- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-26
- تىزىملاش
- 2010-4-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 162سائەت
- جۇغلانما
- 775
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 169
- تېما
- 121
- توردا
- 162سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 8
- يازما
- 169
- تېما
- 121
|
دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى
(ئەبجەشنامە )
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زىمىن ،ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇردى .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىگىدىكى يۇلتۇزلار....سۈنئىي ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرىنى چارلاپ ،يەر يۈزىنىڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى .
ئەسۋاپلار شۇ قەدەر نازۇك ،يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى ،ئىچ - باغرىمىزدىكى ئاينىشلار ،قان تىپلىرمىز ،گېن تۈزۈلىشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا .ھەر بىر بوسوغا ،ھەر بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇننى قوشىدۇ .بارغانسېرى كارتىلارغا ئايلاندىم ،كارتىلار مېنى توشۇماقتا .
تېلىفۇن ... تېلىفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم ،كىملەردۇ مېنى سۆزمەكتە لېكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق .
يالغۇزلۇق ،ھېچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمگە قېپقالدى .
مەنپەئەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى . يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى ، ئاندىن پاي چېكى ،مۇھىت كرىزىسى ، تېررورىزم ھەققىدە گەپ قىلىشتى .
دەل شۇ ۋاقىتتا ، ئوقۇش يېشىدىكى گېزىتچى بالىلار تېررورىزمنى باش ماقالەقىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتىشىۋاتاتتى .
دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتىۋېلىپ ،يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى .ئۇنىڭ يېتەلىگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى .ئۇ ، چەملەرنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى .
كىتاپ كۆتۈرۈپ رەستىدە كېتىۋاتقاندىم ،رەستە بويىدىكى بىر تىلەمچى يېنىدىكى بىر تىلەمچىگە مېنى كۆرسىتىپ تۈرۇپ بىر نېمىلەرنى دېدى . ئۇلار كىر چىرايلىرنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلدى . مەن ئۇلارغا ھومايدىم .
ــ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ،باق ئالمىغاندىكىن كۈلىۋەردۇق .
مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ئۇلارغا قاراپلا قالدىم .
ــ بىز ئەرزىمەس ئادەملەر ،ــ دېدى ئۇلارنىڭ بىرى ،ــ ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ ئالىجانابلار ئۈستىدىن كۈلۈش ھوقۇقى بولار !؟
ــ ئەمىسە نىمىگە كۈلدىڭلار ؟
ــ كىتابمۇ كۆپىيىپ كەتتى ،بىزمۇ كۆپىيىپ كەتتۇق .سىز بۇنى كىتاب ئارقىلىق داۋالىيالامسىز ؟
مەن يەنە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم .
ــ كىتاب ئالغان پۇلغا بىزدەك تىلەمچىدىن نەچچىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولار ؟ ــ دېدى يەنە بىرى .
ئۇلار تىلەمچى بولغاچقا مۇتەپەككۇر بولغانمۇ ياكى مۇتەپەككۇر بولغاچقا تىلەمچى بولغانمۇ ،بۇنى ئايرىيالمىدىم .دەماللىققا گاڭگىراپلا قالدىم .قانداقتۇر بىر كۇچ مېنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇردى .
ــ يۇرتىمىزدىن ئېقىپ چىقتۇق .تىلەمچىلىك قىلىپ تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا چاقچاق قايتۇرىۋاتىمىز ،ــ دېدى بىر تىلەمچى .
ــ ھار ئېلىۋاتقانسىلەر ، ھەقىچان ؟ــ سورىدىم مەن .
ــ ھار ئېلىپ قانداق قىلاتتۇق .ھازىر كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى !
ــ ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرىدۇ دېگەن گەپ بار ، ــ دېدىم مەن .
ــ نومۇس !؟ ــ دېدى بىراقلا ئىككى تىلەمچى ،ــ بىز نومۇس دېگەن گەپنىڭ نېمىلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتۇق .بىزنىڭ نومۇسىمىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۆلگەن .
