كىيۇكىيۇ(QQ) دىكى ئالدامچىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ خانىملار
توردىكى كىيۇكىيۇبولسا تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا سەمىمىي دوس بولۇش، پىكىرلىشىش قۇرالى ئىدى.ئەمما بەزىلەر كىيۇكىيۇ نى باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇۋىلىپ،ئاياللارنىڭ مەلۈم ئاجىزلىقىدىن،ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ "دەردى"گە ھېسداشلىق قىلىغان،كۆيۈنگەن بولۇۋىلىپ رەزىل مەخسىدىگە يەتمەكچى بولۇدۇ.بىر قىسىم ئاياللارنىڭ باشقىلارنىڭ ۋەدىسىگە، سۆزىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قىلىش پىسخىكىسى ئۇلارنى ئويلىمىغان قىسمەتكە دۇچار قىلماقتا.قارشى تەرەپنىڭ شېرىن-شىكەر سۆزلىرىگە ئىشىنىپ،باشقىلارغا دىيىشكە بولمايدىغان شەخس مەخپىيەتلىكلىرىنىمۇ دەۋىتىپ ئۆزنىڭ كوكىلىسىنى ئەشۇ ئالدامچىلارغا تۇتقۇزۇپ قويماقتا.ئۇلاربىر مەھەل كىيۇكىيۇ دا يېقىن دوس بولۇپ ئۆتىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئالداۋاتقانلىقىنى ھىس قىلماي،پۈتۈنلەي ئىشىنىپ كېتىدۇ.
كىيۇكىيۇ دىكى ئەشۇ ئالدامچىلار ئاياللارنىڭ يولدىشى كۆپ ھاراق ئىچىپ ئورونسىز كۈندە جىدەل قىلىدىغانلىقى، يولدىشى خىزمەت ياكى تېجارەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى،ۋەياكى ئېرى باشقا ئاياللار بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقى،تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيۋاتقانلىقى،... قاتارلىق ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋىلىپ، ئۆزىنى قانداقتۇر" كۆيۈمچان، مىھرىبان" كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئايالنى ئۆزىنىڭ "قىلتىقى"غا ئاستا-ئاستا يىتەكلەپ كېلىدۇ.بولۇپمۇ ئۇلار ئۆزىدىن چوڭىراق ئاياللارنى ئالداش ئوبىيكتى قىلىدۇ.ئۇلارنى ئاسانلا قىلتاققا دەسسىتىدۇ. ***** شەھىرىدە بىر ئايال ئۆزىدىن كىچىكرەك بىر "يىگىت" بىلەن كىيۇكىيۇدا تونۇشۇپ،خېلى ۋاققىچە كىيۇكىيۇ دا كۆرۈشۈپ، سۆزلۈشۈپ،"سىردىشىپ" ئۆتىدۇ.ئۇ" يىگىت "ھەر تۈرلۈك ئۈسۈللارنى قوللۇنۇپ ئۇ ئايالنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇۋالىدۇ.ھەر قانداق ئىشى بولسا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۇرۇدۇ. ئۇ ئايالنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىشتە قېيىنىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئايال تەكلىۋىگە قوشۇلۇپ، بىر ئاشخانىدا كۆرۈشمەكچى بولۇدۇ.ئۇ ئايال ئاشخانىدا ئۇنى ساقلاپ
ئولتارسا ھېلىقى" يىگىت" كىرىپ كېلىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپلا پىچاقنى ئۇ ئايالنىڭ بېقىنىغا تېرەپ تۇرۇپ:" ئۈنۈڭنى چىقارما،بولمىسا پىچاقنى تىقىۋىتىمەن، يېنىڭدىكى پۇل، تېلىفۇن، زىبۇ-زېننەتلىرىڭنى
چىقار!" دەيدۇ. ئۇ ئايال بۇ كۈتمىگەن ئىشتىن ھاڭ-تاڭ قېلىپ قورققىنىدىن ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىدۇ، ئۇ
ئىسىگە كەلگىچە ئالدامچى ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.ئۇ ئايال شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ نەچچە ۋاقتىن بېرى ئالدانغانلىقىنى چۈشۈنىدۇ، ئەمما بەكمۇ كېچىككەن ئىدى...كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك خادىملىرىنىڭ سۇرۇشتە قىلىشى ئارقىلىق،بۇ ئالدامچىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇ ئالدامچىنى تۇتۇپ،قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ ، بىر قىسىم نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالدۇ.
