ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئىپپەتسىز شەھەر
كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 7
go

ئىپپەتسىز شەھەر

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
570 
تېما
125 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 17:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىپپەتسىز شەھەر



ئىپپەتسىز شەھەر

دوقمۇشتىكى رەڭگارەڭ چىراق،
شۇ كوچىنىڭ ئىپپەت چىرىقى.
پايخان قىلدى، چەيلىدى ئۇنى ــ
بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى نەچچە رەت ،
شەھۋەتخورلۇق كۇرسلىرىنىڭ
پراۋىسىز تاكسىي شوپۇرى.

قىزلىق سەپلەش شىپاخانىسى،
پىچىرلىدى ئىپپەتكە قاراپ.
شەرمىي-ھايا يوقالغان قارچۇق
ۋۇجۇدلاردىن مارىلاپ يوچۇق،
ئىپپەتسىزلىك ئاراچلىرىغا
سىڭىپ كەتتى ئەيدىزدەك تاراپ.

چاچلىرىنى يۇلدى بىر ئانا
قارغىغانچە تۇزكور قىزىنى.
ئاخشام تويى بولغان يىگىتنىڭ
خانىسىدىن قوغلانغان بىر قىز
ئىزلەپ ماڭدى رەستە _ كوچىدىن
ئىپپىتىنىڭ يۈتكەن ئىزىنى!

ساقاللىرى يۇلۇنغان دادا،
پىچىقىنى ئالدى قىنىدىن.
كۆزلىرىدىن چاچراپ چىققان نۇر،
يوقاپ كەتتى كۆكنىڭ قەھرىدىن.
ئۆز رەڭگىنى يوقاتتى قۇياش
نەرىسىدىن تىترىدى زىمىن!

تۇمارىسنىڭ مەغرۇر كۆزلىرى،
تۆكۈپ قويدى يامغۇر كەبىي ياش!
مەختۇمسۇلا ئەشۇ شەھەردىن،
تاپالمىدى ئۆزىگە قاياش.
ئىپارخانمۇ كەتكەن يىراقلاپ،
پاكلىقىنى ئەتكەنچە باغاش!

ئىپپەت رەڭدە لايىققان دەريا،
تولغىنىدۇ يېگەندەك زەھەر.
غۇيۇلدايدۇ ئىپپەتسىز تاكسىي،
كۆز قىسىدۇ ئىپپەتسىز چىراق،
ئىپپەتسىزدەك كۆرۈنمەس ، ئەمما_
بۇ ئىپپەتسىز ، بۇلغانغان شەھەر


مەنبە:ئىجادىيەت

[td]


توردا
152سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
962 
تېما
50 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 20:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز

توردا
323سائەت 
نادىر تېما
دوست
46 
يازما
1384 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-16 20:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەكرار تىما .

توردا
168سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
244 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 02:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇرۇن بىر قېتىم يوللانغان بۇ تېېېېېېېېېېېېېېما ، ئىجادىيەتكەن....

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
768 
تېما
70 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 07:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنلىق ئىكەن،،،،

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
16 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-17 13:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشي شېئېركەن

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
63 
يازما
943 
تېما
117 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-18 12:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن . مەن بەك ياقتۇردۇم . بولۇپمۇ شئىرنىڭ مۇنۇ مىسراسنى :
ئىپپەت رەڭدە لايىققان دەريا،
تولغىنىدۇ يېگەندەك زەھەر.
غۇيۇلدايدۇ ئىپپەتسىز تاكسىي،
كۆز قىسىدۇ ئىپپەتسىز چىراق،
ئىپپەتسىزدەك كۆرۈنمەس ، ئەمما_
بۇ ئىپپەتسىز ، بۇلغانغان شەھەر

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
41 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 10:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىپسىز! نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-10-5 08:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.