ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر سەنئەتكارلار بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ(119)
كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 4
go

بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ(119)

توردا
1202سائەت 
نادىر تېما
دوست
161 
يازما
1928 
تېما
432 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۈگۈن ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى





تەھرىر ئىلاۋىسى:



2011-يىلى 5-ئۆكتەبىر — 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1995.10.5-1923) ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقى. بىز مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىكى بارلىق خادىملار ئەدىب ۋاپاتىنىڭ 16 يىللىقىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە خاتىرىلىمەكتىمىز. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسى ئەدىبنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىدى. پىروگراممىنىڭ تۇنجى ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 11:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، تەكرار ئاڭلىتىلىش ۋاقتى: 19:30 (ئۈرۈمچى ۋاقتى).


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
(1923-1995.10.5)






20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان داڭلىق ئەدىب، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى، مول بىلىمى، قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر قىزى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن قىلغان بولسا، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دىن ئىبارەت تارىخ تېمىسىدىكى رومانلىرى ئارقىلىق تارىخىي رومانچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان. كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، خەلقىمىزگە ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس.



ئۇنىڭ زاماندىشى، مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە باھا بېرىپ: «كىشى مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. بەزىلەر جىسمانىي جەھەتتە ئۆلۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىن نامىمۇ ئۆچىدۇ، لېكىن بەزىلەر ھاياتىدا ئەزگۈ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نام-ئاتىقى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. بەزىلەر ‹نامىمنى چىقىرىمەن› دەپ ھەر قىسما ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. ھەتتا ۋەتەننىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى شەخسىي ھالاۋىتى ئۈچۈن پايمال قىلىۋېتىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ كۆمىچىنى كۈلدە قالدۇرۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، ئەزگۈ ئىشلىرى بىلەن ئەزگۈ نامىنى قالدۇرغان ئەزىز زات!» دېگەنىدى.



مەنبە:جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-5 13:03

Rank: 8Rank: 8

توردا
278سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
378 
تېما
77 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ اللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.

مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان شۇنداقلا يازمىلىرىنى ياختۇرۇپ ئوقۇيدىغان يازغۇچى،ئەدىبلەرنىڭ بىرسى دەل ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى.

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
14 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن !! .... مەن مەرھۇمنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ئوقىغان ، ئۇ مېنىڭ ئۈلگەم . ئۇ راستىنلا ئاجايىپ بىر ئالىم ۋە شائىر ، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى ! ئاللا رەھمەت قىلسۇن !!

توردا
156سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
983 
تېما
50 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن !!

نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
797 
تېما
72 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

گۇل ئۈزەي دىگەن ئىدىم سانجىلدى تىكەن،

تىكەنسىز ئەمەس ئىكەن بىلدىم گۇل دىگەن.

ئارقىمغا يانغانتىم گۇل ئىيتتى كۇلۇپ،

تىكەندىن قورقىغدنغا گۇل نەدىكەن.

ئابدۇرىھىم ئۇتكۇر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-9 13:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.