ئانا .... قۇياش مۆككەن سېنىڭ قوينۇڭغا ، جەننەت نىمە تەبەسسۇمىڭدا . بىر بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلاپ ، چۆرگىلەپ بارار، يادرو قىپ دۇنيا.
قەدىرلىك ئانىلار ! تۆكۈلگەن تۇنجى كىندىك قېنىمىز ھۆرمىتىمىتىدىن سىلەرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۇرىمىز !
ئانا ۋە مىليونلىغان قەدىرلىك ئانىلار! سىلەر بىز ئۈچۈن ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلدىڭلار ، سىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق پەرىشتە. بىز سىلەرنى ھۆرمەتلەيمىز، قەدىرلەيمىز، تۆھپەڭلار ئۈچۈن ئالقىشىمىز ھەر ۋاقىت ياڭراپ تۇرىدۇ.
قەدىرلىك ئانىلار، سىلەر ئۈزلۈكسىز ياشاش دااۋمىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا، ھىمايە قىلىشىغا، ئۈلۇغلىشغا ئېرىشىپ كەلدىڭلار. مانا بىز شۇتاپتا سىلەر تاراتقان نۇر، سىلەر بەخىش ئەتكەن ھارارەتتىن ئوزۇق ئېلىپ، گۈزەل، ئاجايىپ گۈزەل ئەتە قۇرۇش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتىمىز.
دۇنيادىكى 5000 دىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان سۆيۈملۈك ئانىلار ! بىز سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ، قىممەتلىكىنى كۈنسايىن ھېس قىلماقتىمىز، چۈشەنمەكتىمىز. مىللەت بىلەن ئانىنىڭ ، ئانا بىلەن تەرەقىياتنىڭ، تەرەقىيات بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق ۋە تېخىمۇ مەنىلىك ياشاپ قالالىشى سىلەرسىز ، سىلەرنىڭ قەدىمىڭلارسىز، تەبەسسۇمىڭلارسىز بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىز كۈنساناپ " ئىنسان " دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئاتالغۇ ئاستىغا زىچ ئۇيۇشۇپ بىرلىشىپ كېتىۋاتقان بەندىلەر بىز .
...... ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى بولغان سۆيۈملۈك ئانىلار ! 21- ئەسىرنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ، بىر بۇلۇڭنىڭ يىرتىق قىسىمىدىن سىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلغىنىمىزدا ، سىلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىش ، سۆيۈنۈشتىن سىرىت يەنە سىلەرنىڭ تۆھپەڭلارغا، ئەجىرىڭلارغا نىسبەتەن سەل گۇمانىي پىچىرلاشلارنى ئاڭلاپ قالدۇق. بۇنى مۇراجئەت، ئىلتىماس،ئارمان دەپ چۈشەنگەيسىلەر . ئېھ ، ھەربىر ئانا، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىكى ھەربىر ئانا بۇ پىچىرلاشلارنى ئېنىق ئاڭلىيالىسا - ھە ؟! ...
ئانا ! سەن بۇ دۇنياغا تىرلىيونلغان بىزنى كۆز ئاچقۇزدۇردۇڭ. ئانا ، سەن شۇ پەرزەنتىڭگە بىرىنچى بولۇپ ئۆزۈڭنىڭ " ئانا " ئىكەنلىكىڭىدن ئىبارەت بىر سۆيۈملۈك ھەقىقەتنى تونۇت، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاستا - ئاستا چۈشنىشنى ئۈگەنسۇن. شۇندىلا ئۇ نېمىنىڭ ھايات ، نېمىنىڭ ياشاش، نېمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئانا ! سەن باللىرىڭغا " ئانا " دەپ چاقىرىشنى ئۆگتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خاسلىقنى ئۆگەن، ئۇ سەن ئۆگەتكەندەك ئاننى " ئانا " دەپلا قالماي، ئۆزى چۈشەنگەن، چىن ، ئەڭ قەدىرلىك ئىبارىنى بىلدىم، ئاتىدىم، دەپ چۈشەنسۇن.
ئانا ! سەن باللىرىڭغا دۇنياغا قانداق قاراش، قانداق ئىلغار قىممەت قارشى ، قانداق مەدەنىيەت قارشىنى كۆرسىتىشتىن سەل ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس ، ئېتقاد تەربىيسى قىل. ئۇنىڭدا ئېتقاد بولمىسا ، ئىخلاس بولمىسا م ئۇ بىر ياخشى مۇخلىس ، ياخشى شاگىرىت، ياراملىق ئەۋلات بولالمايدۇ. تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەرگە ھەيرانلىق ۋە قاقشاش بىلەنلا جاۋاپ قايتۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىنسان قاقشىغانسېرى جاپادا ،خارلىقتا قالدىغانلىقىڭنى چۈشەنسۇن. شۇنداق قىلالىساڭ ئۇ سېنىڭ يېتەكچىلىكىڭگە بېقىپ ھەقىقىي ئېتقاد ئىگىسى بولالايدۇ. ناۋادا سەن پەرزەنتىڭگە نېمىنىڭ بەخىتلىكىنى ... ھېس قىلدۇرالمىساڭ، ئاقىۋەت ئۇمۇ بۇنداق نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ھېس قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.