يەنە بىر ئايالمۇ ئەشۇنداق كىيۇكىيۇدا تونۇشقان ئالدامچىنىڭ قىلتىغىغا چۇشىدۇ،ئۇمۇ بىر ياش" يىگىت" بولۇپ،بۇ ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن ئارازلىقىدىن ئىبارەت ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋىلىپ، تۇرلۇك يالغان –ياۋىداق ۋەدىلەر بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇۋالىدۇ. بۇ ئايال كېسەل بولۇپ ئۈرۈمچىگە داۋالانغىنى بارىدۇ،ئۇنىڭ كېسىلى ئوپىراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان كېسەل ئىدى، ئۇ 2- دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئۈچۈن بارغان ئىدى، ئۇ تۇققانلارنى ئاۋارە قىلماي بۈگۈن دوختۇرخانىغا يېقىن مىھمانخانىدا يېتىپ ئەتە بەلنىستە ياتاي دەپ ياتاققا ئورۇنلىشىدۇ.ئۇ ياتاقتا ئارام ئېلىۋاتقاندا ھېلىقى ئالدامچىدىن تېلىفۇن كېلىدۇ، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ھازىر ياتاقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ئۇ ئالدامچى :"سىز بۇ يەرگە كەلسىڭىز ، مەن ئالدىڭىزغا چىقىپ خىزمىتىڭىزنى قىلمىسام قانداق بولۇدۇ؟، سىز قايسى مىھمانخانىدا مەن ھازىرلا باراي"-دەيدۇ. بۇ ئايال رەخمەت ئېيتىپ بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىغىنى ئېتسىمۇ " ئۇنداق دىمەڭ ، تاماق يىمىگەنسىز، مەن ئاپىرىمەن،سەت بولىدۇ بارمىسام،چوقۇم بارىمەن"،- دەپ ئۇنماي تۇرۇۋالىدۇ. بۇ ئايال :"بوپتۇلا، كەلسە بىردەم پاراڭلىشىپ كېتەر"،- دەپ
ئويلاپ،ئاخىرى كېلىشىگە قوشۇلۇدۇ.ئۇ ئالدامچى تاماق كۆتۈرۈپ، ياتاققا كېلىدۇ. ھەمدە شۇنداق كۆيۈنگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى قايسىدۇر بىر ئۇستا دوختۇر بىلەن يېقىنلىقىنى ئۇنىڭغا تىلىفۇن بېرىپ ئەتىلا بەلنىسكە ئورۇنلاشتۇرۇدىغىنىنى ئېيتىپ تېلىفۇندىن تېلىفۇن نومۇرىنى ئىزدىگەن بولۇپ بۇ ئايالنىڭ ئۇخلاش كىيىمىدىكى ھالىتىنى بىر نەچچە پارچە رەسىمگە تارتىۋالىدۇ. بۇ ئايال ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن سەل گۇمانلانغان بولسىمۇ، بىر نەرسە دەلەلمەيدۇ.ئۇ ئالدامچى خوشلۇشۇپ:" مەن ئەتە كىلەي، يېنىمدا پۇل سالماپتىمەن، كىراغا پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرۇڭ"،- دەپ
بۇ ئايالدىن 20يۇەن(بەلكىم تاماقنىڭ پۇلىنى ئالسا كېرەك) ئىلىپ چىقپ كېتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن بۇ ئايالغا بايىقى ئالدامچىدىن تېلىفۇن كېلىدۇ .ئۇ تېلىفۇندا:" ھەي قېرى جالاپ، مەن ياش تۇرۇپ سەندەك قېرىنى نىمە قىلاتتىم، مەن بايا سېنىڭ نەچچە پارچە رەسىمىڭنى تارتىۋالدىم، ساڭا بىر كۈن مۇھلەت بېرىمەن، ئەتە مۇشۇ چاققىچە ماڭا .... يۇەن پۇل بەرمىسەڭ رەسىمىڭنى تورغا ، ياشلارنى ئازدۇرۇۋاتقان قېرى جالاپ دەپ چىقىرىۋىتىمەن"، دەيدۇ. بۇنى ئاڭلاپ بۇ ئايالنىڭ بېشىغا چاقماق چۈشكەندەك بولىدۇ...دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتسائۇنىڭغا بەرگۈدەك نەدە پۇلى بولسۇن؟ بۇ ئايال داۋالىنىپ بەلنىستىن چىققىچە ئۇ ئالدامچى كۈندە تەھدىت سېلىپ تېلىفۇن قىلىدۇ،بۇ ئىشنى بىرسىگە دەلەلمەيدۇ.ئاخىرى بۇ ئايال قەتئىي نىيەتكە كېلىدۇ، ئالدامچىغا:" ئەمدى يەنە تېلىفۇن ئۇرۇدىغان بولساڭ ساقچىغا مەلۈم قىلىمەن،ساڭا مۇشۇ چاققىچە ئالدانغىنىممۇ يېتەر، ئەمدى سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن.... "،- دىگەندىن كېيىن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلغان ئالدامچى
جىمىقىدۇ. مۇنداق مىساللار كۆپ.مانا بۇئەشۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىماي، باشقىلارنى دوراپ كىيۇكىيۇغاكىرگەننىڭ ئاقىۋىتى.مۇنداقلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ خىزمەت ئورىنى بار، تۇرمۇشى ياخشى
