كەچ بوپ قالدى جىننىڭ گىپى باشلاندى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭلار :-
دۇتتارچى جىن
ئادەملەرنى قورقۇتۇشقا ئىنتايىن ھەۋىسى با ئەمما پەقەت ئادەم قورقۇتالمايدىغان ساددا بىر جىن باكەن، بىر قىرى جىننىڭ بۇنىڭغا ئىچى ئاغىرىپ چاقىرتىپتۇ . بۇ دۇتتارنى ئال- دەپتۇ قىرى جىن- تۈن كىچىدە مەھەللە ماراپ كىم ھويلىدا ياتقان بولسا تامغا چىقىۋىلىپ دۇتتارنى تىرىڭشىتقىن ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەيسەندە پىسىڭڭىدە كۈلىسەن، ئىنسان بالىسى قان سىيۋىتىدۇ......
شۇ كۈنى كىچىدە ساددا جىن دۇتتارنى ئىلىپ مەھەللە ماراپ قارىسا مەمەتجان005 ھويلىدا ياتقان ئىكەن. جىن دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتىكەن ، مەمەتجان005 كۆرۈپ :-ۋايجااااااااان دىگىنىچە ئۆيگە كىرۋاپتۇ (ئىشتاننى نەمدىگىننى دەپ يۈرمىدىم ).
تۇنجى قىتىم ئادەمنى قورقۇتۇپ خوش بوپ كەتكەن جىن يەنە مەھەللە ماراپتۇ ... بىر ئۆيگە قارىسا فاتىمە باراڭنىڭ ئاستىدا يىتىپ ئوغۇرلۇقچە مابىتىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاۋاتقان ئىكەن ، جىن باراڭنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ تۇرۇپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتىكەن فاتىمە ۋااااااي خۇداااااا-دىگىنىچە تىلىفوننى تاشلاپ قىچىپتۇ.(..................................).
جىن بەك خوش بوپ كىتىپتۇ ، يەنە بىرسىنى قورقىتىۋىتەي دەپ ماراپ يۈرسە شاتئاي ھويلىدائىككى قولىنى بىشىغا قويۇپ پۇتىنى ئىلماپ ئاسمانغا قاراپ ياتقان ، جىن تامدا ئولتۇرۇپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتۇ ، قارىسا جىمجىت ، ئاڭلىماپتۇدە -دەپ چىڭىراڭ ئىيتىپتۇ "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا " دەپ قارىسا يەنە جىمجىت ، ئاچچىقىدا چىڭ ۋاقىراپ تۇرۇپ "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دىيىشىگە ھويلا تەرەپتىن ۋېـــــــــــڭڭىدە بىر پاي كالاچ ئۇچۇپ كىلىپ بىشىغا پاققىدە تىگىپ ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كىتىپتۇ~~ شۇنداق بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا شاتئاي تىرىككەن ھالدادەۋاتقۇدەك : جىڭ قاپاقكەن ، "خىيالىمغا سەن كەلدىڭ دوستىگۇللااااااا" ...........
تۇل جىن
يانبۇلاق سەھرادىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ، مەقسەت سەرالىق مابىتى گۇلمىرە بىلەن كۆرۈشۈشكەن .
بۇ ئىككىسى كۈندە كەچتە گۇلمىرەنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويدا مابەتلىشىدىكەن ، كۈندە كىچىدە ئۆيگە كەلگىننى كۆرگەن يانبۇلاقنىڭ تاغىسى دەپتۇ :- ئۇكام بۇدا ئۆيگە بالدۇراق كەل ، ما بىزنىڭ يىزىدا بىر تۇل جىن با ، ساپلا خوتۇنى يوق ياش باللىغا چاپلىشىۋىلىپ ساراڭ قىپ قوياتىدۇ ، يانبۇلاق ماقۇل دەپتۇ ، ئەتىسى كەچ گۇلمىرە بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ : راس مەھەلىڭىزدە تۇل جىن باما ياش باللىغا چاپلىشىۋالدىغان~؟! گۇلمىرە چاقچاق قىلىپ :- ۋاي راس با جۇما ، بەك چىرايلىق قىز دەيدۇ ئۇنى ، لىكىن چاپلىشىۋالسا ساراڭ قىپ قويامىش ، ئۇچراپ قالسا بىلىپ بىلمەي چاقچاق قىپ سامماي تازا تىللاڭ جۇما ،سۈيىڭىزنى چىقاسىڭىز چاپلىشىۋالىدا شۇ`~!! . يانبۇلاق كۈلۈپ قويۇپتۇ.
