ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار قېزلار بېلىشكە تېگىشلىك20 )
كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 16
go

قېزلار بېلىشكە تېگىشلىك20 )  

توردا
1785سائەت 
نادىر تېما
دوست
200 
يازما
2244 
تېما
563 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە
تېگىشلىك 20 ھېكمەت

1. قېزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ ھازازۇل –قوپال بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەدەپ ئۇقمايدىغان قىزلار ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ؛ ئېسىل، نازاكەتلىك قىزلار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
2. ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا، قىزلار بۇ ۋاقىتتا گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى تەربىيىلەشكىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى سىز 25 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىنلا، قېرىشىش كوچىسىغا قاراپ يول ئالىسىز، بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى قورۇق چۈشكەن رۇخسارىڭىز بولماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىزدۇر.
3. بىر ئايالنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق، ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش-ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى توغرا تاللىشىدۇر.
4. بىر ئەرنىڭ يامان ياكى ياخشىلىقىنى بىلىشتە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر توپ دوستلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا كۇپايە.
5. ئاياللارنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ كېلىشى ۋە قايتىشى ئوخشاشلا تېز. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئاچا-سىڭىللىق ھېسسىياتتىن ئىشەنچلىك، شۇڭلاشقا، سىز ئۇنى قەدىرلىسىڭىز بولىدۇ.
6. گىرىم بۇيۇملىرىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلغا ياخشى كىتابتىن ئىككىنى سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى، گىرىم لايىقىدا بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ سىزنىڭ گىرىم بىلەن بىلىم بىلەن ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس. ئالاھىدە گىرىم قىلغانلار قارىماققا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆز ئىقتىدارى ۋە ساپاسى بىلەن باشقىلارغا قالدۇرغان تەسىر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.
7. ساختا ئوغۇللار دائىم سىزنى ياخشى كۆرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئوغۇل بالا سىزگە «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ ئالدىراپ دېمەيدۇ، پەقەت دېيىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا دەيدۇ. باشقا ۋاقىتتا سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پەقەت ئۆز كۆڭلىدە بىلىدۇ ھەمدە سىزگە سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
8. ئەگەر بىر ئوغۇل بالا سىزنى بىر كۆرۈپلا باشقىچە ھەۋەسلەردە بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزدۇر. سىز بىر ناچار ئوغۇل بالىغا يولۇقۇپ قالغانلىقىڭىزغا ئاغرىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز سەۋەبچى بولغان.
9. سىزنىڭ تېخى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە زادى نېمىڭىزنى تەقدىم قىلىسىز؟!…
10. ئوغۇللار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىز ھامان چېكىنىش يولى قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ئازابلانغان ۋاقىتتا ھەممىسى كېچىككەن بولىدۇ.
11. ئوغۇللارنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى بىر خەتنىمۇ تونۇمايدىغان ئوغۇللار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارغا يولۇققاندا بىر پارچە شېئىرغا ئايلىنىدۇ. ئەمما شائىرلار ھەرگىزمۇ رېئال تۇرمۇشتا ياشىمايدۇ.
12. ئەگەر سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ھېچيەرگە بېرىپ ئايلانمىغان بولسىڭىز، كىتابخانىلارغا بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇڭ، مۇشۇ پەيتنىڭ قانچىلىك رومانتىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھېس قىلماي قالمايدۇ.
13. بىرى سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنى ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىنمۇ ھېس قىلالايسىز؛ ئوخشاشلا ئەگەر بىرى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىز ئۇنى يەنە ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن بايقىيالايسىز.
14. ئەگەر سىز بىر يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىر ئەرنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئىشلىرى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ قالىسىز.
15. ياخشى يىگىت ھەمراھ ئىزدەيدۇ، يەنى خوتۇن بولغۇدەك ياخشى قىز ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ ئىزدەيدىغىنى ھەرگىزمۇ كوچىدىكى سەتەڭلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.
16. مۇھەببەتلىشىش قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكى جەزمەن « مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرس» ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز ئۇنى «تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس» قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلىڭ.
17. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىز كېيىنكى بەش يىللىق ھاياتىڭىزنى پىلانلاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. سىز ئالدى بىلەن بۇ پىلانغا ئوغۇللارنى كىرگۈزمەڭ، يەنىلا ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت بىرلا باش قەھرىمان بۇ پىلاننى ياخشى ئورۇندىسۇن، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماڭ.
18. ھەر ۋاقىت بۆرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئېھتىيات قىلىڭ، بارلىق ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىڭىزنى قوغداڭ.
19. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالىي مەكتەپتە ئوغۇللار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەرلەر ساناقلىقلا. ئەر بىلەن ئوغۇلنىڭ پەرقى چوڭ. ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار كۈچلۈك-ئاجىزلىق، پىشىش ياكى خاملىق جەھەتتە پەرقلەنمەستىن بەلكى، ھېسسىيات ۋە كەلگۈسى جەھەتتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئاخىرى ئەر بولالايدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
20. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.



مەنبە:

‹‹ ئاياللارنىڭ بەخت قۇياشى ››ناملىق كىتاب

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 10:05

Rank: 8Rank: 8

توردا
913سائەت 
نادىر تېما
دوست
84 
يازما
5297 
تېما
812 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپىسز . بۇ تىمىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىمىلەرنى بىلۋالىدىم . ئەجىرىڭىزگە رەھمەت .داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
396سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
870 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
'



مۇشۇ گەپ راسىت جۇمۇ بالىلار!
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
329سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
409 
تېما
11 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.
مەن بۇنى ھەققىقىي توغرا دەپ قارايمەن ،رەھمەت سىزگە.......

ئوينىۋال جاھاندا بىركۈن بولسىمۇ دىگىنىڭ يوقال!
ئالو ..پالو دىيىشىپ ئۇيغۇرنى بۇزغىنىڭ يوقال!

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
198 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش zishuijin نىڭ يازمىسى

مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ،بۇگەپ ناھايتى توغرا

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
198 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يوللىغان تىمىلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ناھايتى مول ئىكەن ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
17 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يوللىغان تىمىڭىزغا رەخمەت ،بەك ئەھمىيەتلىك تىما بولۇپتۇ.راسىت بىز قىزلار ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئوغۇل بالا ئۇچۇن ھەر -قانداق بەدەل بىرەلەيمىزكى ،لىكىن ئاخرقى بىر ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ قويۇشنى ئۇنۇتۇپ قالىمىز........

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
613 
تېما
264 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالدىم،رەخمەت سىزگە

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
760 
تېما
14 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلمىڭىز ھارمىسۇن . داۋاملىق يىىزپ تۇرۇڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
1144سائەت 
نادىر تېما
15 
دوست
100 
يازما
2549 
تېما
335 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزلار ھىسياتچان كىلىدۇ.مانا مۇشۇ تۈپەيلى ئالدىراپ بىرەرسى ياخشى سىزنى كۆرىمەن دېسە ئىشىنىپ قالىدۇ.
كىيىنكى كۈنلەردە بۇياخشى كۆرۈشنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىدۇ.
بۇدۇنيادا قىزلار 70%مۇھەببىتىنى ئاللاھقا ئاتاپ،قالغان 20%پىرسەنتىنى ئاتا-ئانىسىغا ،قالغان 10%تىنى ھالال جۈپتىگە قالدۇرسا كۆڭلى ئازار يىگەن تەقدىردىمۇ بۇبىر ئۆتكۈنچى بۇلۇپ ئۆز-ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-6-5 16:52

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.