ئانا ! سەن پەرزەنتىڭگە مۇھەببەتنى ، نەپرەتنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ. ئۇ سۆيەلەيدىغان، نەپرەتلىنىدىغان، كۈلەلەيدىغان. يىغلىيالايدىغان، گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققۇزۇشنى ، ئاپتاپتەك كۈلۈپ قۇياشتەك تەبەسسۇم قىلىشنى بىلەلەيدىغان بولسۇن .
ئانا ! سەن بالىلىرىڭىنى سېنىڭ يولۇڭ بويىچە ئەمەس، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ ، ئەڭ يۇقىرى كۆرەش نىشانىڭ ، ئامانىڭغا قارىتىپ يېتەكلە. ئۇنىڭدا دۇنيادا ئۆزىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلغۇدەك پۇرسەت، شارائىت يارات. مانا بۇ يۈكسەك بۇرچ.
ئانا ! سەن نەسەبىڭگە ئالدىنقىلار سىزىپ بەرگەن سىزىقتا مېڭشىنى ئەمەس، شۇ سىزىقنى ئۆچۈرۈشنى ، ئاندىن يېڭدىن ئىز چىقىرىپ مەردانە مېڭىشنى ئۆگەت.
ئانا ! سەن قىزلىرىڭغا ھايا، ئەخلاق ۋە قىزلىق نازاكەتنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە قەيسەر ئىرادە، قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئۆگەت. ئۇنىڭغا ئەرلەر بىلەن مەرتىۋە، ئورۇن دەۋاسى قىلىشنى ئۈگەتمەي، ئۈن- تىنسىز قۇربان بىرىشلەر داۋامىدا، سەل قاراشلار داۋامىدا يوقىلىشقا يۈزلەنگەن كىشلىلىك قەدىر - قىممەتنى ، كۆرەشچان روھىنى ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىجادىي خىسلەتنى تىكلەشنى ۋە ئۇنى بېيىتىشنى ئۆز مېھر- مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈلۈك دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۆگەت. ئۇ ھەربىر كۈندىن ، ھەر بىر دەقىقىدىن نۇر چاقنىتىپ ياشىيالايدىغان بولسۇن .
سەن ئۇنىڭغا ساختا گۈزەللىك ، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك دۇنياسىنى تونۇشتۇرماي ، ئىللىقلىق، يورۇقلۇق ، بەخىت جىلۋىسىنى پارلاتقۇزۇشنى بىلدۈر . ئۇ ئۆزنىڭ دۇنياسىنىڭ ئائىلىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلسۇن . فىزىئولۇگىيلىك قۇرۇلمىدىكى بۇرچىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئاساستا ، مەجبۇرىيەتلەر بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا ئالالايدىغان بولسۇن - دە ، بۇ ئەركىنلىكتىن ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىك ۋە بوشلۇقلىرىنى تولدۇرشتا كەڭرى پايدىلىنالايدىغان بولسۇن .
ئانا ! سەن قىزىڭغا تەرەقىياتنىڭ ئائىلىدىن سىرىتقا چىقىپ - كىرىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان مەسلە ئەمەسلىكىنى ، شۇنداقلا ئائىلە ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ توقىسىمۇ بولۇۋىرىدىغان پوپايكا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرىت، ئۇنىڭغا ھېس قىلدۇر، ئۇ بىلسۇن . ئۇ شۇندىلا ئۆزىنى ، ئۆزگىنى بىلەلەيدۇ، بىلىش بولسا ئۆزگەرتىش بولىدۇ. ئۇ ئاندىن ئۆزىگە مۇنداق بىر سوئالىنى قويۇپمۇ يۈرمەيدۇ : " مەن كىم ؟ مېنڭ ياشىشىم ئۈچ ۋاخ تاماق ۋە پەرىزەنىت ئۈچۈنلىمۇ ؟ "
ئانا ! يەنە سەن ئىز باسارىڭ بولغان قىزىڭغا كۆرەش قىلىشنى ئۆگەت، بىراق ئۇ كۆرەش تەرەقىقىيات دېگەنلەرنى ئەرلەر بىلەن بولغان ئورۇن ، مەرتىۋە دەۋاسى قىلىش دەپ بىلمەستىن ، دەل ئىددىيدىكى ، ئاڭدىكى قارىمۇ- قارشىلىقنىڭ كۆرىشى ، بىر مەيدان ئاڭ كۈرىشى ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئويلىسۇن . ئۇ ئۆز - ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىرەلەيدىغان، ئۆز ئەقىل - پاراسىتىدىن يالقۇن چىقىرىپ ئائىلىسىنى ، كائىناتنى ، مۇھىتنى گۈللەندۈرەلەيدىغان ، نۇرلاندۇرالايدىغان، كۆزىنى چاقنىتىدىغان بولسۇن.
