- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-9-3
- تىزىملاش
- 2010-4-22
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 5سائەت
- جۇغلانما
- 4
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 8
- تېما
- 4
- توردا
- 5سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 8
- تېما
- 4
|
ئىپارخان ئۆلىمىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن گەپنى يەكەن خانلىقىدىن باشلىدىم
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىد خان قۇدىرەتلىك سەئىدىيە خانلىقنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا يىڭى بىر سەھىىپە ئاچتى خانلىق گۈللەنگەن ۋاقىتتا تېروتىيسى ھازىرقى شىنجاڭدىن باشقا كەشمىرنى ئۆزئىچىىگە ئالغان ،سەئىد خان خانلىقنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن ئالتە يىلغىچە خەلىقتىن ھېچقانداق ئالۋان سېلىق ئالماسلىق پەرمانىنى چۈشۈرۈپ خەلىقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئانا ماكان قارخانىيلار سۇلالىسىدىن كىيىن يەنە بىرقىتىم گۈللۈنۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتى . سۇلتان سەئىد خان ۋاپات بولغاندىن كىيىن سەئىد خان ئەۋلاتلىرىدىن 12خان تەخىتتە ئولتۇرۇپ بىر يېرىم ئەرسىر دەۋىر سۈردى بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ھەربىي ،ئىختىزاد ،دىننى ،ئەدەبىيات سەنئەت ،قول ھۇنەرۋەنچىلىك ساھاسىدە غايەت زورنەتىجىلەرگە ئېرىشىتى ، يەكەن خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىن بىلەن سىياسىنىڭ ئېنىق ئايرىلماسلىقى سەۋەپلىك دىننى ئۆلىمالار نىڭ كۈچى زورىيىپ خانلىققا تەھدىد شەكىللەندۈردى ،يەرلىك دىننى كۈچلەرنى چەلەش ئۈچۈن خانلىق بۇخارىدىن خوجا مەخدۇم ئەزەمنى دىننى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلدى ، كىيىن خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىككى مەزھەپ شەكىللەندۈر گەن ئىشقىيە مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى ئاپئاق خوجا (خوجا ھىدەيتۇللا ئىشان )ئىسھاقىيە مەزھىپىنىڭ پىشۋاسى ئەبەيدۇللا خوجا ، بۇ ئىككى مەزھەپ خانلىقتىن سىرىت ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى سىياسى كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ خانلىققا تېخىمۇ خانلىققا تېخىمۇ چوڭ تەھدىد بولغان بۇ ئىككى مەزھەپ پىشۋالىرى ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانلىق نۇرغۇن سۈيقەسىتلەرنى پىلانلاپ ئەمەلگە ئاشۇرغان ،بۇئىككى مەزھەپنىڭ كۈچى شۇنچىلىك زورىيىپ ئەمىر بەگلەرمۇ ئىككى مەزھەپكە بۈلۈنۈپ كېتىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى ،ئىسمايىل خان بۇۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئاپئاق خوجىنى چىگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئاپئاق ھىندىستانغا بېرىپ ھىندى خانىدىن پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ قارشى ئېلىشقا ئىشەلمىگەن ، ئۇ ھىندىستان ئارقىلىق تىبەتكە كىىلىپ دالايلامادىن باشئۇرۇپ سۇلتان ئىسمايىل خاننى يۇقىتىشقا ھەمدەم بولسا نۇرغۇن ئولپان تاپشۇردىغانلىقىنى ئىيتقان ،دالايلاما شاگىرتى جۇڭغار خانىغا خەت يېزىپ ئاپئاق خوجىغا بەرگەن ئاپئاق خوجا جۇڭغار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كىلىپ ئىچكى تەسىر كۈچۈدىن پايدىلىنىپ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ قەشقەرنى ئالغان ۋە ئاپئاق خوجا خانلىقىنى قۇرغانىلقىنى جاكارلىغان ،بۇ مەزگىلدە خەلىق تۈگۈمەس بالايى ئاپەتلەرگە دۇچار بولغان ،سەئىد ئەۋلاتلىرى بىلەن ئاپئاق ئوتتىرسىدىكى جەڭ ،ئىشقىيە بىلەن ئىسھاقىيە ئوتتۇرسىدىكى جەڭ سەئىدىيە تەسسەرۇپىدىكى ئىختىزاد تەلىم - تەربىيەنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان ،شۇ ۋاقىتتىكى خەلىق شۇنچىلىك نادانكى ئاپئاق خوجىنى كورسە تۇپۇسىنى كۈزىگە سۈرتكەن 12-14 ياشلىق قىزلىرىنى دوۋا قىلىپقويسىلا دەپ بىرىۋەتكەن ...
