
ئەقىدەمدە شاھمەن ئۆزۈم:  ھېسلار تامان يۈرگەنلىرىم راس، قوشاق بىلەنبەزلەپ ئۆزۈمنى. ۋىجدانى يوق ئەقىلسىزلەرگە. تىكمەي كەلدىم ئويچان كۆزۈمنى.
ئەقىدەمدە شاھمەن ئكزۈمگە، مال-بىساتتا بولساممۇ گاداي. غىرىپ كەپەم ئۆزۈمگە ھوزۇر، تامالاردا كۈتمەيمەن ساراي.
پېنھانلاردا يىغلايمەن ئۈنسىز، ياش تۆكمەيمەن خەقنىڭ ئالدىدا تامالاردىن يىراق ئىشچانمەن، مەغرۇر يۈردىم
كۈچۈم بارىدا.
بىدار بولۇپ تۈنلەر قوينىدا، خىيال سۈرۈپ ياتقانلىقىم راس. جانان ئۈچۈن سىغىنىش بىلەن، نەزمىلەرنى پۈتكەنلىكىم راس.
كۆز تاشلىسا سەۋدا يىگىتلەر، كۆز قىرىمنى سالمىدىم پەقەت. ۋىژدانىمدىن پۈتۈلگەچ شەكسىز، ئۆزۈمگە خاس ئوتلۇق مۇھەببەت.
دەرىتمەن دېمەڭ مىنى يارەنلەر، يازغانكۈيىم يۈرەك ئىزھارى. سۆيگۈ، نەپرەت ئىنىقتۇر مەندە، كۆڭلۈم شۇنداق كۈينىڭ خۇشتارى.
يازغانلىرىم ھېسسىمدۇر خالاس، تەبىر ئىزلەپ بولماڭ ئاۋارە. ئاتاپ يازدىم پەقەت بىرسىگە، يازماي دېسەم مەندە نە چارە.
قەلبىڭ ئاڭا كۆيسە چوغلۇنۇپ، يازماسلىققا كۆنمەيدۇ تۈرەك. ساداقەتتە، خىسلەتتە مەغرۇر، پاك سۆيگۈمىز ئاچار گۈل-چېچەك. مەنبە : (ساقلىۋالغىنىم ) 
|