ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ
كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 10
go

ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
500 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ

باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سوزغاننى،
تۈن نىسپىدە زىنا ئۈچۈن قەدەم ئالغاننى،
شۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پىنھان پۈتكەننى،
ئاگاھ بولغىن، ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

بىراۋلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغاننى،
بىلمىدى دەپ كىشى ھەققىنى سوقۇپ كەتكەننى،
ئاجىزلارنى مەنسىتمەي بوزەك ئەتكەننى،
ئاگاھ بولغىن ،ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

سورۇنلاردا جەم بولۇشۇپ قەدەھ سوققاننى،
دەتتىكام دەپ پۇلنى كۆزلەپئۇشۇق ئاتقاننى،
كىچىككىنە ھوزۇر ئۈچۈن زەھەر چەككەننى،
ئاگاھ بولغىن، ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

يالغان سۆزلەپ خەقنى ئالداپ پايدا تاپقاننى،
بىر -بىرىگە چېقىشتۇرۇپ جىدەل تاپقاننى،
باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەسەت قىلغاننى،
ئاگاھ بولغىن ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

سەھەر تۇرۇپ،ناماز ئوقۇپ سەجدە قىلغاننى،
گۇناھىغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلغاننى،
رامىزاندا روزىسىنى قويماي تۇتقاننى،
داۋاملاشتۇر ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ سۆزىنى يەتكۈزۈشچۈن ئەجىر قىلغاننى،
ئەل خەلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن جاپا تارتقاننى،
ھالال ئەمگەك تەرى بىلەن جېنىنى ئەتكەننى،
داۋاملاشتۇر ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ.

تاپقان پۇلنىڭ زاكاتىنى ئايرىپ تۇرغاننى،
يىتىم-يىسىر ئاجىزلارغا ياردەم قىلغاننى،
ۋاپادار بوپ ئاتا-ئانىنى رازى قىلغاننى،
داۋاملاشتۇر ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ
.

ئاللاھنى دەپ قىلغان تائەت- ئىبادىتىڭنى،
بۇ دۇنيادا قىلغان يامان ،ياخشى ئىشىڭنى،
كۆڭلىڭدىكى ئوي خىيالىڭ نىيەتلىرىڭنى،
ئۇنتىمىغىن ئاللاھ ئىگەم بىلىپ تۇرىدۇ
.


Rank: 8Rank: 8

توردا
835سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
78 
يازما
1726 
تېما
254 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنىڭ مەنبەسىچۇ شاخزادە؟

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
500 
تېما
102 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

ئوھ كەچۇرۇڭ ئۇنتۇپ قاپتىمەن خاتىرەمدىن كوچۇرۇپ يازغانتىم

باھا سۆز

nazuk214 ۋو خا.....خا......خا..... يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:53

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
2241 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى شېئىركەن.....

توردا
153سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
715 
تېما
63 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.ئۇلۇغ ئاللا دىن پاك كىتىشنى تىلەيلى....

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
182 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىلىپتۇ ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
146 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كوڭۈلدىكى نەق گەپلەرنىڭ ئوزىغۇ بۇ .... ھازىرقى جەمىيەتتىكى بەزى ئىشلارغا قارساملا خۇتۇن ئىلىشتىن يالتىيمەن ... ئاللا ھەربىرىمىزنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۇرگەي امىن ....

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
146 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە راس بەلكىم نۇرغۇن ياخشى قىزلامۇ ئەرگە تىگىشتىن قورقۇدىغاندۇ بەلكىم ... بۇيتاق قىز يىگىتلە كوپىيۋاتدۇ بارغانچە .... ھەيييييييييييي

توردا
303سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1335 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ياخشى شىئىرلارنى ، خاتىرىڭىزدە ساقلاۋەرمەي ........ ھۇزۇرىمىزغا يوللىغاچ تۇرۇڭ . تەڭ بەھىرلىنەيلى. كۆڭلۈم ۋاللىدە ئىچىلغاندەك بولدى .

توردا
582سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
3010 
تېما
362 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز....

كىشىگە قىلىساڭ قىلچە ياخشلىق،
كىشىدىن يانۇر پىلچە ياخشىلىق.
مۇنداق بولسا ھايات گۈزەلدۇر،
مۇھەببەت بىلەن ئىللىق بۇ دۇنيا.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-25 11:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.