ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار كولا «ئورۇقلىدى»، لېكىن باھا «ئورۇقلىمىدى»

      

كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 4
go

كولا «ئورۇقلىدى»، لېكىن باھا «ئورۇقلىمىدى»

توردا
598سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
3174 
تېما
367 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 17:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ياز كېلىشى بىلەنلا سوغۇق ئىچىملىك بازىرى قايناپ كېتىدۇ. كولا، مېۋە شەربەتلىرى دۇكاندارلارنى خۇش قىلىدىغان ئەڭ بازارلىق مەھسۇلات بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە دوستلىرىمىز يېقىندا چوقۇم ئۆزى بىر ئاز «ئورۇقلاپ» قالغان بولسىمۇ، لېكىن باھاسىدا «ئورۇقلاش» كۆرۈنمەستىن، ئەكسىچە سەل «سەمىرىش» ئەھۋالى كۆرۈلگەن داڭلىق ماركىلاردىن كوكاكولا بىلەن پېپسىي كولانى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىككى كولا 4-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە قېتىم باھانى ئۆرلىتىش بۇيرۇقى چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە پېپسىي كولانىڭ يېقىنقى ئەڭ يېڭى باھا ئۆرلەش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولدى.
بۇ يىل 5-ئايدا، كوكاكولا بىلەن پېپسى كولا ئالدى-كەينى بولۇپ، 500 مېللېلېتىرلىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغانىدى. لېكىن ھازىر كۆپىنچە تاللا بازارلىرىغا قارايدىغان بولساق، تېخى بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا بازاردا سېتىلىۋاتقان 600 مېللېلېتىرلىق كولالارنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. كوكاكولا 100 مېللېلېتىر «ئورۇقلىغان» بولسىمۇ، لېكىن باھاسى يەنىلا شۇ «سېمىز» ھالىتىدە تۇرۇۋەردى. يەنىلا 9.9 يۈەنگە تۆت قۇتا سېتىلدى. پېپسىي كولامۇ شۇنداق «ئورۇقلاپ» 500 مېللېلېتېرغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن باھاسى يەنىلا بىر قۇتىسى 2.8 يۈەنگە سېتىلدى.

بىراق بۇ خىل «سېغىمى كىچىكلەپ، باھاسى قىمىرلىماسلىق» - ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمىگەندەك قىلىدۇ. مۇخبىرىمىزنىڭ بىر تاللا بازىرىدىن ئىگەللىشىچە، باھاسىدا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان بۇ كولالار يەنىلا بازارلىق ئىچىملىك ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، پېپسى كولانىڭ 500 مېللېلېتىرلىق سېغىمدىكىسىنىڭ قايتىدىن بازارغا سېلىنىشىدىكى سەۋەب، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل قۇتىدىكى كولانى تېخىمۇ ياقتۇرغانلىقىدا ئىكەن. بىراق مۇخبىر بۇ شىركەتتىن باھانى نېمىشقا چۈشۈرمىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئالاقىدار خادىملار بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بەلكىم ئەستايىدىل كۆزەتمىسەك، كولالاردىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى ھېس قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنى بەزىلەر ئالدانغاندەك ھېس قىلىشى، يەنە بەزىلەر مال باھاسى ئۆرلەۋاتقان پەيىتتىكى نورمال ھادىسە، دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مېنىڭچە، بۇ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلىق.

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
252سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
2251 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 19:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دەيسىز، بۇ ئىنىقلا ئىستىمالچىلارنى ئالدىغانلىق، مەھسۇلات ئورۇقلىغاندىكىن ئەلۋەتتە باھاسىمۇ ئورۇقلىشى كىرەكتە..........

توردا
598سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
3174 
تېما
367 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 10:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
muslimahinim يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 19:36
توغرا دەيسىز، بۇ ئىنىقلا ئىستىمالچىلارنى ئالدىغانلىق ...

دېگەنلىرىڭىزمۇ توغرا،ئىچىملىكلەر ئارسىدا كولا ئەڭ تىز ھەم كۆپ سېتىلىدۇ،ھەم كىشىلەرمۇ ياقتۇرۇپ ئىچىدۇ....بۇنىڭ سەۋەبلىك كولانىڭ كەينىدىن نۇرغۇن گەپلەر چىقىتى مەسلەن:كولا مۇسىمانچە ئەمەس،دېگەندەك كولانىڭ تەركىبىنى تەتقىق قىلىپ تىما يازغانلارمۇ بولدى...بىراق يەنىلا كۆپۈنچە كىشىلەر كولانى ياقتۇرىدۇ،شۇڭلاشقا بۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى.....

توردا
323سائەت 
نادىر تېما
دوست
46 
يازما
1384 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر ھەممە نەرسىلەردە باھا تۇراقسىزلىقى مەۋجۇت بولغاچقا ، بەزىدە ئادەم ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن .

توردا
125سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
140 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىمتى بار تىمە بۇلۇپتۇ ئەجىرڭىزگە رەخمەت دوستۇم، مۇشۇنداق بىر سۇرۇن بولسچۇ دەپ يۇرگەن ئدىم. كوكاكولو. بەيشى كولو ، نى مۇسۇلمانلار ئچىشكە قەتى بولمايدۇ. ئولانىڭ سودا پىرنسپى،ئەقدىسى، نىشانى بولسا،ئوز دىنى كۇچىيتىش، ئسلامغا تاقابىل تۇرۇش ئككەن، بىرتال بەيشى كولو ، بىرتال كوكاكولو سېتۋالساق يەھەدىلارنى تەرەقىياتى ئۇچۇن ھەسىسە قۆشىدىكەنمىز دوسلار . بۇ مىنىڭ شەخسەن كوز قارشىم ئەمەس تۇرداشلار، ئۇلارنى شۇئارى ئۇچۇق ئاشكار ئككەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-5 08:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.