ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئوغۇرلانغان ئەسەر‹‹ماڭا شۇنداق قىز كېرەك›› ...

      

كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 11
go

ئوغۇرلانغان ئەسەر‹‹ماڭا شۇنداق قىز كېرەك››......نۇرى  

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 08:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالغىنىمدىن كۆپتىن كۆپ ئەپۇ سورايمەن. ئەمما ۋاقتىڭلارنى ئالماي دېسەم كېچىچە ئۇيقۇم كەلمەي قالدى. شۇڭاتاڭ سەھەردە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن <
http://www.rohlan.biz/thread-7604-1-1.html> ۋە <http://www.wolqan.com/thread-1609-1-1.html> قاتارلىق ئىككى تور بەتكە يوللىغان ئىجادىي شېئىرىم << ماڭا شۇنداق قىز كېرەك>> نى بۈگۈن كەچتە بىر توردىشىمنىڭ بۇ مۇنبەردە كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى ئوچۇرى مېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى.مەن ئۇنۇڭدىن مەنبە ئەسكەرتىلگەن ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنى سورىسام ئو ئەسكەرتىلمەيلا قالماي ئاپتۇرىمۇ سەن ئەمەسكەنسەن دېمەسمۇ سەل ئاچچىقىم كېلىپ قالدى ۋە كەچتە بۇ بەتكە چىقسام ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن .بۇ تېما http://www.rohlan.biz/> دا جەۋھەرلەنگەن تېما بولۇپ، كۆرگۈچىسى 1600دىن ئارتۇق . يەنە داۋاملىق كۆرگۈچىسى بار تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى. http://www.wolqan.com/ نىڭ باشقۇرغۇچىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بۇ مۇنبەرنىڭ ئاتامانى بىلەن ئۇچۇرلاشقان بولسىمۇ جاۋاپ كەلمىگەن. http://www.wolqan.com/دىكى بەزى تورداشلار ھەتتا ئىسپاتىنى رەسىملىك قىلىپ يوللىغان بولسىمۇ مۇنبەردىكى بۇ تېما يەنىلا بېشىنى ئىگىز كۆتىرىپ تۇرۋاتىدۇ. ئاخىرى ئۆزەممۇ كىردىم. بۇ مۇنبەر ھەققىدىكى چۈشەنچەم ئانچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ يەنىلا شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇ مۇنبەر ئۆزىنىڭ ئونۋېرساللىقى ، كۆپ قۇتۇپلىقى بىلەن مېنى جەلىپ قىلدى. جاپاكەش تېما يوللىغۇچىلار رەھمەت سىلەرگە.
مېنىڭ ئىجادىيىتىم <<قاپلان120>> دېگەن بىرىنىڭ نامى بىلەن بۇ مۇنبەرگە يوللىنىپتۇ. بىر پارچە شېئىر ئىككىگە ئايرىلىپ <<مىيىپ>> قىلىنغاننى ئاز دېگەندەك
/bbs/iz-12503-1-1.html يوللىغان ئۈچ كوبلىتتا ھەر مىسرانىڭ ئارا-ئارىسىدىن خالىغانچە سوزلەرنى چىقىرۋېتىپ يۈز-كۈزى تاتۇق بىلەن تولغان ئادەمدەك قىلىۋېتىپتۇ. قارىغاندا بۇ بىچارە <<قاپلان120>> شېئىر دېگەننى خالىغانچە تۆت ياكى بەش مىسرالىق قىلىپ تىزىپلا قويسا بولىدىغان نەرسە دەپ قالغان ئوخشايدۇ. /bbs/iz-12535-1-1.htmlغا يوللىغىنىدا يەنە خالىغانچە سۆزلەرنى ئۆزگەرتىپ، گىرىمنى جايىدا قىلالمىغان خوتۇندەك چاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن شېئىرنى بۇزۇپ قويغاننى ئاز دېگەندەك .<<ياخشى يېزىپسىز>> دېگۈچىلەرگە بولسىمۇ ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتمەي،خۇددى كاللا قاتۇرۇپ پىكىر قىلىپ يېزىۋاتقاندەك شېئىرنى پارچىلىغان ، ئاخىرىنى يوللاشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇ <<شەرەپسىز شائىر>> بەلكى يەنە كاللا قاتۇرۇپ <<ئىجادىيەت>> بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا كېرەك.