ئەندىكىپ كەتتىم .نومۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنى تار رەستىدىكى مۇنۇ تىلەمچىلەردىن ئاڭلاپ قېلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن .
بۇ مەن ئاڭلىغان ئاچچىق ،ئەمما دىلكەش بىر پاراڭ بولدى .ھەشەمەتلىك داستىخانلار سىپايە گەپلەر ، ئەدەپ، تەكەللۇپ ،تەۋازۇ بىلەن توشۇپ كېتىپ ، نەق گەپلەرنى تاپقىلى بولماس بوپكەتتى. شېرىن تائام ،شېرىن كالاملاردا نە كۆڭۈلنىڭ رىزاسى ،نە قىسمەتنىڭ داۋاسى ،نە ئازادىلىك ھاۋاسى !!!
كرزىسلىك خىياللارغا پېتىپ يۈرگىنىمگە ئۇزاق بوپكەتكەندى . سائەت -سائەت ئولتۇرۇشلاردا قەلب دېگەن نېمە يوق ،پەقەتلا تەخسىدە ئىسكىلىتى كۆرۈنۈپ قالغان بېلىق ،تەبەسسۇملاردە مېھىر يوق ، پەقەتلا ئۇ بىر ئادەت . سەمىمىي قەلب ئىزدىگەنلەر كور ،ئۇلار سېنىڭ سەمىمىي قەلبىڭنى دەسسەپئۆتۈپ ھارامدىن لوقما ئىزدىشىدۇ .كۆز يېشىغا باي ئاياللار ھەرگىزمۇ ئالدىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىنى كۆرەلمەيدۇ ،ئۇلارنىڭ بىقارار كۆزلىرى يىراق - يىراقلارغا تەلمۈرۈپ جۇلاسىدىن كېتىدۇ . سۆلەتلىك يىگىتلەرنىڭ لەۋزىدە سالماق يوق ،باتۇرلارنىڭ ئەرۋاھى يىراقلارغا كۆچمەكتە .
ئېرىشىش قىيىن ،ئېرىشەلىگەننىڭ قىممىتى يوق . زامان مۇئەككەللىرى چېكىتى يوق تارازىلارنى كۆتۈرۈپ بازار ئارىلاپ يۈرۈشىدۇ . جانانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈلكىسى سېنىڭ ئەتىكى ئوغاڭ ،مۇھەببەت خەتەرلىك ئويۇن ... شائىرلىقىمغا سۇئال قويۇۋېدىم ، ئۇ ، سۆزلەرنى سەپكە تىزدى :
شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق ،
باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى .
ھېچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق ،
پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى .
تەمەئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە ،
سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى .
ئۆزگىرىپ تۇردى يارنىڭ قارارى ،
جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى .
مىھراپتىن چايان چىققىنى قىزىق ،
پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى .
دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتېۋار ،
ساراڭ ساراڭغا ئوخشىماي قالدى .
ئېشىڭنى يەپمۇ بېشىڭنى يەيدۇ ،
بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى .
ئۆيگە يېتىپ بەردىم .كېچە ، ھەممە ياق جىمجىت ، ئۆزۈمنى تىڭشاپ ئولتۇرىمەن . ئېسىمگە بىر جۈملە سۆز كېلىۋېدى ، شۇ پېتى خاتىرلەپ قويدۇم : نومۇسنى بىلمەسلىك قورقۇنچلۇق ، لېكىن نومۇسنى بىلگەن تۇرۇغلۇق ،نومۇس قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ قورقۇنچلۇق .
بۇ ،تىلەمچىلەرنىڭ سۆزىدىن كېيىن مىڭبىر ئويلىنىپ تاپقان يەكۈن بولدى . ئويلاپ باقسام ،كوچىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنىڭ يىلتىزى بىر ئىكەن . قارىغاندا ، نومۇسنى قايرىپ قويۇش ئەخلاقى راۋۇرۇس مودا بوپقاپتۇ .