شۇندىلا ئۇ نېمىنى ئېچىپ، نېمىنى بايقاشنى ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يىپيېڭى نىشان، مۇساپە كۆرسىتىشنى بىلەلەيدۇ. شۇ چاغدىلا تاشلاندۇق بوۋاقلار ، تەربىيسىز نارەسدىلەر ، نامرات ئۆسمۈرلەر يوقىلىدۇ ياكى ئازلايدۇ . ئىنسانىيەت ئورتاق گۈللىنىدۇ، گۈزەللىشىدۇ. چۈنكى بىلىملىك ، ئەقىللىق خانىم - قىزلار زىمىننىڭ گۈلى ، كائىناتنىڭ زىبۇ زىننىتى .
ئانا ! سەن ئوغلۇڭغا ئېرىششىنى ئۆگىتىش بىلەن ۋاز كېچىشنىمۇ ئۆگەت. يەنە قوبۇل قىلىش بىلەن قوبۇل قىلدۇرۇشنى ، باشقۇرۇش بىلەن باشقۇرۇلۇشنى ئۆگەت . ئۇ قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولسۇن. ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن مەھرۇم بولۇپ قالسا ھەممىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۇنى رىقابەت دۇنياسىغا باشلاپ كىرگىن . ئۇ قوماندانلىق قىلىشنى ، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ، تەۋەككۈلچىلىك ئىچىدە تەمكىن ھۆكۈم قىلىشنى بىلسۇن. ئۇ ئېغىر- بىسىق ، ئەمما قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولسۇن. باشقىلارغا ، ئەتراپىدا ياشاۋاتقانلارغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولسۇن . غەمخورلۇق قىلالايدىغان، قوغدىيالايدىغان ، جاھان ھەققىدە تەپەككۈر قىلالايدىغان بولسۇن . دەرد- ھەسرەتنى تارتالايدىغان بولسۇن . ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلىنەلەيدىغان، تەقدىر ئۈستىدە يىراقنى ئويلىيالايدىغان بولسۇن . شۇندىلا خاتىرجەملىك ئىنسانىيەتنى ياقلايدۇ. بىز ئاتاپ ھارمىغان بەخىت ، بىز تەلپۈنگەن كوممۇنىزىم كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ، سەنمۇ كۈلۈمسىرەيدىكەن .
ئانا ! سەن بالىلىرىڭغا مۇھەببەت - نەپرەتنى ھېس قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭدىمۇ ئىنساننىڭ قەدىرلىكلىكى، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ، ھاياتنىڭ قىسقا ۋە تولىمۇ بىباھالىقىنى بىلدۇرۈپ قويۇپ كەت. شۇنداق قىلالىساڭ ئىزىڭدىن گۈل ، قېنىڭدىن ئىپار پۇرايدۇ . ئۇنىڭغا تەقدىرگە جەڭ ئېلان قىلىشى ، قارىمۇ - قارىشى زىددىيەت ئىچىدىكى مەڭگۈلۈك ئورتاق ئنتىلىشىنى كۆرسىتىپ قويۇپ كەت. ئانا ، سەن ئەۋلاتلىرىڭنى بىر ئەسىر ئىلگىرىكى جىسمانىي ئەمگەك ئېتىزىغا باشلاپ بارامسەن ياكى ئۇلارغا ھۆرلۈك ، بەخىت ھارۋىسىغا چىقىدىغان شوتىنى كۆرسىتىپ قويامسەن ؟
بىر پىشقان ، تەقۋادار ئانا تاش تېپىشنى بىلەن ئەۋلادنى پۇتبول چولپىنى قىلىپ يېتۈشتۈرۈپ چىقالايدۇ . ئەكىسچە بىر لايغەزەل ئانا تۇغما تالانتىلىق خاسىيەتلىك پەرىشتىنىمۇ دالىدىكى گىياھتەك ئۈن -تىنسىز نابۇت قىلىپ تاشلىۋېتەلەيدۇ.
قەدىرلىك ئانا ! سەن يۈرىكىڭنى ئىككى قىلىپ پارچىلىغاندا يەنە بىر يۈرىكىڭنىمۇ ئوخشاشلا تېپچەكلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇما . ئۇ يۈرەكنى سەن ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن كۆچۈرگەنلىكىڭنى ئەسكەرتىپ تۇرغىن . ئۇ يۈرەكنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن " ياشسۇن مۇھەببەت ! ... " دەپ تىنىمسىز دۈپۈلدەۋاتقانلىقىنى گاسلارمۇ ھېس قىلالايدىغان بولسۇن . بۇ سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ . قېنى ، باشلا ئانا ! ...
|