دوستلار ، <<ئىجادىيەت ئوغرىللىرى>> ئەدەبىيات ساھەسىدە ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس. باشقىلار بۇ نۇمۇسسىزلارنى قانچە كالتەكلىگەنسىرى <<تېزىنى باسسا. مېزى چىقىپتۇ>> دېگەندەك ، چىقىپ تۇرۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ بۇنداق نۇمۇسسىزلارغا ئاچچىقىمىز كەلسىمۇ ، ئەمما بۇ نۇمۇسسىزلار بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئاز تولا شۆھرىتىدىن تەرلىنىپ كېرىلىپ يەنىلا بەخىرامان ياشاۋاتىدۇ. ھەيرانمەن . ئەي كىشى جۇۋىسىدا تەرلەنگۈچى ئىنسان، سەن تۆرەلمە ۋاختىڭدا ئاناڭنىڭ قورسىقىدا ئاناڭ قۇۋۋىتىدىن پايدىلىنىپ تەرلەندىڭ، تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاناڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن تامچىپ چىققان ئاپئاق . ھالال سۈتنى ئىمىپ ئۇنۇڭ باغرىدا تەرلەندىڭ، بالا ۋاختىڭدا ئاتا-ئاناڭنىڭ، قەۋمى -قېرىنداشلىرىڭ ۋە ئەتىراپىڭدىكىلەرنىڭ مىھرى- مۇھاببىتىدە تەرلەندىڭ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭدا ئۇستاز مېھرىدە تەرلەندىڭ .... ئەمدى بولسىمۇ مۇستەقىل پىكىر قىلىپ باقساڭ بولمامدۇ؟! گەپنى بولسىمۇ ئۆزەڭ قىلىپ، ئۆز ئەقلىڭ ، ئۆز تەپەككۈرىڭ بىلەن ياشىساڭ بولمامدۇ؟ مەن سېنى نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىللىرىدىكى <<شەھىرىمىزنىڭ ئىتلىرى>> غا ئوخشاتسام قانداق بولار؟ <<يوللىغۇچى: ئادىلجان>> دېگەنگە قارىغاندا سەن بىر <<ئەركەك>> ئوخشايسەن، ساڭا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. سەن باشقىلارنىڭكىنى <<ئۆزەمنىڭ>> دېيىشكە ئامراق ئىكەنسەن. بۇ تۇرقۇڭدا ئايالىڭغا ياستۇق بولۇپ بېرىپ ، تۇققان بالىسىنىمۇ ئۆزەمنىڭ دەپ خوشال ياشايدىغان ئوخشايسەن. ئازىراق بولسىمۇ غورور بىلەن ياشا. تاپقىنىڭ ئاز بولسىمۇ قانائەت قىل. باشقىلارنىڭكىنى ئىگەللىۋېلىپ ھاقارەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەندىن تىلەمچىنىڭ كۈنى ياخشىراق. چۈنكى تىلەمچىگە باشقىلار ئۆز .ئىختىيارى بىلەن بېرىدۇ. ئۇنى تىللىمايدۇ. ئەمما سەندەك ۋىجدانىغا ئىت تېزەكلىگەنلەرنى بولسا ھەممە يەردە چالما - كېسەك قىلىدۇ. ئاناڭ سېنى مۇشۇنداق ياشىسۇن دەپ تۇغقانمىدى؟ ياكى ئاناڭنىڭ ھالال سۈتىنى ئەمگىلى ئۇنۇماي ئىت ئىمىپ چوڭ بولغانمىدىڭ؟! بۇنداق شەرمەندىلىكنى قىلغۇچە ئۆلىۋالساڭ بولمامدۇ ؟! ئەي ئادەم سۈرەتلىك مەخلۇق. ئەگەر سەن بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىغان بولساڭ ئاخشامدىن بېرى بىر پارچە ئەپۇ سوراش خېتى يېزىپ مەن دېگەن مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان بولاتتىڭ . ئەمما سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ. دېمەك سەندە ۋىجداندىن ئەسەر يوقكەن . يەنە ئەپۇ سورىمىساڭ <<ئاپتۇرلۇق ھوقوقىغا دەخلى قىلغان>> بولۇپ قالىسەن بۇرادەر. ئۇ چاغدا بۇنداق ئاسان پۇتمەسلىكى مومكىن. سېنى ساقلايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-31 09:05

