- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-29
- تىزىملاش
- 2010-8-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 196سائەت
- جۇغلانما
- 2225
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 833
- تېما
- 86
- توردا
- 196سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 10
- يازما
- 833
- تېما
- 86
|
بۇ تېمىنى يوللاشتىن مەقسەد ھەرگىز يۇرتۋازلىق قىلىش نۇقتىسىدىن ئەمەس، تورداشلارنىڭ ئىلمىي قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمۇلاق باش(بىراخىىكىفال)،ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، يۈزى سوقۇچاقراق (ئات يۈز )، بۇرنى ئوتتۇراھال كەڭ، لېكىن ئېگىز (قۇش تۇمشۇق بۇرۇن بىلەن تۈز بۇرۇن ئارىسىدا )، چاچلىرى قارا قوڭۇر رەڭ، قوي كۆزلۈك ، ساقال-بۇرۇتلىرى قويۇق، ئەگىم قاشلىق، تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بولۇپ، ئومۇمەن چىرايلىق كېلىدۇ. ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، تازىلىققا ۋە گىرىمغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆلىما ۋە كاسىپ كىشىلەرگە دوست ۋە ئامراق كېلىدۇ، ئىلىم-پەننى قەدىرلەيدۇ، ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى، خەير-ساخاۋەتلىك، مېھماندوست، دانا ۋە مۇلايىم سۆزلۈك بولۇپ، خۇشناۋاز، سەنئەتخۇمار كېلىدۇ. تۇرمۇشتا تىرىشچان ۋە ئەمگەكچان بولۇپ، سودا-سېتىق ۋە تىجارەتكە ماھىر، ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. ئەھلى-كەسپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قول-ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ. شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى
خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستلىك ، ئاقپىشماق ، ھال تەنلىك بولۇپ ، يۇمۇلاق باش(بىراخىكفاللىقى گەۋدىلىك)، ئوتتۇرا بوي ، بۇرنى ئىنچىكە ، لېكىن ئېگىز، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز )، چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل دولقۇنسىمان، ساقال-بۇرۇتلىرى قويۇق، قارا كۆز، قاش-كىرپىكلىرى تولۇق ، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك، بىر قوللۇق، بىر نىيەتلىك ۋە ئىتتىپاق بولۇپ ،مۇلايىم ۋە كەمتەر ، ئىشچان كېلىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھىيىتى پۇختا، دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك، ئاغزى مەھكەم ، بولۇپ، سىر ساقلىيالايدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كاسىپ-ھۈنەرۋەن، تەبىئەت ئىدرىكى پاكىز، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددى-ساددا ياشايدۇ، ھەشەمەتچىلىكنى ياقتۇرمايدۇ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تىبابەتچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ، خېرىدارلارنى رازى قىلىدۇ، شۇڭا بۇ جاي ئەزەلدىن يىپەك يولى توقۇمىچىلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى
تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىتنىك جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادلىرى دەپ قارىلىدۇ .
بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى باش سۆڭىكى يۇمۇلاقراق، چاچ-ساقاللىرى قويۇق ۋە قارا، بۇرنى ئىنچىكە، لېكىن ئېگىزرەك(قاڭشالىق)، بۇغداي ئۆڭلۈك، قوي كۆزلۈك، ئوتتۇرا بوي، بەدەن مۇسكۇللىرى چىڭ، يۈزى سوقىچاقراق (ئات يۈز)، كۆزقارچۇقى ئۆتكۈر، ئەگمەقاش، قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كېلىدۇ.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ۋە پەم-پاراسەتلىك بولۇپ، ئىلىم –مەرىپەتنى ؿقەدىرلەيدۇ ؿۋە ھۆرمەتلەيدۇ، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، جاپا-مۇشەققەتتىن زارلانمايدۇ، بەلكى ئۆزئەقلى پاراسىتى ۋە كۈچىگەتاينىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن.
ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆزئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشايدۇ. قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزئارا ئىزدىشىپ بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ. يوقسۇللىرىغا خەير-خاھلىق قىلىدۇ.
تىجارەت ۋە سودا –سېتىققا ؿكامىللىقىؿ، سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى، ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى، كەمتەرلىكى ۋە سىڭىشچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خاراكتىرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق، ئەمما سەل-پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كېلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمۇلاق، يۈزى كەڭ ۋە گۆشلۈك، چاچلىرى قارامتۇق ۋە دولقۇنسىمان، قوي كۆزلۈك ،ۋە ئارىلاشما كۆزلۈك، لېكىن يۇقۇرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال-بۇرۇتلىرى ئوتتۇراھال، بۇرنى ئادەتتە كەڭرەك ۋە تۈز، پىشانىسى كەڭ بولىدۇ.
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خاراكتىر جەھەتتىن توغرا( تۈز )، ئاددى-ساددا، يۇۋاش، مۇلايىم، كەمتەر، شۈكرىچان خەلقتۇر. دېھقانلىرى كۆپ، ھۈنەرۋەن كاسىپلىرى ئاز، سودا تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ. ھۈنەر كەسپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانلىرى مېھماندوست بولۇپ، پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس. ئۇلار سەنئەنتخۇمار بولۇپ ئەر-ئايال توپلىشىپ مەشرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن .
ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل، بۈكباراقسان شەھەر بولۇپ، ئېلىمىز بويىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا مۇشۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر .
"ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى" دېگەن كىتابتىن |
|