
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملىك تورداشلىرىم، ئۇزۇندىن بىرى يوقاپ كەتسەم مىنى سىغىنىپ قالغانسىلەرمۇ ياقمۇ تازا بىلە لمىدىم ! بىلمىسەممۇ نىمە كارىم دەپلا توبالىمىغان يالغان چىشلىرىنى چىقىرىپ يەنە بىر كۈلۈپ بىرەمدىكىن دەپ پىشكى يۇمۇر ئەكەلگەن ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي! زورلاپ زورلاپ كۈلۈپ بىرىڭلار، ئۈچىيىڭلار ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن مەن ئىگە ئەمەس، شۇڭا ئوتتەك ئەمەس، سەل سۇدىن چىققاندەك قىلىپ سۈزۈپ ئەكەلدىم بۇ يۇمۇرلارنى !

ئەزەلدىنلا مۇتۇسېكىلىت ياكى ماشىنا كۆرۈپ باقمىغان ئىككى چارۋىچى بىر كۈنلەردە ئىككى تۇياقتىن مېلىنى سېتىپ بازار ئايلىنىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپتۇ. شۇ ئارلىقتا بىر كىشى مىنىپ كىتىۋاتقان مۇتۇسېكىلىتنى كۆرۈپ بىر دۇكانداردىن سوراپتۇ.
- ئۇستام ئاۋۇ كىشى مىنىۋالغان نىمە ئۇ؟
- مۇتو.
- نىمىدە ماڭىدۇ.
- بىنزىن بىلەن.
-ئەجەپ ياخشىكىنا، ئاداش بىزمۇ شۇ نەرسىدىن بىردىن سېتىۋېلىپ كىتەيلى ھە؟
- ماقۇل.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئىككى تۇياق مېلىنى سېتىپ بىردىن مۇتۇسېكىلىت سېتىۋېلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە مىنىشنى ئۈگۈنىپ ئويلىرىگە قايتىپتۇ.
قاراڭغۇ چۇشكەندە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بىرى، ئۆيگە كىرىپلا خوتۇنىغا:
- ھوي خوتۇن، دەرھال بالىنى ئېلىپ چىق سېنى ئايلاندۇرۇپ كېلىمەن، دەپلا خوتۇن بالىسىنى ئارقىغا مىندۇرۇپ يولدا كىتىۋاتسا ئۇدۇلدىن بىر تال چىراق يۇرۇقى كۆرۈنۈپتۇ، ئايالى يولدىشىدىن سوراپتۇ.
- ئۇدۇلدىكى ئاۋۇ يۇرۇق نەرسە نىمە ئۇ؟
- ئۇ دىگەن موتۇ، خوتۇن شۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، ئۇدۇلىدىن بىر يۇك ماشىنىسى چىراق تارتىپ كېلىۋاتقىدەك، بۇنى كۆرگەن ئەر ئايالىغا دەپتۇ:
- خوتۇن، بالىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇر، ئالدىمىزدا ئىككى موتۇ كىلىۋاتىدۇ، ئوتتۇرىسىدىنلا بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىمىز...

بىر ئەر-خوتۇن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ، بىربىرىگە گەپ قىلماس بولۇۋاپتۇ . ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا ئېرى ئايالىغا بىر باغاق سۇنۇپتۇ . باغاققا <<ئەتە ئەتىگەن سائەت يەتتىدە مېنى ئويغىتىپ قوي >> دېگەن سۆز يېزىلغان ئىكەن .
ئېرى ئەتىسى سائەت توققۇزدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇ ئالدىراپ كىيىملىرىنى كىيىپ بۇلۇپ قارىسا ، كارۋات يېنىدىكى ئۇستەلدە بىر با غاق تۇرغۇدەك باغاققا <<سائەت يەتتە بولدى ، تېزرەك ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ !>>دەپ يېزىلغانىكەن .
بىر كىشى كىشلەرنىڭ تۆت جىنازىنى بىرلا ۋاقىتتا زاراتلىققا ئېلىپ ماڭغىنىنى كۈرۈپ بىر ھازىداردىن بۇ ئۈلۈپ كەتكەنلەر كىملەر دەپ سوراپتۇ بىرلا ۋاقىتتا تۆت قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ كۆڭلى يېرىم تۇرغان بۇھازىدار، بىرى دۇتتارچى ،بىرى تەمبۇرچى ،بىرى گىتتارچى ،بىرى راۋاپچى قانداق دېيىشىگە
ھېلىقى كىشى ،ۋاھ !!!!!! كەچتە زاراتلىقتا چوڭ ئولتۇرۇش بۇلدىكەندە دىگۈدەك .

[
بىر باينىڭ قىزى بىلەن بىر ناھايىتى نامرات يىگىت مۇھاببەتلىشىپ توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ ،بىر كۈنى يگىت قىزنىڭ دادىسى بىلەن كۈرۈشكىلى قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ قىزنىڭ دادىسى يىگىتنىڭ نامراتلىقىنى بىلىپ غەزەپ بىلەن ھۇ پىتلىق قەلەندەر قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ، مىنىڭ قىزىم بىلەن توي قىلدىغانغا قانچىلىك مال دۇنيارىڭ باتتى
دەپ باقە دېيىشىگە يىگىتمۇ دەرھاللا تۆت تال قويۇم با، بەش تال توخام با، ئىككى ئېغىز كېسەك تاملىق ئۈيۈم با ، گەدىننى قاشلاپ تۇرۇپ يەنە .....يەنە... قىزىڭىزنىڭ قورسۇقىدا
ئىككى ئايلىق بولغان بالام با دىگۈدەك.

بىر تاكسى شوپۇرى يېرىم كېچىدە بىر چەت رايوندىن ئۆتۈپتۇ ، ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ، قاقاسلىق ، جىمجىتلىق ، توساتتىن ئالدىدا بىر بىنا كۆرۈنۈپتۇ ، يېنىدا چىرايلىق بىر ئايال ئۇنىڭ تاكسىسىغا چىقىۋاپتۇ ، ماڭا - ماڭا شوپۇر زېرىكىپ ئۇ ئايالدىن ئۇنى بۇنى سوراپ بېقىپتۇ ، ھېچبىر سادا كەلمىگۈدەك ، نېمە ئىش بوپكەتتى بۇ دەپ قارىسا ھېلىقى ئايالدىن ئەسەرمۇ يوق بىر قونچاق ئولتۇرغۇدەك ، شوپۇرنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپقاپتۇ ، ئالدىراپ - تېنەپ قونچاقنى سىرتقا تاشلىۋېتىپتۇ .شۇ قورقۇنچىدا ئۆيىگە قايتىپ ئۈچ ئاي ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ ،ساقىيىپ ئىدارىسىگە كەلسە ئىدارىسىدىكى باشلىقى ئۇنىڭغا :
- بىر چىرايلىق قىز سېنى ئەرز قىلىپ كەلدى ، يېرىم كېچىدە ماشىناڭنى كىرا قىلىپ ئەمدىلا قونچاقنى سېلىپ تۇرۇشىغا سەن ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قاپسەن ، - دېگۈدەك.

مۇشۇنچىلىك بولسا بولارمۇ ئەمدى؟ ما مۇنبەردىكىلەر سەل ئىھتىيات قىلىڭلار، يەنە مىنى ئۇنتۇپ قالغۇچىلار بولسا ئەتىلا ئاكامنىڭ ماشىنىسىغا سىلىپ 5- دوختۇرخانىغا توشىۋىتىمەن ، ئابدان ساياھەت قىلىسىلەر ئاندىن...
مەنبە: توردىن يىغدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-12 19:49
|