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
191سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
62 
تېما
10 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 13:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇقارقى سىز دىگەن تىملار ئۆچۇرۇلدى، باشقلارنىڭ سىزنىڭ تىمىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئۆزنىڭ قىلۋالغانلىقىدىن ناھايتى ئەپسۇسلاندىم . مۇشۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا تورداشلارنىڭ دەل ۋاختىدا ئىنكاس قىلىشنى ئۈمىت قىلىمىز.

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 14:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە گەپلەر بۇئەمدى؟؟؟؟؟؟؟

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 14:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
admin يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 13:29
يۇقارقى سىز دىگەن تىملار ئۆچۇرۇلدى، باشقلارنىڭ سىزنىڭ ...


رەھمەت ئادمىن ئەپەندىم . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەنمۇ سىلەرنىڭ مۇنبەرنىڭ دائىملىق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمدىن سۆيۈندۇم. بۇ مۇنبەرنىڭ ئونۋېرساللىقى مېنى قىززىقتۇردى . ئاللا خالىسا تۇرداشلار بىلەن دائىم ئەسرالىشىپ تۇرۇشنى خالايمەن.
/bbs/iz-12503-1-1.html بۇ تېما ئۆچۈرۈلمەپتۇ. نەچچىلىك ساقلايمەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-31 15:25

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 15:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش nuri520 نىڭ يازمىسى

مەنمۇ ئۇ توردىشىمىزنىڭ ،ئۇ قىلمىشىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم.ئىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!قىزغىن قارشى ئالىمىز.ئىزلىرىمىز ئىز توردا قالغۇسى!

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 15:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇمەقچى بولساڭلار تۆۋەندىكىلەرگە مەرھەمەت. باش بېتىدە سىلەرگە كېرەكلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە باشقا بىلىملەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ يېتىپتۇ. لازىم بولسا پايدىلىنارسىلەر.
http://www.rohlan.biz/thread-7604-1-1.html>
http://www.wolqan.com/thread-1609-1-1.html>

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
137 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە گەپلەر بۇئەمدى؟؟؟؟؟؟؟

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
779 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 00:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي توۋا نىمە دەي ئەمدى. ۋاي دەپ كەتكىچۈلۈك بىر شىئىرمۇ ئەمەسكەن. بولدى ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىدىمۇ دەيلى ئىت ئەمگەن ئۇنى ئەمگەن بۇنى ئەمگەندىن چۈشۈپ كىتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ. ھەممە ئادەم پەقەت بىرنى ئىمىدۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئانىسىنىلا. ھەقەنچە مۇتەپەككۇر شائىر بوپ كەتسەڭلارمۇ گەپ سۆزگە دىققەت قىلىساڭلار بولمامدۇ. ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن خۇدى.

باشقا مىللەتلەرنىڭ نى نى ماقالىلىرى ئوچۇق ئاشكارا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ ئۇلاردىن پۈتۈن خەلىق پايدىلنىدۇ، تەشەككۇر ئوقۇيدۇ. بىزچۇ قاچان بىر كىچىككىنە قىپ قويغان ئىشىمغا ئەل مىنى ۋاي دەركىن دەپ ئاۋارە. ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئاغزىمىزدىن چىقمىغىنى قالمايدۇ دىسە

مۇشۇ تىمىنى يازغۇچى ھە دەپ غورۇر توغۇرلۇق مۇشت ئىتىۋاتقاندا ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەردىن قانچىلىك ئوغۇل بالىنىڭ غورۇرى پۇرايدىغانلىقىنى دەڭسەپ باققانمىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waydardem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-1 00:27

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 00:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش waydardem نىڭ يازمىسى

شۇ ئەمەسمۇ؟بولدى ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلىدۇ.ئۇ تىمىنى ئىزغا ئەپكەلگەن توردىشىمىزمۇ مەنبەنى ئەسكەرتسە مۇشۇ خاپىلىق يوق.ھەي بولدىلا.

توردا
97سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
151 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 01:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەي تىما يوللۇغۇچى سىزگە شۇ نى سورۇغۇم كىلىۋاتىدۇ....سىز ئۇ،ئەسەرنى بېرە مەتبۇ ئاتلارغا سۇنماقچىمىتىڭىز؟!بەكىم مەزكۇر ئەسەر سىزنىڭ ئەسىرىڭىز بىلەن ئوخشاشلىغى باردۇ،يابولمىسا سىزنىڭكىنى ئۈزىنىڭ قىلۋالغاندۇ،ئۇندا بولسا نىمە بۇپتۇ؟ خەخنى شۇنچىلىك مەينەت تىللار بىلەن تىللاش كىتەمدا؟! سىز شۇ تىمىنى كۈرۈپسىز، كۆرگەن ئادەم چىرايلىق ئەسكەرتىش بەرسىڭىز بولمىدىمۇ،شۇنداخمۇيا؟ يەنە ئۆ سىنىمىگە دەسسەۋەرسە مۇنبەر دىگەننىڭ باشقۇرغۇچىسى بولىدۇ، بۇ ئىشنى شۇلارغا ئۇقتۇرسىڭىز مەزكۇر ئەزاغا ئۈزىنى تۈزۈتۈشنى ئۇختۇرغان بوپلاتتى، سىز پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ يۈزۈنى تۆكمەكچى بۇپسىز. بىز ئاجايىپ-غارايىپ كىشىلەردە،باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالىمىز.....ئازىراق قىلغان خاتا ئىشىنى تۇتۇپلا ۋالساق ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايمىغىچە بولدى قىلمايمىز. ئىنكاسىمنى كۆرگەندىن كىيىن ماڭىمۇ ئاچچىغىڭىزكىلىپ،مىنىمۇ تىللاپ چاۋامنى چىتقا يېيۋاتاسىز؟! بولسا سوغۇق قانلىق بىلەن قىلغىنىڭىز توغرىمۇ ئويلۇنۇپ باقارسىز.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 12:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.