ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سەن مەندەك بولالامسەن ؟
كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 9
go

سەن مەندەك بولالامسەن ؟

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 13:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سەن مەندەك بولالامسەن ؟



مۇھەممەدجان راشىدىن



سەن مەندەك بولالامسەن ،

دۆڭگە سۇ قويالامسەن .

ئاناڭغا سويمىغان قوينى

باشلىققا سويالامسەن ؟



قويغا ئۆزگىرەلەمسەن ،

ئىتقا ئايلىنالامسەن ؟

مەندەك ئەركىلەپ يۈرۈپ ،

ئىلغار سايلىنالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ؟

كۆككە غادىيالامسەن ؟

- بۇ ئىشڭ خاتا دېسە ،

شۇئان جايلىيالامسەن ؟



ئاغزىڭدا شەھەر ئېلىپ ،

بىر كۆتەك يارالامسەن ؟

بىلىڭنى سىيلاپ يۈرۈپ ،

مۇكاپات ئالالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

غەيۋەتمۇ قىلالامسەن ؟

ياخشىلارغا دەرد كەلسە ،

چاۋاكمۇ چالالامسەن ؟



قانچىلىك ھۈنەرۋەنسەن ،

قاپقانمۇ قۇرالامسەن ؟

ھەر دوستۇڭغا بەش ئورا ،

مېنىڭدەك كولىيالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

قىزلارنى تورالامسەن ؟

دادىسى كېلىپ قالسا ،

قورقماستىن ئۇرالامسەن ؟



پايپاسلاپ سەتەڭلارنىڭ ،

كەينىدىن ماڭالامسەن ؟

ئەر يەتكەن بالاڭ تۇرۇپ ،

ئاشنا ئوينىيالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

قاۋاقتا قونالامسەن ؟

ساقچىلار كېلىپ قالسا ،

مەندەك تېز تونالامسەن ؟



يېتىمنى بوزەك قىلىپ ،

يالغۇزنى ئۇرالامسەن ؟

نوچىسى كېلىپ قالسا ،

ئون تەزىم قىلالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

بازار باشقۇرالامسەن ؟

ئون تىيىن چىقىم قىلماي ،

گىلەممۇ ئالالامسەن ؟



سودىگەر بولالامسەن ،

خەقنى كوملىيالامسەن ؟

داداڭ پۇل سوراپ قويسا ،

شىردەك ھومىيالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

سۈتكە سۇ قوشالامسەن ؟

خەقنىڭ بېغىدىن ئاستا ،

ئۆيۈڭگە توشالامسەن؟



ئالدىدا ئايالىڭنىڭ

مەندەك تىك تۇرالامسەن؟

كۈندۈزدى تاماق ئېتىپ ،

كەچتە كىر يۇيالامسەن ؟



سەن مەندەك بولالامسەن ،

شۇنچە ئىش قىلالامسەن ؟

بوران چىقسىمۇ ئون بال ،

يىقىلماي تۇرالامسەن ؟



1990 - يىل 2 - ئاي غۇلجا


توردا
99سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
180 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 14:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئىركەن مەن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرىرلىرىنى بەك ياختۇراتتىم. رەھمەت سزگە

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 15:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنداق بولماق بەك تەس... ئادەم مىجەزى ئۆزگەرسە بولىشى مۇمكىن. يوللانمىڭىزغا رەھمەت !

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 16:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئىركەن، رەھمەت سىزگە، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى جىمۇ.....

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 16:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . مەن ، مۇھەممەتىجان راشىدىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياخىتۇرۇپ ئوقۇيىمەن .ئەگەر ۋاقىتىڭىز بولىسا بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . تىمىڭىزىغا كۆپ رەخىمەت . ئەجىرڭىز كەلىسۇن . داۋامىلىق تىرشىڭ .

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 17:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
138 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 16:53
بەك ياخىشى يىزىپىسز . مەن ، مۇھەممەتىجان راشىدىنىڭ ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ ھەم شۇنداق مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ شئىرلىرىغا بەك ئامراق
بۇندىن كېيىن داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 17:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئىركەن، رەھمەت سىزگە.

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 17:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dil-pirak نىڭ يازمىسى

بولىدۇ . نادىرلىرڭىزغا تەشنا ئىز .

باھا سۆز

dil-pirak رەھمەت يوللانغان ۋاقتى 2011-5-13 18:06

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 12:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ دۇنيادا بىر ئاتا _ ئانا مىڭ بالنى باقالايدۇ . لىكىن مىڭ بالا بىر ئاتا _ ئاننى باقالمايدۇ .

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 12:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
nazakat1212 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-14 12:06
بۇ دۇنيادا بىر ئاتا _ ئانا مىڭ بالنى باقالايدۇ . لىكىن م ...

راسىت دەيسىز .. خىزمىتىم بالام كالام دەيدىيۇ نۇرغۇن پەرزەنىتلەر ئانام دادام دەيدىغانلار ئاز

بىرە تېلېفون ساناتورىيە`````` ھەي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.