كۆزلىرىڭىز نەملەشتى نى چۈن، مۇڭلىنىپلا ئولتۇرىسىز قىزچاق. تەبەسسۇمىڭىز يوقاپتۇ بۈگۈن، نېمە بولدى سىزگە ئەي ئوماق. 
خۇش چىرايلار كەتتى قاياققا، بولدى قىزچاق قېيدىماڭ ئەمدى. خۇشال يۈرۈڭ كۈلكىڭىز بىلەن، سىزگە قاراپ كۆزلىرىم تالدى. 
كۈندە كۆرۈپ خۇش چىرايىڭىزنى، كۆنۈك ئىدى قەلىبلەر ئاڭا. نى چۈن بۈگۈن قاپاقلار تۈرۈك، نە تەسر كۆرسەتتى، دىل ئارامىڭىزغا. 
كۈلكىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن، خۇشاللىققا جۆر بولسام دەيمەن. گەر رەنجىگەن بولسا كۆڭلىڭىز، نە سەۋەب باركىن بىلىۋالاي دەيمەن. 
بولدى ئوماق زارلانماڭ بۇ مۇھىتتىن، ئويلاڭ دائىم خۇشال يۈرگەن كۈنلەرنى. قاپاق تۈرۈپ دۈشمەنلەرنى كۈلدۈرۈپ، يۈرمەڭ ئازابلاپ شۇ مېھرىبان دوستلارنى. 
شوخ كۈلكىلەر جۆر بولسۇن سىزگە، خاپا بولۇپ يۈرمەڭ ئەمدى ھەممىگە. كۆڭۈل دېگەن نازۇك نەرسە ئاشۇنداق، يەنە قېيداپ ئولتۇرماڭ ئۆزگىلەرنىڭ سۆزىگە. 
مەنبە: قەلمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا teshna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-30 11:05
|