ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇرلاردىكى(ياڭاق تائاملىرى)نى بىلىۋېلى
كۆرۈش: 631|ئىنكاس: 13
go

ئۇيغۇرلاردىكى(ياڭاق تائاملىرى)نى بىلىۋېلى

توردا
15سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
92 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 19:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۇيغۇرلاردىكى(ياڭاق تائاملىرى)نى بىلىۋېلىڭ !




خوتەن خەلقى ياڭاقنى ئايرىم ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ياڭاق خام ئەشيا قىلىنغان تۈرلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :
كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .
كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .
كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ،سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .
ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .
ياڭاق نېنى: ياڭاق، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ. بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ. ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .
ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ. سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .


«خوتەن گېزىت»ىنىڭ 2007-يىل 6-ئاۋغۇست سانىدىن ئىلىندى .


مەنبە؛بىلىك مۇنبىرى

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1288 
تېما
30 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 19:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوتەندە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا ياڭاق مانتىسى يەپ باققانتىم،يەنە يىگۈم كىلىپ شۇ يوق يەي دىسەم بۇ يەردە،،ئەمما ياڭاق دىگەنى دەھشەت يەپ قويىمەندە،،

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 20:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياڭاق بولىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرسى ئىسىلنىڭ ئىسىلى دەڭە!!

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 20:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ھازىر ئۇنداق تاماقلارنى كۆپ ئۆيدە ئىتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ!

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 20:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

(0999) نىڭ تىمىسىغا قايتىش

ئەدەمنىڭ يىگۈسىنى كەلتۈرۈپ قارىغاندا سىز ئىتەلەيدىغان ئوخشايسىز!
ئىپتارلىق چاقىرامسىز يە- مۇنبىرىمىزدىكى بالىلارنى
ساۋاب بولاتتى!

توردا
528سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
162 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 21:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇتەننىڭ ياڭاق تائاملىرى تەمى ئۆزكىچە ..ئەممە ئۇ يەي دىسە تاپقىلى بولمايدۇ .. چۇقۇم كەسىپلەشتۇرۇپ
ئاشخانا ئىچىلسا چۇقۇم بازار تاپاتتى ئەپسۇس ئۇنى قىلغىلى ئادەم يوق تۇرسا

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1151 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم.ئۇنداقتا يەنە بىز ئاڭلىمىغان نۇرغۇن تائام تۈرى يوق بوپ كەتكەن بولغىيمىتى؟

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
702 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 23:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بەزىلىرىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن . ھالىم تايىنلىق ئوخشايدۇ جۇما . تۈزىتەي تۈزىتەي .

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 23:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ تۇنجى قىتىم ئاڭلىدىم ،خەپ؛ خوتەنگە بارغاندا بىر تىتىپ؛ باقمىسام ........
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
56سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
174 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-30 08:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم؟ بەك ياخشى يېزىپسىز ئازبىر قىسىم تاماقلارنى يىمەپتىكەنمە رەھمەتسىزگە كىيىنچە يەۋالارمەن........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.