
بولۇپ قالسام بىر سەبىي
شېئرلىرىم كەتتى قېشىڭغا، سۆيگۈم ئۈچۈن نېسىۋە سوراپ. پاناھىڭغا ئالغىن ئۇلارنى، رەقىبلىرىم ئالمىسۇن توراپ. 
ئىزدەپ قويغىن ئاخىرقى نۆۋەت، مەن ئېسىڭدىن چىقىپ كەتكۈچە. كۆرۈۋالاي تاتلىق چۈشلەرنى، سەن تويۇڭنى قىلىپ كەتكۈچە. 
بارالمايمەن مەلەڭگە ئىزدەپ، ئۇيىلىمەن،چۈنكى مەن بىر قىز. بارماي دېسەم مەيلىم ئەمەسقۇ، سېغىنىشلار قىينار تىنىمسىز 
ئۇنتۇغۇم بار ھەممە_ھەممىنى، خاتىرەمنى يوقاتقان كەبى. ھېچبولمىسا قايغۇسىز، غەمسىز، بولۇپ قالسام گۆدەك،بىر سەبىي. 
كىملىكىمگە ئىزاھات
مەن دەرد_ئەلەمگە خۇمار بولۇپ قالغان ، غېرىپ كۆڭۈل،يالغۇزغىنا قىز. جىمجىتلىقنى خالاپ تۇرسىمۇ، شاۋقۇنلارغا قوينى كەڭ دېڭىز. 
مەن پەسىل قۇشى،قانىتى سۇنۇپ، زىمىستاندا قالغان ئامالسىز. كۆزى كورلار قەدىرىنى بىلمەي، تاشلاپ قويغان مۇنبەتلىك ئېتىز. 
مەن زۇلمەتتە ئوت ئاچقان دانكونىڭ، يۈرىكىنىڭ قالدۇق پارچىسى. خىلۋەتتىكى بۇلاق سۈيىگە، جور بوپ ياغقان يامغۇر تامچىسى. 
مەن زەر قۇياشنى كۆرۈپ باقمىغان، ئەما قىزنىڭ كۆزىدىكى ياش چۆللۈكتىكى تەنھا يولۇچى، ئۈمۈدلەرنى چىڭ ئەتكەن ھاپاش.

ھەممە ئاخىرلاشتى
ئازاپ ئىچىدىكى قىزمەن، شادلىقنى ئۆزەمگە كۆندۈرەلمىگەن. شەبنەم كەبى نازۇك بىر ئىزمەن، ئېغىر شاماللارنى كۆتۈرەلمىگەن.
ئاچىق ياشلىرىم تېشىپ بۇلدۇقلاپ، كۆزلىرىم بۇلاققا قالماقتا ئوخشاپ. ئىللىق بىر شامالغا بېقىپ، كۆز ياشلىرىمدا كەتتىمغۇ ئېقىپ.
بىر ئېغىز سۆز بىر ئوق ئېتىلدى، ئىچىمدە بىر جانان چىنە چېقىلدى. بىز ھېكايىمىزنى تېخى باشلىمىغان، بەلكىم ئاخىرلاشتى،تۈگىدى،يېپىلدى...

مەنبە سەنەۋەر ئابدۇراراھمان) ياستىقۇم ئاستىدا بىر تال ئەتىرگۈلدىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xukri214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-3 01:55
|