ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىجادىي - كىرىشتۈرۈلگەن فىل ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ھۆرمەت قىلىڭ
كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 1
go

ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ھۆرمەت قىلىڭ

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ھۆرمەت قىلىڭ

كۆپ ھاللاردا ئەرلەر ئۆزىگە ئالاقىدار بەزى باھا ۋە سۆزلەرگە ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەرلەر توغرىسىدا سۆز بولغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم:
ئەرلەرنى يۈرەكسىز قورقۇنچاق دەپ مەسخىرە قىلماڭ. بەزى ئەرلەر قورقۇنچاق كېلىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى ئاياللار سەزگۇرلۈكى، ئىنچىكىلىگى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى ھەرگىزمۇ يۈزىگە سالماڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئەرلىك ئوبرازىمغا دەخلى قىلدى دەپ قورسىقىدا سىزگە غۇم ساقلايدۇ.
تاشقى قىياپىتىدىن قۇسۇر تاپماڭ. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى ئانچە ماختىمايدۇ. بۇنى ئۇلارنىڭ نومۇسچانلىقى دىگەندىن كۆرە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا دىگەن تۈزۈك. ئەگەر سىز ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ماختىسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، خىزمەت ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە روھلۇق، سالاپەتلىق قاتنىشالايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ باھايىڭىز ئۇنىڭغا نىسبەتەن پايدىلىق بولمىسا، ئۇنىڭدا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت شەكىللىنىدۇ.
بىر ئەرنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئەرنىڭ نەتىجىسىنى ماختىماڭ. ئەرلەرنىڭ رىقابەت ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنداقلا يېڭىلىپ قىلىشنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر دائىم باشقا بىر ئەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىگە ھەسەت قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ، بولۇپمۇ بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا بىر ئەرنىڭ نەتىجىسىنى ماختىسا، ئۇ مېنى كۆزگە ئىلمىدى ھەم قەستەن كەمسىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.
مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە كۆپ توختالماڭ. نۇرغۇن ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، باشقىلار تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتچى دەپ قارالماسلىقىنىڭ ئۆزى بىر <<غەلىبە>> ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان غەلىبە بىرەر ئىش ئۈستىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەستىن بەلكى <<مەغلۇپ بولماسلىق>> نى ئۆلچەم قىلىدۇ.
ئائىلىدىكى ئىشلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلماڭ. ئەرلەر خوتۇنىغا كۆيۈنۈپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ-يۇ، لېكىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئەرلىك ئابرويى چۈشكەنلىك دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئاقىللار تورىدى
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
254 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-27 14:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-6-5 13:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.