ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى
كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 7
go

ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 23:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

شۇنچە ئېسىل ياراشقان ،قويۇق بۇرۇت ساقىلىم ،

ھۆركىرىسەم ئاۋازىم ،كىتەر ئۈچ-تۆت چاقىرىم ،

يوغان بوي بەست بەدەننى ،ماڭا بەردى تەڭرىم ،

جىسمانىي شەرت تەق لېكىن ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى ،



ئاھ جىسمىمدا ئەخلەتتەك ،دۆۋىلەنگەن كۈچۈم بار ،

كەڭ يەلكەمگە يارىشا ،مەيدەمدە قارا تۈكۈم بار ،

جان ساقلاشتىن ئىبارەت زىممەمدە چوڭ يۈكۈم بار ،

تەقى تۇرقۇم راست ئەردەك ،ئەردىمەيمەن ئۆزۈمنى ،



يەپ باقمىدىم ئەزەلدىن ،مىللىتىمنىڭ غېمىنى ،

پۇرسەت بولسا يەۋالدىم ،بىراۋلارنىڭ نېنىنى ،

ھۈنەر بىلەن شورىدىم ،مىللىيلىكنىڭ قېنىنى ،

مىللىتىمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



سورۇنلاردا قايتۇرماي ،كۈتۈرىمەن رومكىنى،

پۇل سورۇشتا سەتەڭگە ،بىكارلايمەن سومكىنى ،

مەندە ئورغاق نە قىلسۇن ،پودا ئوردۇم ئورمىنى ،

يارالغانمەن مۇشۇنداق ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



كۈندە ئەس ھوش خىيالىم ،قۇشقاچ تۇتۇش ئويىدا ،

قىزىل چىراق يانغان جاي ياكى دەريا بويىدا،

<<ئەرگوڭ>><<داۋەن>><<كەيفاچۈ>>ۋە ياكى تىك قۇدۇقتا،

ئەرلىكىمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ،ئۆزۈمنى.



خۇتۇن بالام نەلەردە ،مەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر ،

شۈكۈر دەيمەن بىر ئۆزۈم ،بولسام ساپساق بىخەتەر،

خۇتۇن سۆيگەن ئەمەسمۇ ،ساراڭلىققا باراۋەر ،

شۇلارنىڭكى ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



مىللەت سۆيۈش ئىدىيسى ،ئەكىس ئەتمەس مېڭەمدە ،

ئۈزەمنىلا ئويلايمەن ،ھەر ماڭدامدا قەدەمدە ،

يوقتەك مىللەت تۇيغۇسى ،ھىس قىلىمەن زىممىمدە ،

مىللىتىمنىڭ ئالدىدا ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



دوستۇم مەندىن سورايدۇ ،قىز ئالداشتا مەسلەھەت ،

يول كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا ،غەلىبە قىلدى نەچچە رەت ،

قىلالمىدىم تەربىيە ،ياكى ئاز-پاز نەسىھەت ،

ۋىجدانىمنىڭ ئالدىدا ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



سىڭلىم ماڭسا دىباغا ،ھاي توختاپتۇر دىمىدىم ،

ئاچام ئۆيگە كەچ قالدى ،سەۋەپ سوراپ يۈرمىدىم ،

مەسئۇل بۇلۇش تۇققانغا دىگەن نىمە بىلمىدىم .

شەجەرەمنىڭ ئالدىدا ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



سۆيەلمەيمەن يۈرەكتىن ،بىرمۇسۇلمان قىزىنى ،

بويلىمايمەن يا بۇۋام ياكى دادام ئىزىنى ،

ئۇلار ياپسا مېزىنى ،مەن ئاچىمەن تېزىنى ،

مەن مۇشۇنداق بەندىمەن ،ئەر دىمەيمەن ئۆزۈمنى .



سېتىپ كەلدىم سورۇندا ،ئەر توغرۇلۇق سەپسەتە ،

ھېچ ئىزنا يوق ئېڭىمدا مىنىڭ ئەرلىك ھەققىدە ،

قىلالمىدىم ئەر تۇرۇپ ،ئەرلىكىمگە ئەقىدە ،

ئەرلىكىمنىڭ ئالدىدا ،ئەردىمەيمەن ئۆزۈمنى .



ئېيتتىم بۈگۈن دوستلىرىم ،كۈڭۈلدىكى سۆزۈمنى ،

ئاچتىم ئاخىر ئەرلىكتە تۇنجى نۆۋەت كۆزۈمنى ،

پاكىز سۇدا چايقىدىم ،ئەمدىلىكتە يۈزۈمنى ،

گەر ئۆزگەرسەم ھەقىقىي ،ئەر دىگەيمەن ئۆزۈمنى .



مەنبە-بوز قىر مۇنبىرى.ئەسكەرتىش-بۇ شىئىر بوزقىر مۇنبىردىكى مەدىكارنىڭ شىئىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
366سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
955 
تېما
323 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 02:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايتى ياخشى شېئىر يوللاپسىز.شۇنداق ھازىر بىر قىسىملىرىمىز ئەرگە ئوخشىماي قالدۇق، ئارمان بار، دەرمان يوق.

توردا
53سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
264 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 03:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەر دېگەن ئۇقۇمغا ماس كەلگۈدەك ئەرلەر راستىنلا ئازلاپ كەتتى جۇمۇ......!

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1565 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 09:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنىسى ھەققىقەتەن چوڭقۇر بوپتۇ،مەن ياختۇرۇپ قالدىم ،ساقلىۋالدىم.......

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
942 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 10:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ ... بىزلەر ئۆزىمىزگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويمىساق بولمىغۇدەك !

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
49 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 11:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جەمئىيتىمىزدە ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋەلىكىنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلىرمىزمۇ كۆپ.

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 15:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي........................ قاچانمۇ ئوڭشىلارمىز، رەھمەت سىزگە.

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-25 15:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسلا كوپ تەلەپ كويساك بولگىدەك ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:55

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.