
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:مەن سىلەرگە ۋاقتىنچە خوش دەيدىغان بولدۇم.ئىككى ئايدىن كېيىن كۆرىشەيلى.ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن.سىلەرمۇ مېنىڭ تەتىلىمگە شادلىق تىلەڭلار!! ھە راست ،رامزانغا ئاز قالدى،ياراتقان ئېگىمىز ھەممىمىزنىڭ رامزىنىنى ئاسايىشلىق قىلسۇن!!!ئىمانىمىزنى،بەخت سائادىتىمىزنى زىيادە قىلسۇن!! خوشلىشىش سوۋغىسى قىلىپ بۇ ئىككى پارچە شېئىرنى سۇندۇم.سەل تۇرۇپلا سەپەرگە چىقىمەن شۇڭا ئالدىراپلا يازدىم. يېتەرسىزلىكلەر بولسا ئەيبكە بۇيرىمىغايسىلەر... ئەمسە ھەممىڭلارغا
خەير! ئاللاغا ئامانەت.
توردىشىڭلار:تاتلىق پىغان.
كەچتە يالغۇز چىقما سەيلىگە مەردان ئابدۇللا 
كەچتە يالغۇز چىقما سەيلىگە، ئاي ئىزىڭنى ماراپ تۇرىدۇ. جامالىڭغا كۆز تاشلايمەن دەپ، نۇرى تەقلەپ پايلاپ تۇرىدۇ. 
يۇلتۇزلارمۇ ئەجەپ قىلىقسىز، كۆز قىسىشار مەنىلىك قاراپ. ئېقىپ چۈشەر يولۇڭنى توسۇپ، تاغدىن-باغدىن سوئاللار سوراپ. 
ئازدۇرىمەن دەيدۇ شەيتانلار، مۆكۈپ تۇرۇپ گۈلنىڭ كەينىگە. ساقلا مېنى خانەڭدە مۇڭلۇق، مەن يوق كەچتە چىقما سەيلىگە. 
مەنبە:تاتلىق پىغان قەلىمى (كونا پىنھان) كۆزلەرگە خىتاب مەردان ئابدۇللا مىشچان يىگىت ئەمەستىم ئەسلا، قەيسەر ئىدىم كۆز ياشتىن بىزار. غەزەپ ۋە زار باغرىم ئەزگەندە، بۇ كېسەلگە بولدۇم گىرىپتار. 
تۇغۇلۇشتىن قەيسەر باتۇر دەپ،
بەك چىداملىق دەيتىم ئۆزەمنى. ئەسلى دۇنيا تاشلىماپتىكەن، باشلىرىمغا دەرتنى-ئەلەمنى. 
مۇڭ ياغىدۇ ھەسرەت ئەگىيدۇ،
قۇياش كەبى پارلاق كۆزلەردىن. يۈرەكتىكى ئارمان قان بولۇپ،ئاقتى، كۈلۈشكە ئامراق كۆزلەردىن. 
ھەي!كۈلۈشكە ئامراق جۈپ كۆزلەر،
غايىلىرىڭ ،نىشانىڭ قېنى؟! ياش تۆكسەممۇ تىزىم پۈكمەيمەن، مەرد ياشايمەن تۈگۈپ مۇشتۇمنى. 
مەنبە:تاتلىق پىغان قەلىمى(كونا پىنھان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-15 20:34
|