تۈندە ئۆيگە قايتىۋاتسا دەرۋەقە جىن باركەن ، چاشلىرى چۇۋۇق ناھايىتى بەتبەشىرە بىر جىن چوكان كەن `~!
يانبۇلاققا قاراپ ھىجىيىپ :- ھۇيىت گومۇش غوجام ~! بۇ كىچىدە نەگە ماڭلا ~؟-دەپتىكەن يانبۇلاق تامبىلنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگىلى تاس قاپتۇ`~!! شۇنىڭ بىلەن گۇلمىرە نىڭ چاقچىقى ئىسىگە كىلىپ بىر تىللاي ئاندىن قۇتۇلامە دەپ ئويلاپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ شۇنداق بەزەپ سۆزلەر بىلەن تىللاپتۇكى ئەييۇھەنناس ئىنسان بالىسى بۇ سۆزلەگە چىداپ تۇرالماس ، بىرھازا تىللاپ كۆزىنى شۇنداق ئاچسا جىن پاڭڭىدە يىغلىۋىتىپتۇ`~~ يانبۇلاق ھە ئۈنۈمى بولدى دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەپ تۇرسا،جىن يىغلاپ تۇرۇپ دىگىدەك:- مەن ئۆمۈرۈمدە بۇنداق تەسىرلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان،كىلىڭە جىــــــنــــــــم......!!
ئۈچ نوچى
ئاق توشقان، دەتمەن119 ، بەرنا. ئۈچ نوچى كىچىدە خامان بىقىپ يىتىپ جىننى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا پو ئىتىشىپتۇ .
ئاق توشقان، دەپتۇ : مۇشۇ جىن دىگەننى كۆرەپ قالماي ئەمما كۆرەپلا قالسام جىن بولغىنىغا تويغۇزىۋىتىمەن جۇما ~~!! جىننى كۆرسەڭلا مىنىڭ كەينىمگە ئۆتىۋىلىڭلا خا خا خا ........
بەرنا دەپتۇ: ھەي مۇشۇ جىندىن بىرەنى بىقىپ قويسام دەيمە ، كوچىدا ماڭغاندا كەينىمگە سىلىپ يۈرسەم ، خەقلە قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرۋەتسە ،نىمدا ئاقسا ھە ...خا خا خا خا.......
دەتمەن119 .ئىككى قولىنى بىشىغا قويۇپ ئاخسا ياتقان ئىكەن ، ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ بىر كۆزىنى يىرىم ئىچىپ تەمكىن ھالەتتە دەپتۇ:- بولدى تالاشماڭلا.... جىن دىگەننىچۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سەت بىر ئالىيىپ سۈر بىلەنلا ۋايجىننى چىقىرىۋىتىمىز ....!!
.........................................................
تۈن كىچە بەرنا تاتلىق خورەككە ئاللىقاچان چۈشكەن ئىكەن ، ئاق توشقان بىلەن دەتمەن119 بىر-بىرىگە تەن بەرمەي تازا پو ئىتىۋاتسا جىمجىت ئىتىز تەرەپتىن ئاپئاق چاچلىق ئاپئاق كىيىملىك بىر موماي سۈرەتلىك جىن غۇلاچلىرىنى كەڭ ئاچقىنىچە تىترگەن ئاۋازدا :- بــــالام....... بــــالام.........-دەپ كىلىۋاتقۇدەك ، بۇنى كۆرگەن دەتمەن119 بىرىنچى بولۇپ تامبالنى نەمدەپتۇ : ۋاي جىن ~!!!-دىگىنىچە ئۆي تەرەپكە قىچىپتۇ ، ئارقىدىنلا ئاق توشقان :-نەئۇزىبىللا ۋاي مەن نىمىنى كۆدۈم ، ۋااااي جىن~~!- دىگىنچە دەتمەن119 نىڭ ئارقىدىن يۈگىرەپتۇ ، بەرنا ۋارقىراشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئۆي تەرەپتىن ۋاي جىن جىن~~! دىگەن ئاۋاز كىلىۋاتقۇدەك ، قورقۇپ كەتكەن بەرنا ئاياغنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمغىنىچە غۇلاچلىرىنى كەڭ ئىچىپ بار كۈچى بىلەن ئۇددۇل جىن تەرەپكە قاراپ يۈگىرەپتۇ :- ۋاي جىنىم چوڭ ئانــــوووووووو، مىنى قۇتۇلدۇرۋااااااال.......~~!!!!
قىزىقارلىق بولسۇن دەپ دوسلانىڭ ئىسمىنى قىتىپ قويدۇم خاپابولماسسىلە،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-8 01:35
|