇشتۇمتۇتلا يۈرەكلىك ھالدا كىشىنىڭ كاللىسىغا كەلمىگەن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن سوئال سورىغۇچىنى چۆچۈتۈۋەتكىلى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئاشكارىلىغىلى بولىدۇ.بۇ خۇددى ئىسىمىنى ئۆزگەرتىۋالغان كىشى ئويلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇشتۇمقتۇت راسىت ئىسىمىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەندەك،راسىتىنى دەپ سالغاندەك ئىش.
ئومۇمەن،قۇۋلۇقنىڭ ئاماللىرى خىلىمۇخىل.راسىتچىل،ياۋاس ئادەملەرنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنى چۈشەنمەي ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،قۇۋلۇق ئۇسۇللىرىنى سۆكۈپ تۇرۇش زۆرۈر.
لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا،قۇۋلۇق ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئەقىللىقىلقى ئەمەس،ئۇ پەقەت پايدا-نەپ ئېلىشىنىڭ ئەرزىمەس بىر خىل ماھارىتى، ئۇ بەزىدە كارغا كېلىپ قالسىمۇ،لېكىن كىشىنى ئەبەدىي ئالدىيالمايدۇ.مۇشۇ ئەرزىمەس ماھارەت بىلەن جاھاندارچلىق قىىلش ھامان ئاقمايدۇ.شۇڭا ئولۇغلاردىن بىرەيلەن؛(دانالار ئۆز-ئۆزىنى تۈزەپ تۇرىدۇ،دانالار جەمئىيەتنى ئالدايدۇ)دەپ ياخشى ئېيىتىقان.
مەنبە؛ ئۆزىڭىزنى تونۇڭ
|
|