ئاپئاق خوجا ئىسھاقىيە پىشۋاسى ئەبەيدۇللا خۇجىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ،ئاپئاق خوجىنىمۇ ئىسھاقىيە مۇرتلىرى قەستىلەپ ئۆلتۈرگەن ئاپئاق خوجا نۇرغۇن قىزلارنى جۇڭغارلارغا سوۋغا قىلىپ ئېلىغا ئەۋەتكەن .كىيىن جۇڭغار خوجىلارنى چەكەلەش ئۈچۈن كىم خان بولسا شۇنىڭ ئوغلىنى ئىلدا تۇتۇپ قالغان ، ئاخىردا تۇتۇپ تۇرۇلغان خۇجىلار چىڭ سۇلاسى چىرىكلىرى جۇڭغارلارنى مەغلۇپ قىلغاندا چىڭ سۇسۇلالىسى قۇشۇنلىرىغا يولباشلاپ يەكەنگە كەلگەن ھەمدە چىيەنلۇڭ تەرپىدىن ھۇقۇققا قۇيۇلغان ،كىيىن بۇخوجىلار چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ قوزغاپ چىڭ سۇلالىسىنى قوغلاپ چىقارغان ،غەزەپلەنگەن چىيەنلوڭ تۈمەنلىگەن سەرخىل قۇشۇننى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن ،جەڭ يەكەنگە كەلگەندە شۇنچىلىك دەھشەتلىك بولدىكى قېرى مۇماي ئاياللار مۇ جەڭگە قاتناشتى بۇنىڭ ئارسىدا يۈسۈپ خان خوجىنىڭ ئايالى ئىپارخانمۇ بائىدى ،چىڭ سۇلاسى قۇشۇنلىرى ئەسكەرلىرىگە نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلىش بەدىلىگە 40كۈندە يەكەن سېپىلىنى ئالدى ،سۈسۈپ خان خوجا شىھىت بولدى ئىپارغان دۇبۇلغا كېيگەن بۇلۇپ نۇرغۇن چىرىكلرنى ئۆلتۈرۈپ تىرىك قولغا چۈشتى ،چىيەنلۇڭ خان بۇ قېتىملىق جەڭنىڭ ئۇزۇققا سۇزۇلغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ ئۈچ كۈن قەتلى قىلىشقا قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى ، يەكەن كوچىلىرىدا ئاللاھۇئەكبەر دىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ نەچچە مىڭ سودىگەر دىھقانلار شېھىت بولدى ،ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قالغان سانغۇن ئىپارخاننى خانغا سوۋغا قىلىش مەقسىتىدە ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە ئولجىلىرى بىلەن بىرگە چىڭسۇلىسى ئوردىسىغا يولغا سېلىندى ، ئۇلار يىتىپ كىلىىغان كۈنى چىيەنلۇڭ ،ۋە باشقاپايتەخىتىىكى چوڭ كىچىك غەربىي يۇرتتنىڭ تەنتەنىسى بىلەن قىزىل راۋاقتا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى كۈزدۈن كەچۈردى ۋە ئىپارخانغا كۆزى چۈشتى گۈزەللىكىدىن ھەيران قالغان چىيەنلۇڭ ئۇنى ئالاھىدە مەرتىۋە بىلەن ھەرەمخانىغا ئۇرۇنلاشتۇردى ،ۋە يېقىنلاشماقچى بولدى لىكىن ئىپارخان بوي بەرمىدى ئەگەر ماڭا يېقىنلاشسىڭىز ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالىمەن دەپتەھدىت سالدى ،چىيەنلۇڭ ئاشىقلىقتا چېكىگە يەتكەن ئىدى ،ئوردا قۇبۇلغىمۇ چىقماس بولدى ،ھەمدە ئىپارخانغا بىرئوردا ياساتتى ئوردا ئىچىگە ھەشەمەتلىك ھاممان (مۇنچا )ياساتتى ،مۇنچىنىڭ بىرتەرپىگە كىچىك تۈشۈك ئاچقۇزۇپ ئىپارخاننىڭ يالىڭاچ قىياپىتىنى مارىدى ،تېخىمۇ ئاشىق بىتاپ بولدى بۇھال ئوردا ئەركانلىرىنى ھەمدە سىشىتەيخۇ (خان بۇزرۇكۋار) نىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىدى ،چىيەنلۇڭ بۇزۇرۇكۋارنىڭ سۆزىگە ھەەپ يەنىلا ئىپارخاننىڭ ئۇتىدا كۈيۈپ يۈردى ، بۇزۇرۇكۋار بۇھالەت خانلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ ئىپارخاننى چاقىرتىپ ،ئۈلتۈرۋىتىدىغانلىقنى ئېيىتقاندا ،، ئەلھەمدۇ لىللاھى مۇسۇلماندۇرمەن مۇشۇ كۈننى كۈتۈۋاتقان ،كافىرلارنىڭ قولىدا ئۈلۈپ شېھىتبۇلۇپ ئېرىمنىڭ قېشىغا بېرىشمىنىڭ ئارزۇيۇم ، قېنى قولسېلىڭ دېيىشبىلەن تەڭ ئالدىن تەييارلانغان سەرۋازلار بۇينىغا ئارغامچىنى سېلىپ ئىككى تەرەپتىن تارتىپ ئىپارخاننىڭ نەپىسى توختۇغاندىن كىيىن ئارغامچىنى قۇيۇپ بەرى ....
بۇكۈرەشلەر ئاخىرلاشمىدى ،جاھانگىر خوجا ، راشىددىن خان خوجا لار چىڭ سۇلاسىنى قوغلاپ چىقاردى ئەڭ ئاخىردا ياقۇپ بەگە ھاكىمىيتىنى زوڭ زوڭتاڭ مەغلۇپ قىلىپ شىنجاڭ نامى بىلەن ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلغاندىن كىيىن خوجىلار توىلىڭى تەلتۈكۈس تىنچىتىلدى . |
|