ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئىسپات)
كۆرۈش: 2973|ئىنكاس: 17
go

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئىسپات)

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
22 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-23 21:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئسپات)



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ كومتېتى 2008- يىلىنى مەخمۇت كاشغەرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

11-ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۈنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پىروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەك كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت كاشغەرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەخمۇت كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:«تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراىانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار.بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە مەشھۇر تارىخچى بارتولد، زەكى ۋەلىدى توغان.تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇلار ئەرەبچە :ھۇدۇد –ئىل ئالەم، ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تاينىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان.:قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيىت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە ، «مۇجىمەلىت تەۋارىخ»ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:ياغمىلارنىڭ پادىشاھىغا بۇغراخان دەيدۇ. دېمەككى خاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر.ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر.يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەھمۇت كاشغەرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا مەخمۇت كاشغىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم مەخمۇت كاشغەرى ئەسىرىدە قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى يازمىغان.

ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇقۇمى

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۇ مەلۈماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920- يىللاردا غەربى يۇرتىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەخمۇت كاشغەرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتى.ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى.مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيش مۇمكىن، ھازىر ھەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ.دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇ.».


مەنبە: تور ساقلانمامدىن

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
702 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 00:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىز ئادەمنى چۆچىتىدۇ جۇما . مەن تىخى مەھمۇت كاشغەرىنى ئۇيغۇر ئەمەس دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ بىر ئىسپات بىرەي دەپ كىرگەن ئەسلىدە ........................ ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
180 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 02:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە ئۆتمۈشكە ئۇنچىۋالا بەك ئىسىلۋالمىساق بولارمىكىن بىزگە لازىملىقى ئىلگىركىلەرنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىى مۇھىم ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە تىگىدىغان پايدىسى ........................ ئەك ياخشىسى كەلگۈسىمىزنى ئەمەلىي مىساللارئۈستىدە كۆپرەك مۇلاھىزە قىلساق بولارمىكىن مەسلەن : قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى يەھۇدىلاردەك قىلغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە ئوخشاش....

Rank: 8Rank: 8

توردا
837سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
1838 
تېما
73 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 09:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە جاپا تارىتتىڭىز مۇشۇنداق ساقلىۋالغانلىرىڭىز بولسا جقراق يوللاپ؛ بەرسىڭز ىلمىگەنلەر بىلىۋالساق
ئەسلىدە مىنىڭمۇ جق سۆزلىگىم باتتى بىراق................
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1150 
تېما
27 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 11:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىنىڭ ماۋزۇسى سەل قۇرقۇنۇشلۇق بۇپ قاپتۇ جۇمۇ، مەنغۇ مۇنداق تېمىلارغا بەك ئامراق ، رەخمەت جۇمۇ
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
1372سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
1711 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 11:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئاچچىغىمدا كىرگنتىم!

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
702 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 14:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى elxat912دە2010-08-24 02:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭچە ئۆتمۈشكە ئۇنچىۋالا بەك ئىسىلۋالمىساق بولارمىكىن     بىزگە لازىملىقى ئىلگىركىلەرنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىى مۇھىم ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە تىگىدىغان پايدىسى ........................   ئەك ياخشىسى كەلگۈسىمىزنى ئەمەلىي مىساللارئۈستىدە كۆپرەك مۇلاھىزە قىلساق بولارمىكىن   مەسلەن :   قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنى يەھۇدىلاردەك قىلغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە ئوخشاش....
بۇ گەپنى خاتا ئىپادىلەپ قويۇپسىز بىز مەڭگۈ ئۇيغۇرلارنى يەھۇدىلاردەك قىلمايمىز ھەم يەھۇدىيلاردەك بولمايمىز . بىراق ئۇلارنىڭ بەزىبىر ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشىمىز ئەڭ مۇھىم .

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1616 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 15:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ مەھمۇد كاشغەرى

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
180 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-24 21:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىلىمەن ئۇيغۇرلار ئالدىراپ يەھۇدىلارغا يىتىشەلمەيدۇ لىكىن مىنىڭ مەقسىتىم ئۇنداق بىزگە كۆپ مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلمەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاز ئويلانساق بولارمىكىن ياتلار بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزگە قاراپ ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قاراپ تونۇيدۇ...........

توردا
852سائەت 
نادىر تېما
دوست
121 
يازما
1660 
تېما
327 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-6 09:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ...رەھمەت بىلۋالدىم....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-27 09:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.