ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ قەشقەر راۋابى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى
كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 9
go

قەشقەر راۋابى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنى

توردا
510سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2466 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەممەد ساۋۇت

مۇزىكا ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك ئىختىراسى. ئۇنىڭ تىلى ئاجايىپ سېھىرلىك تىل، شۇنداقلا قەلبنىڭ تىلى. خەلقىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە تويۇنغان كۈي – مۇزىكىلىرى تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر خىل دەردىگە دەرمان، شادلىق ئەۋجىگە تەڭكەش بولۇپ كەلدى. بۇنداق دىلكەش كۈيلەرنى ئورۇنداشتا ئەجدادلىرىمىز مۇئەييەن چالغۇلارنى ئىجاد قىلغان. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى قەشقەر راۋابىدۇر.
قەشقەر راۋابى جاراڭلىقلىقى، يېقىملىقلىقى، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگىلىكى بىلەن تولىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان چالغۇلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ قەشقەر رايونىدا كەشىپ قىلىنىپ ۋە كۆپ قوللانغانلىقى ئۈچۈن قەشقەر راۋابى (ئويما راۋاب)، دەپ ئاتىلىپ كەلدى. راۋاب ئۈجمە ياغىچى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىپ، راۋاب كاسسىسى بېشى، يۈزى، قارنى، مۈڭگۈز، ئىلغۇچ دەستە، خەرەك، باش خەرەك، ئەگمە، قۇلاق، پەردە، نەقىش قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قەشقەر راۋابىنىڭ يۈزلۈكىگە ئىلگىرى، ئاساسەن، ئېشەك تېرىسى تارتىلىپ، ئۈچىيىدىن تار سېلىنىپ چېلىناتتى. ھازىر، ئاساسەن، يىلان تېرىسىدە يۈزلۈك تارتىلىپ، پولات سىم تار سېلىنىپ، ئاۋازىنىڭ جاراڭلىقلىقى كۈچەيدى.
راۋابنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى دولان ۋادىسىدا ياشىغان خەزەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر چالغۇچىنىڭ تۇنجى راۋابنى ياسىغانلىقى بايان قىلىنغان. خوتەننىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي ئاددىي چۇپان راۋابىنىڭ يۈزىگە كېرىلگەن تېرىسىنى ئېلىۋەتسەك، ئۇ چوڭ قوشۇققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىپتىدائىي راۋاب قەدىمكى چوڭ ياغاچ قوشۇقتىن كېلىپ چىققان، دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ھازىرقى راۋاب ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا تەكرار ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلىنىشنىڭ مەھسۇلى.
ئوت يۈرەك خەلق سەنئەتكارى تاشۋاي قەشقەر راۋابىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆپ تۆھپە قوشقان. تاشۋاينىڭ قەشقەر راۋابىدا ئورۇندىغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان ‹‹ تاشۋاي ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 1 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 2 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 3››، ‹‹ گۇندىپاي – 4 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 5 ››، ‹‹ گۇندىپاي – 6 ›› ، ‹‹ گۇندىپاي – 7 ›› ، ‹‹ يارۇ ›› قاتارلىقلار بۈگۈنگە قەدەر راۋاب تارلىرىدا ياڭراپ، خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ كەلمەكتە.
داڭلىق كومپوزىتور، مەرھۇم قۇربان ئىبراھىم تاشۋاينىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا يەنە شۇ تاشۋاينىڭ مۇبارەك نامى بىلەن مىللىي ئوركېستىرغا يېڭى بىر ئەسەر ياراتتى. بۇ ئەسەرنى ئىجرا قىلىشتا قەشقەر راۋابىنىڭ ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن: بۇ ئەسەرنىڭ 2 – ئۆزگىرىشىدىكى 4/2 لىك رىتىمدا ئىجرا قىلىنىدىغان ئاساسىي مېلودىيە قەشقەر راۋابىغا بېرىلىپ، قەشقەر راۋابىنىڭ جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋازى ئوركېستىردا تولۇق نامايان قىلدى. قۇربان ئىبراھىمنىڭ يەنە بىر ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹مېنىڭ راۋابىم›› مىللىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەشلىكىدە، خاس قەشقەر راۋابىدا ئورۇندىلىپ، مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا سەھنىلىرىنى چاڭ كەلتۈردى. دېمەك، قەشقەر راۋابى يېقىملىق، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئوركېستىردىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ بولۇپ قالدى.
1970 – يىللاردىن بۇرۇنقى قەشقەر راۋابى بەش تارىلىق بولۇپ، مۇشۇنداق تەڭشەك بىلەن چېلىش ئۇزاق يىل داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ئاتاقلىق راۋابچى، مەرھۇم داۋۇت ئاۋات 1970 – يىلىدىن باشلاپ قەشقەر راۋابىنىڭ ئاھاڭ ئورنى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، قەشقەر راۋابىنىڭ تارىنى يەتتىگە ئۆزگەرتىپ، راۋابىنىڭ مۇڭىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ راۋاب نوتا بويىچە يەتتە ئاۋازغا توغرىلىنىپ تەڭشىلىدىغان بولدى.
قىسقىسى، راۋاب ئەنە شۇنداق ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە مىللىي چالغۇلىرىمىز ئىچىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ يەنە بىر قىسىم چالغۇلىرىمىزنىمۇ ياخشىلىشىمىزدىكى بىر ئۈلگە، ئەلۋەتتە.


مەنبە:دىل مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0998cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-15 12:28

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تاش ۋاي مۇزىكىسىنى كىرگۈزۈپ قويغان بولسڭىز كاتتا ئىش بۇلارئىدى.

باھا سۆز

0998cn كىرگۈزۈپ قويدۇم، تەكلىپىڭىزگە رەخمەت يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:29

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ راۋاپنى ياقتۇرىمەن . بولۇپمۇ تاشۋاي مۇزىكىسى ھەقىقەتەن پەيزى چىققان .. ←

توردا
1463سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 15:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچە مىنىڭ راۋابىم دىگەن مۇزىكا ئەڭ ياخشى ماس كىلىدۇ~

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1159 
تېما
247 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ راۋاپنى ياقتۇرىمەن ..........مىنىڭچە مىنىڭ راۋابىم دىگەن مۇزىكا ئەڭ ياخشى

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راۋابنىڭ ئاۋازى بەك يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ جۇمۇ ئىشقىلىپ...مەنمۇ بەك ئامراق راۋابتا ئېيتىلغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا...

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
1007 
تېما
21 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راۋاپنىڭ ئاۋازى ئادەمنڭ يۈرىكىنى تىتىرتىدۇ ...... رەھمەت سىزگە .

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نادىر تىمىلىرڭىز ئۇزلۇپ قالىمىسۇن . رەخىمەت سىزىگە بۇنىدىن كيىنمۇ ئىز مۇنىبىرنىڭ تېخىمۇ رەڭىدار ، جانىلىق بولىشى ئۇچۇن نادر تىمىلىرڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇراسىز . مەن سىزىگە سالامەتىلىك تىلەيىمەن . داۋامىلىق تىرشىڭ .

توردا
276سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
312 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 20:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە باردۇ

توردا
276سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
312 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي بۇ نەدە راۋاپ بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.