ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش ئادەتلىرى
كۆرۈش: 581|ئىنكاس: 9
go

ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش ئادەتلىرى

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 11:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش ئادەتلىرى

بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا ) يەتكەندە ، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى . ئۇچىسىغا ( يەڭ ، ياقا ، پەۋازلىرىغا ) گۈل ، چىلتەك - جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى . بىلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى . ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى . پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال - بۇرۇت قويمايتتى .

يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، بېشىغا چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىنى بېشىنىڭ ياڭشىقىغا ( بېشىنىڭ يان تەرىپىگە ) كىيىۋالاتتى . ئۆرە ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقنى تۇمارچە (ئۈچ بۇرجەك) شەكلىدە يانپاش سۆڭگىچىنى باستۇرۇپ چىگىۋالاتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىسىنى ئىككىلىك قايرىپ ، قونجىغا غىلاپلىق پىچاقنى قىستۇرۇۋالاتتى . ئۆتۈك ئىچىگە تىزىنى يىپىپ تۇرىدىغان كەشتە پايپاق كىيىۋالاتتى ھەم بۇرۇت قويۇۋالاتتى .

ئەرلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ، بۇرۇتىدىن باشقا يەنە داقال قوياتتى . بېلىگە قىزىل ياكى جىگەر رەڭلىك پوتا باغلايتتى . ئۆتۈكنىڭ قونجىنى يېرىمىغىچە قايرىۋالاتتى . غىلاپنى پوتىسىغا ئېسىۋالاتتى . رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيەتتى .

بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق : " داقال " ---- ئۇنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى . " پوتا " ---- ئۇنىڭ رەسمىي ئەر بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى . " پوتا " ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . غىلاپنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىشى --- ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ، بالىلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەتتى . كىيىملەرنىڭ تۇتۇقراق رەڭلىرى بولسا ، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ .

ئەرلەر بالا - چاقىسى كۆپەيسە " قارا ساقال ئەر " دەپ ئاتىلىدۇ . ساقال قويىدۇ ، بېشىغا سىدام ياكى تۇتۇق رەڭدىكى گۈل كەشتە قىلىنغان دوپپىلارنى ، كۇلا - تۇماقلارنى كىيىدۇ . ئۇچىسىغا يان ئىزمىلىق ياكى قاپ شەكىللىك ، تىك ياقا كۆڭلەك كىيىپ ، بېلىگە پوتا باغلايتتى . پۇتىغا قىشتا ئۆتۈك ، باجىڭگىر ، يازدا شىۋەك كىيەتتى .

بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: سىدام دوپپىسى ---- ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى ؛ ساقال --- كۆپ بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ؛ تىك ياقىلىق قاپ كۆڭلەك --- تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ رىجىمىغا ئېلىنغانلىقىنى ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى .

ياشانغان ( 45 ياشتىن ئاشقان ) ئەرلەر بېشىغا يازدا سىدام دوپپا ياكى شاپاق دوپپا ، كۈزدە ياكى قىشتا كەمچەت تۇماق كىيەتتى . ئۇچىسىغا يازلىقى يەكتەك ، قىشتا پىرىجە ( تون ) ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيەتتى . ياشانغان ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىيىنىش ئادىتى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت .

ئاياق كىيىملىرى

1 . چورۇق : چورۇق ---- كالا ، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ خام تېرىسىنى پۇتقا ماس كەلگۈدەك كېسىۋېلىپ ، چۆرىسىگە تۆشۈك ئېچىپ ، تاسما ، شوينا قاتارلىق ( بوغقۇچ ) نى ئاشۇ تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، پۇتقا چىڭ باغلىۋالىدۇ ، پۇت تەبىئىي قىلىپ ) مودېل ) بولىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمىنى كىشىلەر " چورۇق " دەپ ئاتايدۇ .

