ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر تەنھالىق نىداسى(چوغلۇق)
كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 11
go

تەنھالىق نىداسى(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
560سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
50 
يازما
1631 
تېما
462 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تەنھالىق نىداسى


تولغۇنىمەن ئازاپتىن،

ھەسرەتتىن،

كۆز ياشلىرىم سىرغىپ،

خۇددى،
نىمجان يىلاندەك.

ياتىمەن ،

تەنھا ھوجۇرامدا،

پەقەت ئۆزەملا،

قەلبىمدىكى ئازاپنى يۈدگۈنچە،

گۆردىكى ئۆلۈكتەك.

تىلىدىم ،

دەرمانسىز قولۇمنى سوزۇپ ،

بەرگىن قولۇڭنى دەپ،

ئەمما،

سەن ئەمدى يوق ئىدىڭ يىنمدا،

يامغۇر سۈيىدەك،

باغرىمغا سىڭىپ كەتكەندەك.

ئاخىرقى ئارزۇيۇم،

بىللە ئۆتكەن چاغلاردەك،

قۇچۇغۇڭدا ،

قالسامچۇ ئاستا ئۇخلاپ،

يىنىڭدا،

قولۇڭنى سىقىملاپ،

ۋىسالىڭغا يەتكەندەك.

تولايمەن ئىڭىراپ بىر ناخشا،

ياق،

قىلىمەن ھەسرەتلىك نىدا.

ئەمما،

مەن ئۆزۈم ئەمەس،
خۇددى بىر ئەرۋاھ،

سېنى ئەگىپ يۈرگەندەك.

قارايمەن،

ئىزدەپ سېنى ئەتراپقا،

ئازاپ ئىچىدە تېڭىرقىغاندەك.

ئەتىراپ جىمجىت،

سۆيگۈگە، ھەممە، ھەممىگە،

خاتىمە بېرىلگەندەك.

پەقەت،

ئايرىلىش ئازابى،
يۈرەكنى قاماللاپ،

توختىماي قىينىغاچ مىنى،

ئىڭرايمەن،
"قىنى سەن نىگار؟"دەپ،

خۇددى سەن ،

سۇمۇرۇغتەك ئۇچۇپ كېلىدىغاندەك.

نۇرسىز كۆزلىرىمنى تىكىپ كۆككە،

ياتىمەن دەرمانسىز،

ياق،

شۇنداقلائۆلۈپ قالارمەنمۇ؟

باغرى ئۆرتۈلۈپ ئۆلگەن ئۆلۈكتەك.

چۈنكى،

كۆيدۇرگەچ ھىجىران ئوتى،

يالماپ ۋوجۇدۇمنى،

يالماۋۇزدەك، يالماۋۇزدەك.......

مەنبە:ئۆز قەلەم

توردا
498سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
648 
تېما
206 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامىلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئوي ئىچى باللا سالامىلەتچىلىكتۇ ،قاچاندىن بېرى تەنھالىق ئىچىدە ياشاپ كىلىۋاتىسىز ،باشقا ئوزگۇرۇش يوقتۇ سىزدە .قارسام بارغانچە قەلىمىڭىز ئوتكۇرلىشىپ كىتىباردۇ بۇنۇڭغا ئەگىشىپ سىزدىمۇ ئوزگۇرۇش بولمىغاندۇ .بۇ تىمىڭىزدا پۇتۇن ھىسسىياتىڭىزنى ئەكىس ئەتۇرۇپ بىرىپسىز ئەمەسمۇ ،بولسا شۇ ئوتلۇق يۇرەكلىرىڭىز ۋە ئىز تۇرى ئۇچۇن جاپا چىكىۋاتكەن قوللىرىڭىز مەنڭگۇ تالمىسۇن سىزگە رەخمەت .....

باھا سۆز

yanbulak ھا...ھا.... رەھمەت.بارمۇسىز، يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟خۇداغاشۇكۈرى، ياخشى.مەندە سىز ئويلىغاندەك ئۆزگۈرۈش يوق. يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:08

Rank: 8Rank: 8

توردا
913سائەت 
نادىر تېما
دوست
84 
يازما
5297 
تېما
812 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك ئۆتكۈر . ئادەمىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ .... تىمىڭىزدىكى ئەلەملەرنى پەقەت سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ..... تەسىراتىڭىز دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ ؟

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
198 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلەم ئىزى،شائېر سۆزى،
شېئر ئەمەس،يۈرەك سۆزى.

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
198 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزنىڭ ژانىرى نىمە؟

باھا سۆز

yanbulak مەن چاچما شېئىر دەپ يازدىم، سىزنىڭچە بۇ ژانىرغا چۈشمەسمۇ؟ يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:16

توردا
40سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
67 
تېما
26 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنتايىن ياخشى يېزىپسىز..........ئىسىل چىقىپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
560سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
50 
يازما
1631 
تېما
462 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
138 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 10:14
قەلمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك ئۆتكۈر . ئادەمىنى قايىل ق ...

بىر ئەسرنىڭ ۋەقەلىكى جۈملىدىن شېئىردا ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى نوقۇل ھالدا ئاپتۇرنىڭ كەچۇرمىشى دىيىش بۇ بىر تەرەپلىمىلىك بولارمىكىن، بۇ مىنىڭ تۇرمۇشدىكى (جەميەتتىكى) كۆرگەن، ئاڭلىغان تەسىراتىمغا ئاساسەن يېزىلغان.

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
560 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزنىڭ يەنە بىر ئېسل تىمىڭىزنى كۆرەلىگىنىمىدىن تولمۇ خۇشالمەن . داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ .

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
760 
تېما
14 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەتلىك قەلمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن .داۋاملىق يىىزپ تۇرۇڭ .

توردا
1051سائەت 
نادىر تېما
دوست
111 
يازما
5913 
تېما
532 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن باشقا شىئىرلارغا قارىغاندا چاچما شىئىرنى بەكرەك ياقتۇرىمەن،چۈنكى ئۇنىڭ قاپىيە مىسرا دەپ ئولتۇرمايدۇ ئەمەسمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-6-5 16:51

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.