قىزىمنىڭ بىر سۇئالى ئېسىمدىن كەچتى .ئۇ تۇرغان توختەمۇفنىڭ <نوزۇگۇم >ناملىق تارىخي رومانىنى ئوقۇۋېتىپ ، شۇنداق سورىغاندى :
__ نوزۇگۇمنى چىڭ لەشكەرلىرى تۇتىۋېلىپ ھېيتگاھ ئالدىدىن ئېلىپ ماڭسا ، كىشەنلەنگەن نوزۇگۇمنى كۆرگەن ئون مىڭلىغان ئامما قاراپ تۇرىىدىكەن ،ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش پەقەت ئۇنىڭ ئاشىقى باقىنىڭلا ئىشى بوپقالىدىكەن .بۇنداق ئەھۋال ئەسىرلەر سېپى ئاقسۇدىن ئوتۈپ ،ئىلىغا بارغىچە داۋاملىشىدىكەن .پەقەت ئۇلارغا ئىچى ئاغرىغان نەچچە ئون دەرۋىشلەرلا ئەگىشىپ ماڭىدىكەن .بىچارە نوزۇگۇمغا ياردەم قىلىدىغان تۈزۈك ئادەم چىقمايدىكەن . دادا ، زادى تارىخنىڭ ئۆزى شۇنداقمۇ ياكى يازغۇچى شۇنداق يازغانمۇ ؟
سۇئال ساددا ، لېكىن تەبئىي ئىدى . بۇ تەبئىيلىكتە تەپەككۇرىمنى ھالسىرىتىدىغان دەرجىدە چوڭقۇرلۇق باردەك قىلاتتى . بۇ سۇئالنى بىر باكىرە قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ دۇردانىسى دىيىشكەبولاتتى .ئىنسانىيلىق بىلىمدىن ئەلا دېگەن گەپ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك .
قىزىمنىڭ سۇئالى نوزۇگۇمنىڭ قوشىقىنى ئېسىمگە سالدى :
ئېگىز تاغدىن سۇ چۈشتى ،
سۈزۈپ ئېچەر يەر بارمۇ ؟
نوزۇك باشقا كۈن چۈشتى ،
ئېلىپ كېتەر ئەر بارمۇ ؟
نوزۇگۇمنىڭ سۇئالى بىلەن قىزىمنىڭ سۇئالى تېگى - تەكتىدىن ئېىيقاندا بىر سۇئال ئىدى .بۇ ھەرگىزمۇ بىر قەلەمكەش ئۆز ئالدىغا يالغۇز جاۋاپ بېرەلەيدىغان سۇئال ئەمەس ئىدى . نەق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر نېمىلەرنى دەپ قىزىمنى رازى قىلدىم . بىراق ، شۇنىڭدىن كىيىن مەن شۇ سۇئالغا ئەسىر بولغىنىمچە ئىزچىل خىيال قىلدىم .ئۇشتۇمتۇت شۇ سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق بىر تەجىربىنى بىر ماتىريالدىن ئۇچرىتىپ قالدىم .بىر ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك ،كۆپچىلىك ئارىسىدا ئاقىللار بار .كۆرگىنىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم :
تەجىربە خادىملىرى بەش مايمۇننى قەپەزگە سولاپ ،بىر ساپاق باناننى قەپەسنىڭ ئۈستۈنكى شادىسىغا ئېسىپتۇ .ناۋادا مايمۇن باناننى ئېلىشقا ئۇرۇنسا ،سۇ پۈركىلىپ ،مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ھۆل بوپكېتىدىكەن . بۇنى ئەقىللىق ئالىملار ئەنە شۇنداق لاھيەلىگەنكەن .دەسلەپتە بىر مايمۇن باناننى ئېلىپ يېيىشكە ئۇرۇنۇپتىكەن ،نەتىجىدە ،بەش مايمۇننىڭ ھەممىسى بىردەك ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ . مايمۇنلار نۆۋەت بىلەن ئەشۇنداق ئۇرۇنۇشتا بولۇپ ،ئوخشاش ئاقىۋەتنى كۆرۈپتۇ .ئاخىردا مايمۇنلار ھۆل بوپكېتىشىدىن قورقۇپ ،باناننى ئېلىپ يىيىشكە ئۇرۇنمايدىغان بوپتۇ .