2 . ئۆتۈك : ئۆتۈك --- ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىيىپ كېلىۋاتقان ئاياق كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ ، ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن - خۇرۇم ، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ . ئۇنىڭ ( ئەرەنچە - ئايالچە ) نۇسخىلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ . ئۇنىڭ يەنە قىشلىق - يازلىقلىرى پەرقلىنىدۇ . قىشتا كىيىدىغانلىرىغا ( ئەستىرىگە ) نېپىز تېرە ياكى كىگىزلەر قات قىلىنىدۇ . كۈزدە كىيىلىدىغانلىرى يالاڭ تىكىلىدۇ . ئايالچە ئكتۈكلەرنىڭ پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ . رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ . سىپتا تىكىلىدۇ . قونجى ۋە باش قىسمىغا تىكمە ، باسما ھەم چاپلىما قىلىپ ، ھەر خىل نۇسخىدىكى گۈل - نەقىشلەر قىلىنىدۇ . ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئومۇميۈزلۇك كىيىدۇ . ئۇنىڭ يەنە ، قىشلىق كىيىلىدىغان ، يۇڭدىن ئىشلىنىدىغان " كىگىز ئۆتۈك " دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈرىمۇ بار .

3 . مەسە - پايپاق : مەسە پايپاقلار ئاساسەن ئىچكى ئاياق كىيىم ھېسابلىنىدۇ . كۆن - خۇرۇم ۋە بۇلغاردىن تىكىلگەن پايپاقلارنى " مەسە " دەپ ئاتايدۇ . ئۇ يەنە " ئۆتۈك مەسە " ۋە " پايپاق مەسە " دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . پايپاق مەسىلەر ، ئۇزۇن قونجىلىق ، كالتە قونجىلىق قىلىپ ، نېپىزرەك ماتىرىياللاردىن سىپتا قىلىپ تىكىلىدۇ ، ئاقۇرت قويۇلمايدۇ ، يۇمشاق بولىدۇ . ئۇنى ياز ، كۈز - ئەتىيازلىقى كىيىدۇ .

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
149 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 13:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز مۇشۇتىمىدىكى تەتقىقات ماقالىسى يازغاندا مەنمۇ بۇ مەزمۇنلارنى ئانچە مۇنچە كۆرگەن . رەھمەت .

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 13:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاراپ تۇرۇڭ ئاللاھ خالىسا يەنە 5-10 يىلدىن كىىين مودا بولىدۇ!
سىز بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىڭ ھەرقانداق نەرسە تەرەققى قىلىپ ئۆز ئسلىنى تاپىدۇ!
مىڭ ئەزىز بولغاننىڭ بىر خار بولمىقى بار
مىڭ خار بولغاننىڭ بىر ئەزىز بولمىقى بار

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 15:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ، ئۈتەك ، چۇرۇقلارنى كىيىگەن ۋاقىتلارنى ناھايىتى كىچك ۋاقىتلاردا گۆرگەن بولسام كېرەك ، ئىشقىلىپ كۆرگەن يادىمدا ، بەلكىم ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئەقىل مىۋىلىرنىڭ بىرسى بولسا كېرەك . مەسىلەنگە چۇرۇقنى ئېلىپ ئېيتساق ، چۇرۇق كىيىگۈچى چۇرۇقنى ئۆزى تىكىپ كىيەلەيدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئاتىلىشىىمۇ يۇقاپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، بەلكىم 2000-يىلىنىڭ كەينىدە تۇغۇلغان بالارغا چۇرۇق دىسەك نىمە ئۇ دىيىشى مۇمكىن .
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 17:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چوقۇم تەرەققى قىلىدۇ

توردا
200سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1399 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-22 22:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

2-قەۋەت(520Studios) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

توغرا گەپ

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 13:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق

توردا
93سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
139 
تېما
27 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 14:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جەمىيەت تەرەققى قىلىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەندە كەينىگە يانىدۇ ..................مەسلەن ھەمىمىز بىلمىز ئاسەملەر ئىپتىدايى دەۋىردە يالىواچ ياشىغان ئىدى ھازىر تەرەققى قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندەك قىلدۇ ..... سىلەرمۇ كۆرىسلەر كىيىملەر قىسقىراشقا قاراپ يۈزلىنۋاتىدۇ بۇنى بەزىلەر مەدىنيەت دەپ قاراۋاتىدۇ مەن بۇنى مەدىنيەت ئەمەس بەلكى ئىپتىدايىلىققا قايتقانلىق دەپ قارايمەن ھەم سىلەرمۇ شۇنداق ئويلايسىلەرغۇ دەيمەن

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-28 23:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-29 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇشۇنداق دەپ قارايمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.