ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار توردىكى ئالدامچىلىق(فاتىمە)

      

كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 26
go

توردىكى ئالدامچىلىق(فاتىمە)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 00:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردىكى ئالدامچىلىق

توردىكى ئالدامچىلىق دېسەم ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا ،پۇل ياكى ھىسيات جەھەتتىكى بىر كارتىنا كىلىدۇ.ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرىمىزدە بۇ تور دۇنياسى ھەممىمىزنىڭ ئايرىلالماس قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.توردىن ياخشى پايدىلىنىپ سودا سېتىق ۋە ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلارمۇ ئاز ئەمەس،يەنى توردىن لايىق تېپىپ ئۆز بەختىنى تاپقانلارمۇ ئاز ئەمەس.شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدانلارغانمۇ ئاز ئەمەس.ئىشقىلىپ بۇ تور دۇنياسى بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئەكەلگەن بولسا ،يەنى بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلىرمىزنىڭ تۈپەيلى ئالدامچىلىق قىلمىشىنىمۇ كەلتۈرۈۋاتىدۇ.بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ھەر خىل چىرايلىق ئىسىملارنى قۇيۋالغان ساھىپجامال مەلىكە ئاق ئاتلىق شاخزادىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاخكۆڭۈل ئىمان -ئىتقاتلىق بولسا بەزىلىرى قۇيمىچى ھىسياتتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلدېغان ئادەملەر بۇلاۋاتىدۇ.بۇنداقلارنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ نۇرغۇن ھىسيات جەھەتتە ئىقتىسادى جەھەتتە بەدەل تۆلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.

ماينۇر بىلەن سەمەت مانا مۇشۇنداق تور دۇنياسىدا تۇنۇشۇپ قالغانلار.ماينۇرنىڭ توردىكى ئىسمى قار مەلىكە ،سەمەتنىڭ ئىسمى شىرىن ئەسلىمە بۇلۇپ.ماينۇر بىلەن سەمەت توردا كۈندە دىگۈدەك پاراڭلىشىپ تۇراتتى...بۇلار پاراڭلىشىش جەريانىدا بىر-بىرىنى ياختۇرۇپ قالدى.ماينۇر گەپكە ماھىر ئاغزى تاتلىق قىز ئىدى.سەمەت كەم سۆز ئېغىر بېسىق يىگىت ئىدى.مانا سەمەتكە ماينۇرنىڭ مۇشۇ تەرپى بەك يېقىپ قالغان ئىدى.ماينۇر گەپكە ماھىرلىقى بىلەن سەمەتنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان بۇلۇپ،سەمەت ماينۇرنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئاشىق بۇلۇپ قالدى.ماينۇرمۇ بۇنى سەزدى بولغاي سەمەتنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ سەمەتكە بىر تالاي ۋەدىلەرنى بىرىپ سەمەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشتى....سەمەتمۇ ماينۇر مىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ بەك ئىشەندى.بىر كۈنى ماينۇر سەمەتكە ئۇچۇر يوللاپ پۇلدىن قىسلىپ قالغانلىقىنى سەمەتنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلدى.سەمەتمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا ماينۇرنىڭ كارتىسىغا 1000 يۋەن ئۇرۋەتتى.ۋە ماينۇرغا ئۇچۇر يوللاپ قويدى.ماينۇر سەمەتكە ئۇچۇر يوللاپ بۇنچىلىك پۇلنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايدېغانلىقىنى ۋە سەمەتنىڭ ئۆزنى كۆرسىتىدېغان پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.سەمەت يەنە 2000 يۋەن ئۇردى.ماينۇر يەنە رازى بولماي سەمەتكە بەك پىخسىق ئىكەنسىز بۇنچىلىك پۇل نىمىگە يىتەتتى دىدى.

سەمەت بۇ قېتىم بەش مىڭ يۋەن ئۇردى.ماينۇر سەمەتكە تېلفۇن ئۇرۇپ سىز ماڭا ئىشەنمەيدېكەنسىز بىز كۆرىشەيلى مەن ھەممە پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرەي دېدى.سەمەت جىددىيلىشىپ ماينۇرغا سىزگە زادى قانچە پۇل كىرەك دەپ سورىدى.ماينۇر بۇنى ئۆزىڭىز بىلىڭ دەپ تېلفۇننى قويۋەتتى.بۇ قېتىم سەمەت ئىككىلەنمەيلا ئونمىڭ يۋەن ئۇردى.پۇلنى ئۇرۇپ بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماينۇردىن ئۇچۇر كەلدى.

ئۇچۇردا ماينۇر سەمەتكە بىز ئايرىلىپ كىتەيلى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ ،بىز بىر يەردە كۆرۈشسەك پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي دېدى.بۇلار مەلۇم باغچىدا كۆرۈشمەكچى بۇلۇپ پۈتۈشتى.سەمەت دىيىشكەن ۋاقىتتىن بۇرۇن باغچىغا كىلىپ ساقلاپ تۇردى.

