كەستۇرمىگىن ئۆرىمە چېچىڭنى
شائىر:روزى سايىت
ئۇيغۇر قىزى،چېھرىڭدىن نۇر تارايدۇ،
گۈزەللىكىڭ ئاشىقلارغا يارايدۇ،
يۈزۈڭنى ئاي،كۆزۈڭنى كۈن مارايدۇ،
ھەممە ساڭا ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!
بەستى بۇيۇڭ ئوخشايدۇ ئۇز ئارچىغا،
لىېۋىڭ غۇنچە،قاڭشىرىڭ تۈز ناچىغا،
چېچىڭ،بىلسەڭ،جان بېغىشلار بارچىغا،
يات ھەۋەستە قول ئۇزارتما قايچىغا،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!
ئەركىگە قوي چېچىڭ،بەلدە سويلىسۇن،
شەيدا كۆزلەر قاراپ-قاراپ تويمىسۇن،
تاڭ سەلكىنى ئۇنى تاراپ ئوينىسۇن،
كۆز تەگمىسۇن،بىزنى دەردتە قويمىسۇن،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!
چاچ ئەمەس ئۇ،باشتىكى تاج—زىننىتىڭ،
ئۇ غۇرۇرۇڭ،ئەسلى قەدىر قىممىتىڭ،
ئۇ بايلىقىڭ،چىۋەرلىكىڭ،ھىممىتىڭ،
ئاسرا ئۇنى، پەخىرلەنسۇن مىللىتىڭ
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى،
بىلىپ قويغىن:ئۇيغۇر قىزى—شەرقلىسەن
شەرمىڭ بىلەن پۇل باھاسەن—نەرىخلىقسەن،
شۇ چاچ بىلەن ھەركىمدىن پەرىقلىقسەن،
شۇ چاچ بىلەن پەخىرلەنسەڭ،ھەقلىقسەن،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى ،
يىگىت كۆركى بۇرۇت،بىلسەڭ قىزنىڭ چاچ،
تۇخۇم چاپقىن چۈشسۇن تېقىم ، تىزغا چاچ،
ھەسەت قىلىپ قول چىشلىسۇن «كۆزى ئاچ»،
سالسا شەيتان دەي-دەيگە، توپا چاچ!
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!
يارىشىملىق، بەلەن چاچقا قەس قىلما،
ئۇنى كىسىپ قىممىتىنى پەس قىلما،
يىگتلەرنى مەيۈس، خامۇش-مەس قىلما،
مودا قوغلاپ ئالتۇننى خار خەس قىلما،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى،
باغقا قارا،چاتقالمۇ بار، رەنا بار،
ئەلگە قارا،غاپىلمۇ بار،دانا بار....
چاچقۇ شەكىل،شەكىلدىمۇ مەنا بار،
ئېيت، قەيەردە سەندەك زىبا،بەرنا بار،
كەسمە، بەرنا ، ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!....
مەنبە:بىلىمدان تورى
|