ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › مەسلىھەت ۋە ياردەم › مۇنبەر داشلار دىققەت!!!
كۆرۈش: 206|ئىنكاس: 10
go

مۇنبەر داشلار دىققەت!!!

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 14:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق قېرىنداشلار! بۈگۈن « ئەدەبىيات QQ توپى »دا بۇ ياردەم خارەكتىرىدىكى رەسىمنى ئۇچۇرتىپ قالدىم. رەسىمنىڭ كېلىش مەنبەسى بويىچە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلغان بولساممۇ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولمىدى.


نەننىڭدا تېپىۋىلىنغان بۇ نارسىدىنىڭ ئىسمى، گۈلنىگار، 6 ياش. ئاقسۇ شەھىرىدىن. دادىسىنىڭ ئىسمى ئەھەد، 40 ياشلار ئەتىراپىدا. ئاپىسىنىڭ ئىسمى ئاناگۈل. بىر قورساق قېرىنداشلىرىدىن بىر ئاكىسى بولىشى مۇمكىن. ئىنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا نەننىڭغا كەلگىنى 1 يىل بولغان.


يۇقىردىكى رەسىمدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا مەنپەئەتىگە باغلىنىپ قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئايلانغان تويماس نەپسلەر ئۈچۈن ئالدىنىپ، كىچىكىدىن ئاتا-ئانا مىھرى-مۇھەببىتىدىن تەزگەن، تالاي كېچىلەرنى ئاچلىق، ئۇيقىسىزلىق، سېغىنىش، ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان، يات تۇپراقتا روھىي ۋە جىسمانىي ئازاپ ئىچىدە تالايلىغان يانچۇقلارغا ئىختىيارسىز قول سېلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، قاراشقا چىدىغۇسىز قاپقارا كۆزلىرى بىلەن ئەتراپتىن ئۆزىنى تۆت تەڭگە ئۈچۈن ۋىجدان-غۇرۇرىنى، مىللەت-قەۋمىنى سېتىۋىتىدىغان ھارامتاماق ئەبلەخلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۋىلىشنى ئۆتىنىۋاتقان، رەزىللىك قولىدا ئاھ-زار تارتىۋاتقان بالىلىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك!؟ پاكىت تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇكى بۇ ھەقتىكى ھېكايە، سان-سېفىرلار ئاز ئەمەس ھەم ئەتراپىمىزدا بۇ خىل ھادىسىلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە...

پۇل-مەنپەئەت ئالۋۇنىغا دۇچ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكى نىمىنى ئۆلچەم قىلىپ ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ شۇنىڭغا چىن پۈتۈش كېرەككى پېقىرنىڭ جاۋابى، بۈگۈننىڭ ياراملىق قىزلىرى شۇنىڭدەك كەلگۈسىنىڭ قەھىرمان ئانىلىرى تەرىپىدىن... بەلكىم تۆۋەندە «ئەركەكلىرىچۇ!؟» دەپ بويۇن تومۇرلىرىمىزنى كۆپتۈرۈپ جار سالىدىغانلىرىمىز ئەركەكلىرىمىز چىقىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، ھەقىقىي بىر ئانا بولمىغان قەۋىمدە ئاپىرىدە بولغۇسى ئەركەك جىسمىغا نامەردلىك، خىيانەتكارلىق، ساقەتسىزلىك، لايغەزەللىك، ھارام تاماقلىق، ئىپپەتسىزلىك پۈتىلىپ كەتكەن بولىدۇ...

خۇلاسە تامام، مىللەت دەپ سۆزلەيدىغان، مىللەت دەپ كۈچ چىقىرىدىغان پۇرسەت ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بولسا ھەممىمىز مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بۇ نارسىدىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىشقا ياردەمدە بولغان بولساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن. ئۆز قەۋمىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سىزمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇڭ! باشقۇرغۇچىلار تېمىنى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى بولغىچە چوققىلاپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.



مەنبە ؛مىسرانىم مۇنبىرى.
http://bbs.misranim.com/read.php?tid-52436.shtml


توردا
159سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
779 
تېما
4 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 15:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ بالا ھازىر تىپىۋىلىنىپ ساقچىلارنىڭ قولىدىمىكەن ياكى ئوغىرى قاراقچىلارنىڭمۇ؟

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 16:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش waydardem نىڭ يازمىسى

تەپسىلى ئەھۋالى مىسرانىم مۇنبىرىدە بار!!!!

توردا
251سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
11 
يازما
286 
تېما
34 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 17:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ خەۋەرنى تۆت ئاينىڭ ئالدىدا ، قۇياش ، كۇچا ، ئىز قاتارلىق مۇنبەرلەرگە مەنمۇ يوللىغان ، ئەمما ئاتا ئانىسىنىڭ تېپلغان - تېپىلمىغانلىقىدىن ھەممە خەۋەرسىز . قېنى يەنە تىرىشىپ باقايلى .
ئۈنسىز پىدائىيلىرىمىزنىڭ مېھنىتىنى ئاللا كۆرۈپ تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ سالامەت بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 18:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ ئاللا بۇ قىزىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي !

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 18:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ بۇ نارسدى پەرشتنى يامان كۆزىلەرىن ساقىلىغاي. ئاتا - ئانىسى بىلەن تىزراق جەم بولغاي .

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
45 
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 18:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇدا ساقلىسۇن بۇ قىزنى

توردا
51سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
142 
تېما
2 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 02:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
、ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!! ھەجەپمۇ ئىچىم سىرىلدى بۇ قىزنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ

Rank: 8Rank: 8

توردا
375سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
19 
يازما
975 
تېما
327 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 09:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاشۇ ھارامتاماقلارغا شۇنداق غەزىۋىم كەلدى، ئۇ نىجىسلارنىڭ پەرزەنتىلىرى يوقمىدۇ؟، بىچچارە قىزنىڭ بالدۇرراق ئاتا-ئانىسىنى تېپىۋىلىشىغا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مۇنبەرداشلار كۆچ چىقارساڭلار تولىمۇ ساۋاپ ئىش قىلغان بولاتتنىڭلار. ئۇ قىزنى خۇدايىم ئامان قىلسۇن!

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 11:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭمۇ شۇنداق ئچىم سىرىلدى........ھەي بىچچارە سىڭلىم ياقا يۇرۇتلاردا ئاتا - ئاناڭنى سىغىنىپ قانچە ئازاپلىنىۋاتقانسەن....... ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 12:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.