ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ھىكمەت ئۈنچىلىرى › تەپەككۇر مىۋىلىرى (6)
كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 3
go

تەپەككۇر مىۋىلىرى (6)

توردا
40سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
67 
تېما
26 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
1- شۈكۈر قىلىش- ئاجىزلارنىڭ بىردىن-بىر تاللىۋالغان يولى.
2- دېھقانلار يول توسۇپ پۇل بۇلايدىغان بۇلاڭچىلارغا قارىغاندا، قايىل قىلماي قەرز سۈيلەيدىغان كادىرلاردىن بەكرەك قورقىدۇ.
3- ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپ - ئادەت ، ئەخلاق-پەزلەتلەرنى كونىلىق، خۇراپىلىق دەۋېرىپ ، مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايلا قالدۇق.
4- ئۇنى قىلسا يامان بولىدۇ، بۇنى قىلسا يامان بولىدۇ ، دىگەن گۇناھ تۇيغۇسى يوقالمىغان بولسا ، كىشىلەنىڭ ئەخلاق قارىشى بۈگۈنكىدەك تۆۋەنلەپ كەتمىگەن بولاتتى.
5- باللىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراپ ، ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلمىغان بولساق، ھازىر ئۇلار كۆزلىرىمىزنى بۇنچىلىك ياشلىمىغان بۇلاتتى.
6- ئىلگىرى قايسى بىر دانىشمەن: « قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا كىيىم كىيگەن يالىڭىچلار پەيدا بولىدۇ» دەپتىكەن. ھازىر كوچىلارغا قارىسىڭىز قىزلارنىڭ ھەممىسىدە كىيىم بار، بىراق كۆپلىرىنىڭ ھەمما ئەزاسى « مانا مەن» دەپلا تۇرغان . بۇ قىيامەتنىڭ شەپىسىمۇ ياكى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسىمۇ ؟!
7- بىز قاچانكى باشقىلارنىڭ سىڭلىسىنى ئۆز سىڭلىمىزدەك كۆرەلىسەك، ئالماقچى بولغان قىزىمىزنىڭ «ساق» چىقماسلىقىدىن غەم يېيىش ھاجەتسىز بولىدۇ.
8- قايەردە ئاياللار پاھىشە، نومۇسسىز، شۇ يەردىكى ئەرلەر ۋىژدانسىز، غورۇرسىز.
9- ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم بار: « قىز تۇغماڭلار، شەرمى-ھايا تۇغۇڭلار. ئوغۇل تۇغماڭلار، غورۇر - جاسارەت توغۇڭلار »
10- ئايال كىشى ياش ۋاقتىدا ئازاپلىغۇچى، قېرىغاندا بولسا ئازاپلانغۇچىدۇر.
11- تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچۇرغۇچىلار - ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ ئەڭ غېرىپ ياشاۋاتقانلار.
12- ئەگەر بىزنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئەھكاملىرى توسۇپ تۇرمىسا، جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان سەتچىلىكلەرنى تەسەۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.
13- مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى بېلىق بىلەن سۇغا ئوخشىتىدۇ، ئويلاپ قالدىم.. بېلىققا سۇ بولمىسا ياشالمايدۇ، لېكىن سۇغا بېلىق بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
14- ئاياللارنىڭ تاپتىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەرلەرنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
15- گۇناھىڭنى يۇيىمەن دىسەڭ ئالدى بىلەن ئاناڭنى رازى قىل.

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىن

توردا
1171سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
29 
يازما
1665 
تېما
154 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەگەر بىزنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئەھكاملىرى توسۇپ تۇرمىسا، جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان سەتچىلىكلەرنى تەسەۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس

ناھايتى توغرا گەپ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
913سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
84 
يازما
5297 
تېما
812 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك تىملىرڭىز ئۇزۇلمىسۇن . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ . كۆپ جاپا چىكىپىسز . سالامەت بولۇڭ .

توردا
60سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
439 
تېما
1 

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك .تىمكەن ..مۇشۇنىڭدەك تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-6-5 16:50

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.