بولسىمۇ "توقلۇقتىن شوقلۇق چىقىپتۇ"، دىگەندەك بەزىسى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، بەزىسى"دەردىگە دەرمان بولۇدىغان" "ھەقەمسايە" ئىزدەپ،بەزىسى "دوسلۇرۇممۇ چ چغا كىرىدىكەن مەنمۇ كىرىپ باقسام نىمە بوپتۇ؟" دەپ كىرىپ ئەسلىدىكى پاك روھىنى بۇلغاۋاتىدۇياكى ئالدىنىپ قىلىۋاتىدۇ. ئەشۇ خانىملارغا :ياش بىر يەگە كەلگەندە كىيۇكىيۇ دانىمە بار؟ دىگۈم كېلىدۇ. يا بۇنى ئابىروي دەمدىكى،يا ئۆزىدە كەم نىمىنى ئەشۇ كىيۇكىيۇ دىن تاپىمەن دەمدىكى؟، قارشى تەرەپنى تولۇق چۈشەنمەيلاتېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى دەپ بېرىپ، دەدىنى ھارغىچە تاتىدۇ.شۇ ڭا مۇشۇنداق خانىملارنىڭ سەمىگە:" بىر ئوبدان ئائىلەڭلار، بالىلىرىڭلار بولغاندىكىن ئائىلىدىكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ،ئېرىڭلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزۈتۈشىگە پۇرسەت بېرىپ، ئىللىلق ئائىلە مىھرىدىن بەھرىمان بولساڭلار بولاتتىغۇ؟، شۇنچە ۋاخ تۇتقان ئائىلىدىن بېزار بولۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ مۇشۇ مەۋھۈم دۇنيادىكى يالغانچىلار، ئالدامچىلار ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان كىيۇكىيۇ دىن تاپقان سىز كۆرۈپمۇ باقمىغان ، چۈشەنمىگەن ئەشۇ ئىچكى سىرىنى بىلمەيدىغان ئاتالمىش"كۆيۈمچان، سۆيۈملۈك،نىجاتكار"لاردىن سىزگە نىمە ۋاپا كېلەر؟"،-دىگەننى سالغۇم كېلىۋاتىدۇ.(خېلى ئۆزىنى توختاتقان ئەرلىرىمىزمۇكىيۇكىيۇ دا "ئو" ئوۋلاپ يۈرمەكتە).نۇرغۇنلىغان ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆپ ۋاقتى كىيۇكىيۇدا ئۆتمەكتە، كېچە_كېچىلەپ ۋاڭباخانىلاردا ئۆتمەكتە. ئەشۇ ئالدانغان ئاياللاردەكلا نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئەشۇكىيۇكىيۇدىكى"مۇھەببەتلىشىش" نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە.
شۇڭا توردىكى بۇ خىل ئالدامچىلىققا ھەمىمىز تاقابىل تۇرۇشۇمىز، سەگەك بولۇپ ئەشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ نورمال تور مۇھىتىنى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.زۆرۈر بولغاندا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىپ توردىكى بۇ ئالدامچىلارنىڭ قىلمىشىغا ئاساسەن قانۇنىي جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەمىمىزنىڭ مەسئولىيىتى.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ توردىن بىلىم ئىلىش سۈپىتىدە پايدىلىنىشىغا يىتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋىتىدە ھەر قايسى تور قۇرغۇچىلىرىغا ئۆتۈنۈشۇم:ئەشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ ئاياللارنى قاقتى-سوقتى قىلىش مەخسىتىدە يوللىغان رەسىم، تېمىلىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، توردا ئىلان قىلىنىپ كېتىشگە يول قويماسلىقىڭلارنى،قەتئىي چەكلىشىڭلارنى ،تېمىلارنى تەستىقلىگەندە ئەستايىدىل بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۈز كەلتۈرۈدىغا تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقىڭلارنى سەمىيمى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا تورداشلارنىڭ توردىكى بۇ ئالاقىلىشىش، دوسلۇشۇش قۇرالىدىن توغۇرا نىيەت بىلەن سەمىمىي ھالدا پايدىلىنىشىنى،ئىناقلىقنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇشىنى،ئۇنى نوقۇل ھالدا " مۇھەببەتلىشىش سورۇنى" سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى كۆپىرەك خىزمەت، ئۈگىنىش،تۇرمۇش.. قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىشنى تەكىتلەپ قويماقچىمەن. نۇرغۇن ۋاقىتنى كىيۇكىيۇ دائىسىراپ قىلىۋەتمەي،شۇنىڭ ئورنىغا
ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق دەپ قارايمەن. مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-16 00:20
|