كېيىن ،تەجىربە خادىملىرى بىر مايمۇننى قەپەستىن چىقىرۋېلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر مايمۇننى سولاپتۇ .يېڭى مايمۇن بانانلارنى كۆرگەن ھامان ئېتىلىپتۇ ،نەتىجىدە ،قالغان تۆت مايمۇندىن راسا دۇمبا يەپتۇ .چۈنكى ئۇ تۆت مايمۇن ئۇ بىزنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن .يېڭى مايمۇن ئاخىرى ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپتۇ .
تەجىربە خادىملىرى ئەسلىدىكى تۆت مايمۇننىڭ بىرىنى چىقىرۋېتىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى بىر يېڭى مايمۇننى كىرگۈزۈپتۇ .بۇ مايمۇنمۇ باناننى كۆرۈپ ، ئېلىپ يېمەكچى بوپتۇ .ئەلۋەتتە ،ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ بىرىنچى يېڭى مايمۇنغا ئوخشاش دۇمبا يېيىش بوپتۇ .قىزىق يېرى شۇكى ، بىرىنچى يېڭى مايمۇن كېيىنكىلەردىن ھەممىدىن بەكرەك ئۇرۇپتۇ .ئىككىنچى يېڭى مايمۇن قانچە قېتىم ئۇرۇنسا ھەمراھلىرى تەرىپىدىن شۇنچە قېتىم تاياق يەپ ،ئاخىرى بولدى قىپتۇ .
مايمۇنلار ئەنە شۇنداق تەرتىپتە ئالمىشىپتۇ ،ئاخىرى ھېچكىم بانانغا چېقىلالمايدىغان بوپتۇ . ئۇلار بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى زادىلا چۈشەنمەيدىكەن ،پەقەت بانان يېيىشكە ئۇرۇنسا ،باشقا مايمۇنلاردىن دۇمبا يەيدىغانلىقىنىلا ئۇقىدىكەن .
يۇقۇرقى تەجىربە بايانىنى قىزىمغا ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم ، ئۇ :
مايمۇنلارمۇ قىزىق ئىكەن ،ھۆل بوپكەتكەنگە نېمە بولاتتى ؟ __ دەپ ئىنكاس قايتۇردى .
__ ھۆل بوپكېتىشنىڭ ھېچقىسى يوقلۇقىنى پەقەت تەجىربە خادىملىرىلا بىلىدۇ . مايمۇنلار ئۇنى بىلسە ، دۇمبانىڭ ئورنىغا بانان يېگەن بولاتتى ،__ دېدىم مەن جاۋابەن .
مايمۇنلارنىڭ يېڭى ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەممىمىزگە چۈشۈنۈشلۈك بولدى . بىراق ،تەجىربە خادىملىرنىڭ چۈشۈنىشى ئانچە ئاسان ئەمەس ئىدى . بۇ يەردە ئىككى خىل ئەخلاق باردەك قىلاتتى ،لېكىن بىر ئەخلاق يەنە بىر ئەخلاقنىڭ مېۋىسى ئىدى .
شېكېسپىر دادىللىق بىلەن <ئەمەلىي كۈچ ئەخلاقتۇر > دېگەنكەن . ئۇ بۇ خىل ئەخلاقنىڭ مەنبىئىنى دېمەپتۇ .چۈنكى ، دادىللىق ۋە ئەمەلىي كۈچنىڭ روھىي ۋە ئەقلىي مەنبىئى بولىدۇ .
كىشىلەر ھەقىقەتنى ئۆزلىرنىڭ نەپىس _ خاھىشلىىغا بويسۇندۇرۇش يولىدا بىخۇدلارچە ئىلگىرىلەۋەردى . شېكېسپىر ئېيىتقان ئەمەلىي كۈچ ئېھتىياجلارغا ھاكىم بولۇشنى ئىستىگەنلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ،ئەخلاق خاراپ بولدى .
مەنبە :شىنجاڭ مەدىنيىتى 2008- يىل 6- سان |
|