ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 5
go

مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات  

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
42 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 13:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ساخاۋەت دېگەن مال - دۇنيا ئەمەس ،
ئىككى كەلىمە تەسەللى - سەۋىر .

ئۆزگىگە داننى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ،
ئۆزىگە تاشنى قالدۇرار غەلۋىر .
ھارام مال - دۇنيا ئىمانغا داغ- داپ ،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات .

ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلۇغ بىر ئەسەر،
شەپقەت يەتكۈزۈش دىمەك مۇندەرىجە.
قىسمەتكە تولغان پىشانىمىزدا،
ئىلاھى شۇئار سۈزۈكتۇر شۇنچە.

ئانا سۈتىدىن باشلىنار قۇتاد،
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
ئانا مېھرىدىن كۆز ئاچتۇق تولۇق ،
باراۋەرلىكتە ئالەم يوپ- يورۇق.

يىتىم ھەققىگە چاڭ سالساق ئەگەر،
بولۇپ كەتمەمدۇق دوزاققا تۇترۇق؟!
تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلى ئادەم زات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

ئىرىقتا سۇنى بىرگە ئىچىدۇ،
بىللە تىكىلگەن سۇۋادان تىرەك،
ئەلگە بىرىمىز شۇندىلا شەربەت،
قاتارى تۇرساق ئانار دانىسىدەك.

ئىناقلىق بىلەن گۈزەل كائىنات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
ساخاۋەت دېگەن مال- دۇنيا ئەمەس،
ئىككى كەلىمە تەسەللى- سەۋىر .

ئۆزگىگە داننى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ،
ئۆزىگە داننى قالدۇرار غەلۋىر .
ھارام مال- دۇنيا ئىمانغا داغ- داپ،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

يىلغا باھانە كۆرسەتسەك بىكار،
ئۇنتۇلۇپ كىتەر كۆڭۈلدىكى داغ.
ئۇنتۇلار ھەممە، ئۇنتۇلماس پەقەت،
ساۋاپ- ياخشىلىق بىنا قىلغان باغ.

بىردەملىك ئىكەن نالايۇ- پەرياد ،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
نەغمە بولسىلا ئىچىلماس كىشى،
توقلۇق بولمىسا مېھرى- شەپقەتتىن.

تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيلى دوسىتلار،
دىللار سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببەتتىن .
نەپرەت، شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات .

ئۇز تەبىئەتنىڭ كاجلىقى تۇتسا ،
شاختىلا نابۇت بولار گۈل- چىچەك.
مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ دۇنيا ،
كىم دەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى چۆچەك .

نادانلارغىلا ئەرمەك ياغاچ ئات ،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات .
كۆكتىكى قۇشلاردەك قىلدۇرار پەرۋاز،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.

بىر كۈن ھەمراغا 40 كۈن سالام .
بۇ ئەجدادلاردىن قالغان بىر ساۋات .
بۇ ئەجدادلارغا بولسۇن بىر ساۋاق ،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-13 13:50

Rank: 8Rank: 8

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
781 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 15:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز،كىشىلەر مېھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاج~!
‹مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ~!›

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 16:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت . ( مىھر مۇھاببەت ئىنسانىغا قانات) دىگەن شئرنى مەن بەك ياخىشى كۆرمەن . قەلەم تۇلىپارڭىز ھارمىسۇن داۋامىلىق تىرشىڭ . نادىر تىمىلار بولىسا ئىزدا ئىز قالىدۇرغۇسى . سالامەت بولۇڭ

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-13 17:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
171 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 00:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ دۇنيادىكى ئنسانلارنىڭ ھەممىسى مېھرى-مۇھەببەتكە مۇھتاچ

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-8-8 11:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش aklala09980998 نىڭ يازمىسى

بۇ يازغنلىرڭىز راسلا ھەقىقەت!مەن ئەققىەت ئالەمىنىڭ قۇياشى دىگەن گەپكە ئىشىنمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 13:16

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.