ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مەن خوتەنگە بىر باراي
كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 19
go

مەن خوتەنگە بىر باراي  

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 13:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەن خوتەنگە بىر باراي


( مۇخەممەس )





<<قاشتىشى >> دەپ نامىڭ بار، گۈزەل يۇرتقا مەن باراي ،

مەدەنلىرىڭ شۇنچە كۆپ قارىقاش، يۇرۇڭقاشقا مەن باراي ،

ئادەملىرى مېھماندوس، گۆش گىردىسى ۋاي، ۋاي ، ۋاي،

خىسلىتىڭنى داستان قىپ، شېئىر-قوشاق مەن يازاي ،

مېھرى ئىسسىق بۇ يۇرتقا ، مەن خوتەنگە بىر باراي .




خان ئەتلىسى شاھىسى، دىلدا داستان خوتەننىڭ ،

كىيسە زەپمۇ يارىشار، توي زىننىتى خوتۇننىڭ ،

سەھنە ئۇنسىز بىزەلمەس، خوي كۆركىسى ئويۇننىڭ،

مەھسۇلاتى مېۋىسى ، چىۋەر- ئىشچان قولىنىڭ ،

ھۇنەر- سەنئەت ماكانغا، مەن خوتەنگە بىر باراي.






زىلچە گىلەم يارىشار، ئۆيىڭىزگە سالسىڭىز ،

ئەڭ نوچىسى -سېزىنى ، شۇ خوتەندىن ئالسىڭىز ،

زىيان تارتماس خىرىدار،چوپقەت بولۇپ قالسىڭىز،

بېيىشىڭنىڭ مەنبەسى، سودا ئادىل بىلسىڭىز ،

گۆھەر زىمىن ماكانغا، مەن خوتەنگە بىر باراي .




مېۋە-چىۋە ماكانى، يۇرىشىدۇ سودىسى ،

ياڭاق، بادام تەل تۇرسا، يەي دىسىڭىز يىمىشى ،

مەن -مەن دىگەن ئەركەكنىڭ، توشقان زەدەك دورىسى،

تۆكمىچىلىك خوتەندە ، باي باياشاد تۇرمۇشى ،

ئەل نەزىرى ماكانغا ، مەن خوتەنگە بىر باراي.


ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

توردا
92سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
336 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 15:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزنىڭ خوتەن بەك ياخشى ! داملىغۇچىلىكى بار !
بۇ مۇخەممەس ياخشى يېزىلىپتۇ !

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 15:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راس راس ..... بىزنىڭ خوتەن بەك ياخشى جۇما ........خوتەنگە بىر كەلسىڭىز يەنە بىر قىتىم كەلگۈڭىز كىپ كىتىدۇ بەك ياخشى يىزىلىپتۇ .......

باھا سۆز

aski520 سىز خوتەندىنما؟ ھەجەب تۇنۇشماپتىمىزا بىز ! خالىسىڭىز QQ;599201882 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 15:22

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭمۇ شۇنداق بارغۇم بارتتى بىراق شۇ ۋاقىت چىقرالمايۋاتمەن . ئاللاھ بۇيرىسا چوقۇم بىرىپ كۆرۇپ كىلمەن .

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
aski520 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 15:02
بىزنىڭ خوتەن بەك ياخشى ! داملىغۇچىلىكى بار !
بۇ مۇخەمم ...

راسلام ياخشىما؟بىز بارساق قىچىۋالارسىز ھەر قاچانچاقچاق

باھا سۆز

aski520 ئاۋال بىر كىلىڭچۇ ! قىزغىن قارشى ئالىمەن ! خوتەنلىكنىڭ مىھماندوستلىقىنى بىلمەمسىز؟ يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 20:04

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئاللا خالىسا كىلەر يىلغىچە يەنە بىر قىتىم بارىمەن!! ئالدىنقى قىتىم چۇشۇمدە كۆرگەندەك بوپلا يىنىپ كەلگەنتىم...

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . خوتەن ھەقىقەتەن ئىسىل يۇرت . بولسا ئازغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئەۋاتىپ كۆسىتىپ كەلسەك ياخشى بولاتتى . خوتەن توغرىسىدا جىق گەپلەر ھەممىنى بۇ يەردە دىگىلى بوممايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurlan0018 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-21 18:55

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
874 
تېما
145 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇتەننى ھەممە كىشىلەر ماختايدىكەن،مېنىڭ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ...خۇتەنلىك بالىلارنىڭ شېۋىسىچۇ تېخى بەك قىزىقارلىق جۇما

باھا سۆز

aski520 ئاۋال بىر كىلىڭ ! مەن ساياھەت يىتەكچىسى بوپ بىرىمەن ! يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 20:06

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 22:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوتەن بەك ياخشى جۇمۇ ! ؟ نەچچە قىتىم بارغان... ساۋاقداشلىرىممۇ بار...

Rank: 8Rank: 8

توردا
215سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
295 
تېما
70 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 00:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوتەن ھەقىقەتەن ئېسىل يۇرت.بۇرۇن قاراقاشقا بىر قېتىم بارغىنىمدا ماڭا ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانتى.

اللاھ يەنە بىر بېرىشقا نىسىپ قىلىپ قالار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.