ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىجادىي - كىرىشتۈرۈلگەن فىل لوقمان ھېكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان 100 نەسىھ
كۆرۈش: 484|ئىنكاس: 5
go

لوقمان ھېكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان 100 نەسىھ

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 15:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
لوقمان ھېكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان 100 نەسىھىتى
1.ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن. 2.كىمگە پەندى -نەسىھەت قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئەمەل قىل. 3. سۆزنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل. 4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل. 5.ھەممىنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى ئاڭلا. 6.سىرىڭنى مەخپى تۇت. 7.دوستنى قىيىن كۈنلەردە سىنا . 8.رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول. 9.دوستنى پايدا ۋە زىيان ئالدىدا سىنا. 10.دانا ۋەزېرەك ئادەملەرنى دوست قىلىپ تاللا. 11.ياخشى ئىشقا قاتتىق بېرىل 12.ئايال كىشىگە قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە. 13.ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل. 14.سۆزنى دەلىل - ئىسپاتى بىلەن سۆزلە. 15.ياشلىقنى غەنىمەت بىل. 16.ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى قىل. 17.دوست-بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل. 18.دوست-دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت. 19.ئاتا- غەنىمەت بىل. 20.ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىن ئەزىز دەپ بىل. 21.خىراجەتنى كىرىمگە قاراپ قىل. 22.ھەرقانداق ئىشتا خالىس يول تۇت. 23.ئالىيجاناپلىقنى ئۆزىڭگە شوئار قىل. 24.مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل. 25.بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل. 26.كىيىملىرىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت. 27.جامائەت بىلەن ھەمدەمدە بول. 28.پەرزەنتىڭگە ئىلىم -ئەدەپ ئۆگەت. 29. ئىلاج بولسا،پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت. 30.ئاياغ كىيىمنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي،يېشىشنى بولسا سول پۇتتىن باشلا. 31.بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ. ئاشۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل. 32.كېچىسى گەپ قىلساڭ،ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە. 33.ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل. 34.ئۆزۇڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە راۋا كۆرمە. 35.ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ، چارە -تەدبىر تېپىپ ئاندىن قىل. 36.ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما. 37.خوتۇن بىلەن بالىغا سىر ئېيتما. 38.ئادەملەردىن ياخشىلىقنى تەمە قىلما. 39.پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە بىيىت: ئادەمدە بار تومۇر ئۆزى ئۇچ يۈز ئاتمىش، ئۇلاردىن بىر تومۇر يامان بولمىش. 40.ھەرقانداق ئىشتا بىپەرۋا بولما(ھەرقانداق ئىشتا بىغەملىك قىلما). 41.قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما. 42.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما. 43.ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاخچاق قىلما. 44.ئۆزۇڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما. 45.ئاممىغا (بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە) يامان كۆرۇنمەسلىككە تىرىش. 46.ھاجەتمەن كىشلەرنى نائۈمىد قايتۇرما. 47.ئۆتكەن كۆڭۈلسىز جېدەلنى ئەسلىمە. 48.باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارلاشتۇرىۋالما. 49.قانچىلىك بايلىقىڭنىڭ بارلىقىنى دوست-دۈشمەنلىرىڭگە بىلدۈرمە. 50.قېرىنداشنى(تۇغقان) قېرىنداشتىن ئايرىما. 51.ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما. 52.پەقەت ئۆزۇڭنىلا ئويلىما. 53.كۆپچىلىك ماڭغان بولسا،سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش. 54.بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنىڭغا تەگكۈزمە. 55.ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كوچىلىما. 56.ئېغىز ۋە بۇرۇننىڭ سۈيىنى قاتتىق ئاۋاز بىلەن تاشلىما. 57.ئەسنىسەڭ ، قولۇڭ بىلەن ئېغىزىڭنى ياپ. 58.ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە. 59.بارمىقىڭنى بۇرنىڭغا تىقما. 60.جىددى سۆزنى چاقچاققا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمە. 61.بىراۋنى بىراۋنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلما. 62.قاش -كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما. 63.ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما. 64.باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان. 65.ئۆزۇڭنى ۋە يېقىن دوستىلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما. 66.