- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-4
- تىزىملاش
- 2011-9-6
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 72سائەت
- جۇغلانما
- 2557
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 630
- تېما
- 95
- توردا
- 72سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 13
- يازما
- 630
- تېما
- 95
|
ھەرقانداق ئاتا - ئانا پەرزەنتىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلاردىكى ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئائىلە مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بالىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1. بالىنىڭ تەلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. ئەگەر بالىڭىز سىزدىن ياردەم سورىسا، ھەرقانداق چاغدا باھانە كۆرسەتمەڭ.
2. بالىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىققاندا، ئۇنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ، بالىڭىزنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماڭ، ئۇنىڭغا تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ، بۇنداق قىلغاندا بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش پىسخىكىسى كۈچىيىدۇ.
3. بالىڭىز تىل ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدە خاتا سۆزلەپ قويسا، ھەرگىز مازاق قىلماڭ. ئەگەر ئۇنى بۇنداق قىلسىڭىز، تىل ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماي، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىسىز.
4. بالىڭىز سورىغان سوئاللارغا ئەستايىدىل، سەۋرىچانلىق بىلەن جاۋاپ بىرىڭ. ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسىڭىز، راستىڭىزنى ئېيتىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، بالىڭىزنىڭ باشقىلاردىن تارتىنىپ يۈرمەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ.
5. بالىنى چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىپ تۇرۇڭ. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىسىنى ھېچقانداق ئىشقا سالمايدۇ، كۆپۈنچە ئاتا - ئانىلار بالىسى بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا، كۆڭۈلدىكىدەك قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئىشنى ئۆزى قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالا ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، مۇستەقىل ئىش قىلىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بالىلارنى ئۇلار قىلالايدىغان ئىشقا، ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەك. بالىغا مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ئۆگىتىش كېرەك. بالىلارغا ئۆزىنىڭ پايپاق، قول ياغلىق، لۈڭگىلىرىنى يۇيۇشنى ئۆگىتىپ، ئاستا - ئاستا چوڭراق ئىشلارغا سېلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسى ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە باشقا چوڭلارنىڭ قوللىشىڭىز ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى |
|