ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىجادىي - كىرىشتۈرۈلگەن فىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى
كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 0
go

ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 15:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇلى
ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى
ئوسما قويۇش

ئوسما بىر خىل تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، خانىم-قىزلىرىمىز ھېلىھەم ئۇنى پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئوسما قۇيۇش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل جامالىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام تېنىدە ساپ ئەقىل ھاسىل قىلىدۇ. ئوسما تەبىئەت جەھەتتىن ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قاشنى قارايتىش، قاشنى قۇيۇقلاشتۇرۇش، قاشتىكى تېرە ۋە تۈك بەزلىرىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش، قاپاق ۋە قاپاق قىرلىرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. ئوسما ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە تەسىرى بىلەن چاش چۈشۈش، چاش كېپەكلىشىش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش ۋە بىر قىسىم بوغۇم ئاغىرىقلىرىغا سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ.

قۇلاق تېشىش:

قۇلاق تېشىش يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدىن كىچچىككىنە تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا زىرە-موچاققا ئوخشاش چىرايلىق مېتال بۇيۇملارنى ئاسىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى قۇلاق تەشتۈرۈش ھالقا سېلىش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تاشقى كۆرىنىشىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. قۇلاققا كۆزنىڭ كۆرۈش پەردىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە غىدىقلاپ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كۆزنى روشەنلەشتۇرۇپ، ھەر خىل كۆز كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇلاققا ئېسىلغان بۇيۇملار ئۆزىنىڭ خاس تەسىرى بىلەن يۈرەك، مىڭە، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارغا شىپا بېرىدۇ. يەنى ئالتۇن ھالقىدىكى ئالتۇن يەرلىك ئورۇنغا قان-تۇمۇر، نېرىپ ۋە تېرىلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ خاس تەسىرىنى بېرەلەيدۇ. ئەرلەردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاجىزلىشىش، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ھادسىسىنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ كۆرىلدىغانلىقى، كۆزەينەك تاقايدىغان 64 نەپەر ئەر، 36 نەپەر ئايال بولىدىغانلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلايدۇ.

دوپپا كىيىش:

دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل باش كىيمى بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن تۆت قىرلىق پىرامىدانىڭ گېئومېتىرىيەلىك قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدۇ. دوپپىنىڭ تۆت قىرلىق بولىشى كىشلەرنىڭ مىجەزىنى ئايرىشتىكى، شۇنداقلا تىبابىتىمىزنىڭ ئۇلى بولغان چوڭ ماددىدا، تۆت خىل مىزاجى، تۆت خىلتىنى ئىبارەت تۆتلىككە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ساقلىنى ساقلاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دوپپىنىڭ باشتىكى ھەر خىل پەللىلەرنى، سەزگۈ ۋە ھەركەت ئەزالارنى غىدىقلاپ، باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، باشتىكى نېرۋا ۋە قان تۇمۇرلارنى ئاسىراش، تىنىچلاندۇرۇش رولى بارلىقى ئېنىقلاندى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە دوپپا كىيىدىغان كىشلەرنىڭ باش ئاغىرىقى، مېڭە-قان تۇمۇر قاتارلىق نېرۋا كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز بولىدىكەن. يېقىندا بەزى تەتقىقاتچىلار تۆت قىرلىق پىرامىدا شەكىلدە تەسىر قىلىپ، تۆت ياققا چېچىلىش ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ، دوپپا كىيىدىغان ۋە دوپپا كىيمەيدىغان كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى چاشنىڭ چۈشىشى، ئاقىرىشى بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلاردا كۆرۈلۋاتقان سەۋەپسىز چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ھادىسلىرىنىڭ تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ كېسەللىكلەرنىڭ دوپپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتە بەلگىلىك يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويدى.

پۇتا باغلاش:

پۇتا ئادەتتە تۇننىڭ سىرتىدىن باغلىنىدۇ. ئۇ كىشلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە ماددى بۇيۇملارنى قىستۇرۋالىدىغان بۇيۇملا بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى بەلنى ئىسسىق تۇتۇپ، بەدەننى، بۆرەكنى سوغۇقتىن ساقلايدۇ. پوتىلار ئادەتتە ئىسسىق تەبىئەتلىك بولغان ھايۋانلارنىڭ يۇڭىدىن ۋە تېرىلىرىدىن، بۆرە تېرىسى، ئىت تېرىسى، تۆگە، قوي يۇڭلىرىدىن ئىشلىنىدۇ. دىمەك پۇتا باغلىغاندا بۆرەككە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. بۇنىڭ ئاساسى تىبابىتىمىزنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، پۇتا باتا باغلاشنىڭ ئادەم ساقلىنى ساقلاش بولۇپمۇ بۆرەك خىزمىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز. بەدەندىكى مۇھىم ئەزا ھىساپلانغان بۆرەك ئۇستى بېزى پۇستىلىقى بەدەننىڭ بەل قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بەدەن ۋە بەدەننىڭ بەل ساھاسى ئىسسىق بولسا، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستىلاق ماددىسى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى نورمال بىجىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى نورمال بولۇپ، سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

مەنبە :
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-6-5 13:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.