ئۆزۈڭنى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىما. 67.بالىلىرىڭ نىمە دېسە ، ئۇنى قىلىۋەرمە. 68.تىلىڭنى ئايا. 69.سۆزلەۋاتقىنىڭدا قولۇڭنى شىلتىما. 70.ھەممە ئادەملەرنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما. 71.ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن سۆھبەتداش بولما. 72.ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاش بىلەن يادلىمىغىنكى، بۇنىڭ پايدىسى يوق. 73.ئىلاجنىڭ بېرىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما. 74.باشقىلارنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنى سىنىماقچى بولما. 75.ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما. 76.ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە. 77.ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما. 78.مال-دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۇڭنى قىيناپ يۈرمە. 79.ھەركىم ئۆزىنى تونىمىسا ، سەن ئۇنى تونىغىن. 80.ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل. 81.ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى ئېيتما. 82.قۇياش چىققۇچە ئۇخلىما. 83.ئادەملەر ئالدىدا يالغۇز نەرسە يېمە. 84.چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ گەپ قىلما. 85.باشقىلار سۆزلىشىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قوشۇق سالما. 86.بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما. 87.كوچىدا ئەلەڭ-سەلەڭ يۈرمە، بەلكى ئۇدۇلغا بېقىپ يەرگە قاراپ يۈر. 88.ئىلاجنىڭ بېرىچە ياۋداق ئۇلاققا مىنمە. 89.مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھىرىڭنى چاچما. 90.مېھماننى ئىشقا بۇيرىما. 91.دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە. 92.مەھەللىدىكى بىكارچى ۋە بەڭباشلار بىلەن ئولتۇرما. 93. پايدا -زىيان قوغلىشىپ، ئابرويىڭنى تۆكمە. 94.مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما. 95.ئادەملەرنىڭ ساڭا خۇشامەت قىلىشىدىن قاچ. 96.جىدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر. 97.پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە. 98.ئۆزۈڭنى بەكمۇ خار قىلماسلىققا تىرىش. 99.ئۆزۈڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇت. 100.خۇدادىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ، كىچىكلەرگە شەپقەت،دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت،دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش، دۈشمەنلەرگە يۇمشاقلىق ، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشىتىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا،بىراۋنىڭ مال-دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە. لوقمانىي ھېكىم يەنە دېدى: نەسىھەت بابىدا ئۇچ مىڭچە سۆز يازدىم، ئۇچ مىڭدىن ئۈچ كەلىمە سۆزنى تاللىدىم. بۇ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئېسىڭدە ساقلا، بىرىنى ئۇنتۇپ كەت، يەنى خۇدانى ۋە ئۆلۇمنىڭ ھەقلىقىنى يادىڭدا تۇت، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقنى ئۇنۇت! يەنە دېدى: جىملىقتا يەتتە خاسىيەت بار. 1.ئۇ_ زىبۇ -زىننەتسىز گۈزەللىك؛ 2.سەلتەنەتسىز ھەيۋە قۇدرەت؛ 3. مىھنەتسىز ئىبادەت؛ 4.سېپىلسىز قەلئە؛ 5.ئۆزىردىن قۇتۇلۇش؛ 6.پەرىشتىدەك ئازادلىق؛ 7.ئەيىپلەردىن خالىيلىق؛
مەنبە : لەززەت سىرلىرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
223 
تېما
22 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 16:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە بىر ئەقىل تاپقاندەك بولدۇم...رەھمەت سىزگە...
بارلىقىم ئاتا-ئانام ئۈچۈن...

توردا
196سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
833 
تېما
86 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 17:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرزىمەيدۇ

توردا
215سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
558 
تېما
67 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-27 19:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇلارنى بۇرۇن ئاڭلغان، كەڭ تۇرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغانغانلىقىڭىزدىن خۇشال مەن ... يەنە بولسا ئايماي يولاسىز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
487 
تېما
244 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 00:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

لوقمان ھېكىمنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان 100 نەسىھ

مۇشۇنداق ياخشى نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلغان ئادەمنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرىشىدۇ... تېمىڭىزغارەھمەت~!

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-9-28 12:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ مۇھىم ئىشلار ئىكەنغۇ بۇلار......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-6-5 13:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.