بىر ھازا ۋاقىت ئۆتتى لېكىن ماينۇرنىڭ قارسىمۇ كۆرۈنمەيىتتى...سەمەتنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتتى.شۇ پەيىتتە ماينۇردىن ئۇچۇر كەلدى.ماينۇر ئۇچۇردا سەمەتكە:سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىساملا جىددىيلىشىپ پۇت-قوللۇرۇم تىترەپ كۆرشۈشكە جۈرئەت قىلالمايدېكەنمەن.شۇڭا بۈگۈنمۇ بارالمىدىم كەچۇرۇڭ باشقا كۈنى كۆرشەيلى دەپ يازدى.سەمەت ئاستا-ئاستا ئارقىغا قارىغاچ باغچىدىن ئايرىلدى.سەمەت ماينۇرغا رەت-رەت ئۇچۇر يوللىدى ،لېكىن ماينۇردىن جاۋاپ سادا كەلمىدى.سەمەت جىددىيلىشىپ بۇ ئەھۋالنى يىقىن بىر ئاغىينىسىگە دېدى.ئاغىينىسى بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپلا سەمەتنىڭ ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى.ئالدى-كەينى بۇلۇپ 20 مىڭ يۋەن پۇل ئالدامچى ماينۇرنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتتى.يەنى سەمەتنىڭ ھىسيات جەھەتتىكى ئالدانغانلىقى قۇشۇلۇپ سەمەتكە بەك ئېغىر كەلدى.سەمەت ئىككىلەنمايلا بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىغا مەلۈم قىلدى.

ساقچىلار تەكشۈشۈش ئارقىلىق ئالدامچى ماينۇرنى شېرىكى بىلەن قۇشۇپ قولغا چۈشۈردى.ماينۇرنىڭ قانۇننىڭ تىگىشلىك جازاسىغا ئۇچۇردى.سەمەتكە بولسا بۇ بىر قاتتىق ساۋاق بولدى.

مەنبە ئاڭلىغانلىرىم

توردا
1085سائەت 
نادىر تېما
دوست
154 
يازما
1897 
تېما
414 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 01:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا مەن ھازىر تېخى دوستۇمنىڭ مۇشۇنداق ئېشقا يولۇققانلىقى توغرىسدا ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇم
بىردەمدىلا مۇنبەر گىمۇ چېقىپ بوپتۇ ...قارىغاندا بۇنداق ئېشلار راستلا بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ جۇمۇ.

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
264 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 01:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي جەمىيئەت ، ______ زىمىن ، قارا ئادەملىرىڭگە !!!

توردا
251سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
286 
تېما
34 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 02:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سەمەت ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ بەرىبىر دۆت ئورۇنغا چۈشۈپ قاپتۇ . ئۇ شۇنچە كۆپ پۇلنى ئاشۇنداق ئىككىلەنمەيلا ، كۆرۈپمۇ باقمىغان ئالدامچى ماينۇرغا سېلىپ بېرىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلغا سىغمايدۇ .
ئالدىنىش بىلەن كۆپ بەدەل تۆلىگەن كىشى ئالداش ئۈچۈنمۇ تىرىشىپ باقىدۇ . مىنىڭچە بۇنداق تىرىشىش نۇمۇستىن ئۆلىۋالغان بىلەن باراۋەر .
ھەي ئالدامچى ماينۇر ، ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەن قانچە يىگىتنى ئوڭدا قويغاندۇ . ئۇ كاساپەتكە مەنمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن دىسە .

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 09:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن بىمەنىلىك، سەمەت دىگەن ئۇ بالا بەكلا ھاماقەت ئىكەن، شۇنداقمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ، ھازىر بىر تۇققان قان-قىرىنداشلارمۇ بىر بىرىگە ئۇنچىلىك پۇل بەرمەيدۇ، بىرىش تۈگۈل ئۆتنە بىرىپمۇ تۇرمايدۇ، ئۆزى كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر قىزغا شۇنچە ئىشىنىپ بىر مۇنچە پۇلنى چاڭگىلىغا سىلىپ بەرگەندىكىن خوپ بوپتۇ.....

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 09:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 02:42
سەمەت ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ بەرىبىر دۆت ئورۇ ...

ئۇنداقلارنىڭ قىزىققىدەك نىرى بار ؟؟؟؟ سىزمۇ يا ئالداپ باقاي دىگەنمۇ يا !!!! ( چاقچاق )

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 09:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ھازىر جەمئىيتىمىز ئەنە شۇنداق ئالدامچىلار بىلەن توشقىلى تۇردى.... ھازىر ئادەم ئۆزىگە - ئۆزى ئىشەنچ قىلالمايۋاتسا ، ئۇ سەمەتنىڭ نىمە قىلغىنى ئەمدى ؟؟؟؟؟ ئۇنىمۇ توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ ... چۈنكى كۆڭۈل دىگەن ساراڭ ئەمەسمۇ ؟؟؟ بىرسىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش بەك تەس ، شۇڭا ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت مەۋجۇت ئۇ قىزنىمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارىغاچقا شۇنداق قىلغان ..... لىكىن ئۇ قىز ئۇنڭ ئىشەنچىىسنى ناھايتى يەردە قويۇپتۇ - دە !!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا raziya827 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-22 09:51

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 10:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

رەخىمەت سىزىگە . ھەقىقەتەنىمۇ چوڭ ئبرەت بولىغدەك ئىش بوپتۇ . مەن بۇ تىمىنى كۆرۇپ نىمەديىشىنى بىللەلىمىدىم .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 10:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر بۇنداق ئىشىلارمۇ ئاز ئەمەس . تور ئالدامچىلىقى ھەمىمىزنى ساراسىمىگە سالماقتا.

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 11:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ماۋۇ سەمەتمۇ ھەددىدىن زىيادە بەك ساددىمۇ نىمە. 20مىڭ يۈەننى خەجلەپ ئۆزى تونۇيدىغان خوتۇندىن بىرنى ئالسىلا ئىش پۈتمىدىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.