كېشىلىك ھاياتتىكى 80،60،40،20
ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن بىر بىنانىڭ 80-قەۋىتىدە تۇرىدىكەن . بىر كۈنى ئۇلار ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ ، بىنادا توك توختىغانلىقىنى بايقاپتۇ . ئۇلار ئامالسىز پەلەمپەي بىلەن ئۆيىگە چېقىشقا مەجبۇر بوپتۇ . 20- قەۋەتكە چىققاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، سومكىلىرىنى ۋاقتىنچە 20 - قەۋەتكە قۇيۇپ قۇيۇپ ، توك كەلگەندە لىفىت بىلەن ئەپچىقىپ كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ ، ئۆزلىرى داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەپتۇ . ئەمما بۇمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ . 40- قەۋەتكە چىققاندا ھېرىپ بولالماي قاپتۇ ،ئۇلار ئەمدىلا بىنانىڭ يېرىمىغا چىققانلىقىنى بىلىپ ، ئۆز-ئارا ئاغرىنىشىپ بىر - بىرىنى ئەيىبلەشكە باشلاپتۇ . ئۇلار شۇ تەرىقىدە 60-قەۋەتكە چىقىپتۇ بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە گەپ قىلغۇدەك مادارى قالماپتۇ . ئۇلار ئاخىرى مىڭ بىر جاپادا 80- قەۋەتكە چىقىپ ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئاچقۇچنىڭ 20- قەۋەتكە قۇيۇپ قويغان سومكىنىڭ ئىچىدە قالغانلىقىنى ئىسىگە ئېلىشىپ بىر-بىرىگە قارىشىپلا قاپتۇ.
بۇ ھېكايە ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرگەن .
20 ياشتا بىز ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەم مۇئەللىمنىڭ ئۈمۈدى ۋە بېسىمى ئاستىدا ياشايمىز . بۇ چاغدا ئۆزىمىز تېخى چوڭ بولمىغان ، ئىقتىدارىمىزمۇ چوڭ ئىشلارغىمۇ يەتمەيدۇ . 20 ياشتىن كېيىن بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ غايىسىنى قوغلىشىمىز . 40 ياشقا بارغىنىمىزدا ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئەپسۇسلىنىمىز ، پۇشايمان قىلىمىز ھەمدە ھېلى ئۇنىڭدىن ، ھېلى بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ، ئۆچمەنلىك ،نەپرەت ئىچىدە 20يىلنى ئۆتكۈزىمىز . 60 ياشقا بارغاندا بولسا كۈنلىرىمىزنىڭ قەدرىگەيېتىپ ،ياخشى ياشاشنى ئويلايمىز . ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بارغاندا ، ئۆزىمىزنىڭ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىمىزنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ، ئەسلى بىزنىڭ بارلىق ئارزۇ ، غايىمىزنىڭ 20 ياشتىكى ياشلىقىمىزدا قالغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز . لېكىن ئەمما ئۇ چاغدا كىچچىككەن بولىمىز....
مەنبە : ئاسىيە كىندىكى 2009-يىل 10- دېكابىر
كۆزنەك
ئامىنە ئەھمەت تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 12:35
|